بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
شۇنداق، جامائەت نامىزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىمام ۋە يەنە بىر ئىقتىدا قىلغۇچى بولسا ئۆيدە بولسۇن ياكى سىرتتا بولسۇن كۇپايە قىلىدۇ. ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىككى ۋە ئىككىدىن كۆپ كىشى بولسا جامائەت بولىدۇ" باب تۇرغۇزۇپ ئاندىن بۇ ھەدىسنى كەلتۈردى. مالىك ئىبنى ھۈۋەيرىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نامازنىڭ ۋاقتى بولغاندا نامازغا ئەزان توۋلاڭلار، تەكبىر ئېيتىڭلار ئاندىن ئاراڭلاردىن ياشقا چوڭراق بىرىڭلار ئىمام بولسۇن» [بۇخارى رىۋايىتى 658-ھەدىس].
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمام بۇخارىنىڭ "ئىككى ۋە ئىككىدىن كۆپ كىشى بولسا جامائەت بولىدۇ" دېگەن سۆزى بۇ ھەدىسنىڭ زەئىپ يولدىن كەلگەن لەۋزىنىڭ تەرجىمىسىدۇر، .... پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ يالغۇز ناماز ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەن: «بۇ كىشىگە ياخشىلىق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ناماز ئادا قىلىشىپ بېرىدىغان كىشى يوقمۇ؟ دېگەندە، بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ كىشى بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇشۇپ بەرگەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بۇ ئىككىسى جامائەت دېگەن».
يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ۋاقىئەلىك ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىنىڭ باشقا سەھىھ يول بىلەن بايان قىلغان بايانىدا [بۇ ئىككىسى جامائەت دېگەن] سۆز بايان قىلىنمىغان.
يەنە مۇنداق دېگەن: بۇ سۆزگە مالىك ئىبنى ھۈۋەيرىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىسنى دەلىل قىلىپ ئەڭ ئاز جامائەت ئىمام ۋە ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. بۇ ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن ياكى كىچىك بالا بولسۇن ھەممىگە مۇناسىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ھاپىز ئىبنى ھەجەر ئىشارەت قىلغان ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد 554-نومۇرلۇق ھەدىستە سەھىھ دېگەن بولۇپ، بۇ ھەدىسنىڭ لەۋزى: ئەبى سەئىدىل خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ يالغۇز ناماز ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەن: «بۇ كىشىگە ياخشىلىق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ناماز ئادا قىلىشىپ بېرىدىغان كىشى يوقمۇ؟ دېگەن». بۇ ھەدىسنى ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 2652-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن».
ئەۋنىل مەبۇدتا يۇقىرىدىكى ھەدىسنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دېگەن: ئۇ كىشىگە جامائەتنىڭ ساۋابىنىڭ ھاسىل بولىشى ئۈچۈن گوياكى ئۇ كىشىگە سەدىقە بەرگەنگە ئوخشاش بولىدۇ.
ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشى بىلەن بىرگە ئوقۇغان نامىزى ئۇنىڭ يالغۇز ئادا قىلغان نامىزىدىن يۇقىرىدۇر، ئىنساننىڭ بىر ئادەم بىلەن بىرگە ئادا قىلغان نامىزىدىن ئىككى ئادەم بىلەن بىرگە ئادا قىلغان نامىزى ئەۋزەلدۇر. نامازدا جامائەتنىڭ كۆپ بولۇشى ئاللاھ تائالاغا ياخشى كۆرۈلىدۇ». [نەسائى رىۋايىتى843-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد 554-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 2242-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن».
لېكىن شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىنسانغا نامازنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئادا قىلىش ۋاجىبتۇر. ئۆيىدە جامائەت بولسۇن ياكى يالغۇز ھالەتتە بولسۇن پەرز نامازنى مەسچىتتە ئادا قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۈزۈر بىلەن بولسا بولىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن: ئىككى كىشى بىرگە ناماز ئادا قىلسا جامائەت نامىزى ھېسابلىنامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: ئىككى ياكى ئىككىدىن كۆپ كىشى جامائەت بولىدۇ، لېكىن جامائەتنىڭ سانى زىيادە بولغانسېرى پەزىلەت-ياخشىلىق زىيادە بولىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ نامازنى جامائەت بىلەن بىرگە مەسچىتتە ئادا قىلىش ياخشى بولىدۇ. [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى 7-توم 289-بەت].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئۆيىدە جامائەت بولۇپ ناماز ئادا قىلغان كىشىلەر توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ مۇنداق دېگەن: ئۇلارغا نەسىھەت قىلىمىز. ئۇلار ئاللاھدىن قورقسۇن نامازنى جامائەت بىلەن مەسچىتتە ئادا قىلسۇن، ئۆلىمالارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا كۆرە، ئۈزۈر بولمىغان ئەھۋالدا نامازنى جامائەت بىلەن مەسچىتتە ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: «مەن ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇپ، تەكبىر ئېيتىلسا ئاندىن بىر كىشنى بۇيرۇسام جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرسە، ئاندىن مەن ئوتۇن كۆتۈرگەن بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن جامائەت نامىزىغا ھازىر بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرىۋىتىشنى مەقسەت قىلدىم». [بۇخارى رىۋايىتى 644-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 651-ھەدىس].
ئاشۇ كىشىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ تۇرغان ئورۇنلىرىدا جامائەت بولۇپ ناماز ئادا قىلغان بولىشى مۇمكىن، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ شەرىئەت كۆرسەتكەن بويۇنچە جامائەت بولىشىنى مەقسەت قىلغان، شەرىئەت كۆرسەتكەن جامائەت دېگەن نامازنى مەسچىتتە ئادا قىلىدۇ. يەنى نامازنىڭ ۋاقتى ھازىر بولغاندا ئەزان ئوقۇلغان مەسچىتتە ئادا قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەتە ئاللاھ تائالاغا مۇسۇلمان ھالەتتە ئۇچرىشىش خۇرسەن قىلىدىغان كىشى ئەزان ئوقۇلغان جايدا نامازلارنى ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلسۇن». يەنى قەيەردە ئەزان ئوقۇلغان بولسا شۇ يەردە ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى 15-توم 19-بەت].