جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىلگىرى روزىنىڭ ھۆكمىنى بىلمەستىن كۆپ قېتىم روزىنى بۇزىۋەتكەن ئىدىم، لېكىن بۇنىڭ ئېنىق سانىنى بىلمەيمەن؟

سۇئال

ئۆتكەن يىللاردا قانچە كۈن روزىنى بۇزىۋەتكەنلىكىمنى بىلمەيمەن، مەن ئائىلەم بىلەن بىر يېزىدا ياشايتتىم، بۇ يەردىكى ھېچ بىر كىشى روزىنىڭ ھۆكۈملىرىدىن بىرنەرسىنى بىلمەيتتى، مەن بۇ كۈنلەردە روزا تۇتمىدىم، قانچە كۈن روزا تۇتمىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، روزا تۇتالمىغان كۈنلىرىم ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا مال بەردىم، مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن ھەمشىرىلەرنىڭ بىرىدىن: بۇ كۈنلەردىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدىم، مەن بۇ كۈنلەرنىڭ زادى قانچە كۈن ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مۇسۇلمان ئۈچۈن دىننىڭ ئاساسىغا ۋە ئەقىدىگە ئالاقىدار بولغان نەزەرى ياكى تاھارەت ۋە نامازغا ئالاقىدار بولغان ئەمەلى زۆرۈر بولغان شەرئى ھۆكۈملەرنى بىلىشى كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئىقتىساد ئىگىسى بولسا، زاكاتنىڭ ھۆكمىنى بىلىشى كېرەك بولىدۇ، ئەگەر تىجارەت ساھىبى بولسا سودا-سېتىقنىڭ ھۆكمىنى بىلىشى كېرەك، شۇنىڭغا ئوخشاش رامىزان ئېيى يېقىنلاشقاندا، روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلغان ۋە ھەتتا روزا تۇتۇشتىن ئاجىز كەلگەن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ روزىنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلىشى ۋە روزا تۇتالمىغاندا ئۇنىڭ ئورنىغا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ياخشى بىلىشى كېرەك بولىدۇ.

    سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە بۇ توغرىدا ئىلىم تەلەپ قىلىش ۋە سوئال سوراشقا سەل قارىغانلىقىڭىز ئۈچۈن تىزدىن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ مەغپىرەت تەلەپ قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

   ياشانغانلىق ۋە ئۇزۇن ۋاقىت كېسەللىك سەۋەبىدىن روزا تۇتالمىغان كىشىلەرنىڭ تۇتالمىغان روزىسى ئۈچۈن مال بېرىشى توغرا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ رامزاندا تۇتالمىغان روزىسى ئۈچۈن ھەر كۈنلۈك روزىسىغا ھېسابلاپ بىر كەمبەغەلگە يېمەك بېرىشى كېرەك بولىدۇ، روزا تۇتالمىغان كۈنلىرى ئۈچۈن يېمەك بېرىشنىڭ ئورنىغا مال بېرىشى توغرا بولمايدۇ.

     شۇنىڭ ئۈچۈن سىز بەرگەن مالنىڭ قىيامەت كۈنىدە سىزگە ئەجىر-ساۋابى بولىدىغان سەدىقە بولىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

    سىزگە زۆرۈر بولغىنى روزا تۇتماي ياكى روزىنى بۇزغان كۈنلەرنىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتىشىڭىزدۇر، سىز قالغان كۈنلىرىڭىزنىڭ سانىنى ئېنىق ھېسابلاپ چېقىشىڭىز مۇمكىن، ئەگەر ئېنىق ھېسابلاپ چىقالمىسىڭىز، قارىشىڭىزدا كۈچلۈك بولغان بىر ھېسابنى بېكىتسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن: روزا تۇتالمىغان كۈنىڭىزنى ئوتتۇز كۈن دەپ ئويلىسىڭىز، سىزنىڭ بۇ كۈنلەرنىڭ روزىسىنى تولۇق تۇتىشىڭىز كېرەك بولىدۇ، شۇنىڭ ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن شۇنداق ھېسابلىسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنساننى تاقىتى يەتمەيدىغان بىر ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ.

     سىزنىڭ ئۇ كۈنلەردە قالغان روزىلارنى ئۈزمەي تۇتىشىڭىز كېرەك بولمايدۇ، بەلكى تاقىتىڭىزنىڭ يېتىشچە ئايرىم-ئايرىم تۇتسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن يەنە بىر قېتىم كىچىكتۈرمەسلىك ئۈچۈن قازا روزىنى تىزدىن تۇتىشقا ئالدىرىشىڭىز كېرەك.

سىز ئىككىنچى بىر رامىزان ئېيى كېلىشتىن ئىلگىرى ئەۋۋالقى يىلدىن قالغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى باشلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

    بەزى ئۆلىمالارنىڭ قارىشىچە: سىلەرگە رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىك سەۋەبىدىن ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك بېرىش كېرەك بولىدۇ دەيدۇ، لېكىن كۈچلۈك قاراشتا: سىلەر پەقەت روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ، بولۇپمۇ سىلەر كەمبەغەل بولساڭلار شۇنداق، ئەگەر ئىمكانىيتىڭلار بولسا روزا تۇتۇش بىلەن بىرگە يېمەك بەرسەڭلار ياخشى بولىدۇ.

تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 39742- 26212- 40695 ۋە بۇ نومۇرلۇق سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرىنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ ھەيز-نىپاس ياكى كېسەللىككە ئوخشاش شەرئى سەۋەپلەر بىلەن تۇتالمىغان روزا ئۈچۈندۇر، ئەمما سىلەر روزا تۇتماسلىقتا ئۈزۈرلۈك بولمىساڭلار ئۇ ۋاقىتتا سىلەرگە تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ، مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ، بۇنىڭ ئورنىنى نەپلە روزىلارنى تۇتۇش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش بىلەن تولدۇرۇشۇڭلار كېرەك بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى