بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
رەغائىب نامىزى رەجەپ ئېيىدا پەيدا قىلىنغان، رەجەپ ئېيىنىڭ دەسلەپكى جۈمە كېچىسى شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزى ئارىسىدا ئوقۇلىدىغان، بۇ نامازنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى پەيشەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇپ ئاندىن جۈمە كېچىسى ئوقۇلىدىغان بىدئەت نامازدىن ئىبارەتتۇر.
رەغائىب نامىزى ھىجىرىيىنىڭ تۆت يۈز سەكسىنىنچى(480-)يىللىرىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بەيتۇلمەقدىستە مەيدانغا كەلگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ياكى ساھابىلارنىڭ بىرىدىن ياكى ئىسلام گۈللەنگەن دەسلەپكى ئەسىردە ياشىغان ئالىم-ئۆلىما ۋە يېتەكچى ئىلىملاردىن بۇ نامازنى قىلغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئەسەر بايان قىلىنمىغان، بۇنىڭ ئۆزى بۇ نامازنىڭ ماختالغۇچى سۈننەت بولماستىن بەلكى ئەيىبلەنگۈچى بىدئەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىكتۇر.
ئىسلام ئۆلىمالىرى بۇ نامازنى توغرا بولمىغان بىدئەت ئىشلاردىن دەپ قاراپ كىشىلەرنى بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇردى.
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەل مەجمۇئ" ناملىق ئەسەر 3-توم 548-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: رەغائىب نامىزى دەپ ئاتالغان بۇ ناماز ئون ئىككى رەكەت بولۇپ، رەجەپ ئېيىنىڭ دەسلەپكى جۈمە كېچىسى شام بىلەن خۇپتەن نامىزى ئارىلىقىدا ئوقۇلىدۇ، شەئباننىڭ ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان ناماز يۈز رەكەت بولۇپ، بۇ ئىككى تۈرلۈك ناماز دىندا يولغا قويۇلمىغان، توغرا بولمىغان بىدئەت نامازلاردىن بولۇپ، بۇ ئىككى تۈرلۈك نامازنىڭ (قەلب قۇۋىتى، ۋە ئىھيا ئۇلۇمىددىن) قاتارلىق كىتابلاردا زىكىر قىلىنىشى كىشىلەرنى ئازدۇرىۋەتمىسۇن. بۇ ئىككى تۈرلۈك ناماز توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلى بولمىغان باتىل ھەدىسلەردىندۇر. بۇ ئىككى تۈرلۈك نامازنىڭ ھۆكمىنى ئارىلاشتۇرۇپ بۇنىڭغا جاۋابەن ۋاراقچىلارنى يازغان بەزى ئۆلىمالارنىڭ بولىشىمۇ كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ قويمىسۇن چۈنكى ئۇلار خاتالاشقانلاردۇر. ئۇستاز يول باشچى ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇرەھمان ئىبنى ئىسمائىل ئەلمەقدىسى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئىككى تۈرلۈك نامازنىڭ باتىل ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئېسىل بىر ئەسەرنى يېزىپ چىقتى".
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ نامازنى كەشىپ قىلغان ۋە توقۇپ چىققانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلسۇن، چۈنكى ئۇ ئىنكار قىلىنىدىغان بىدئەت بولۇپ، بىدئەت دېگەن ئازغۇنلۇق ۋە نادانلىقتۇر، بۇ نامازنىڭ سۈننەتتە ئەسلى يوق، ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكى ۋە بۇ نامازنى ئوقۇغان، يولغا قويغان كىشىلەرنىڭ ئازغۇن ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ باتىل ئىكەنلىكى، بۇنى قىلغانلارنىڭ دىندا يوق ئىشنى يولغا قويغانلىقىنى بايان قىلىپ ئالىملار ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇردى".
ئىبنى ئابىدىن ئۆزىنىڭ "ھاشىيە"2-توم 26-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " بەھىر ناملىق ئەسەردە مۇنداق بايان قىلىنغان: بۇ دەلىللەردىن شۇ مەلۇم بولىدۇكى، رەجەپ ئېيىنىڭ دەسلەپكى جۈمە كېچىسىدە ئوقۇلىنىدىغان رەغائىب نامىزىغا توپلىنىشنىڭ ياخشى كۆرۈلمەيدىغانلىقى ۋە بۇ نامازنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ.
ئۇستاز نۇرىددىن ئەلمەقدىسى بۇ توغرىدا "رەغائىب نامىزىغا رىۈبەتلەنگۈچىلەرگە رەددىيە" ناملىق بىر كىتاپ يېزىپ ئۇنىڭدا: ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى تۆت مەزھەب ئالىملىرىنىڭ بۇ توغرىدىكى قارىشىنى ئاساسەن بايان قىلغان.
ئىبنى ھەجەر ھەيتەمى رەھىمەھۇللاھدىن: رەغائىب نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇش توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ كىشى جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "رەغائىب نامىزى بولسا شەئباننىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچىدە ئوقۇلىدىغان نامازغا ئوخشاش ئەيىبلىنىدىغان بىدئەت ئىشلاردىن بولۇپ، بۇ توغرىدا سۆزلەنگەن ھەدىسلەر توقۇلمىدۇر، بۇنى يالغۇز ئوقۇشمۇ ياكى جامائەت شەكىلدە ئوقۇشمۇ ياخشى كۆرۈلمەيدۇ". ["پەتىۋا پىقھىيەتىل كۇبرا"1-توم 216-بەت].
ئىبنى ھاج مالىكى رەھىمەھۇللاھ"ئەلمەدخەل"1-توم 294-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: مۇشۇ مۇبارەك رەجەپ ئېيىدا پەيدا قىلىنغان بىدئەتلەرنىڭ جۈملىسىدىن: رەجەپ ئېيىنىڭ دەسلەپكى جۈمە كېچىسىدە مەسچىت-جامەدە ئوقۇلىدىغان رەغائىب نامىزى بولۇپ، بەزى شەھەرلەردىكى مەسچىت-جامەلەردە كىشىلەر توپلىشپ خۇددى يولغا قويۇلغان نامازنى ئادا قىلغاندەك ئىمامغا ئەگىشىپ جامائەت بولۇپ بۇ نامازنى ئادا قىلىدۇ... ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھنىڭ مەزھىبىدە: رەغائىب نامىزى ئوقۇش ياخشى كۆرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئىلگىرى ئۆتكەن ياخشى كىشىلەر قىلغان ئىش ئەمەس، ئاللاھ رازى بولغان كىشىلەرگە ئەگىشىش ياخشىلىق ھېسابلىنىدۇ.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سانى بەلگىلەنگەن، ئوقۇيدىغان ئايەتلەر بەلگىلەنگەن ۋە مەلۇم ۋاقىتتا پەرز نامازدەك جامائەت شەكىلدە ئوقۇلىدىغان سوئالدا سورالغان نامازغا ئوخشاش ۋە رەجەپ ئېيىنىڭ دەسلەپكى جۈمە كېچىسىدە ئوقۇلىدىغان رەغائىب نامىزى، رەجەپنىڭ ئاۋۋىلىدە ئوقۇلىدىغان ئەلپىيە نامىزى، شەئباننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوقۇيدىغان، رەجەپ ئېيىنىڭ يىگىرمە يەتتىسىدە ئوقۇيدىغان قاتارلىق نامازلار بارلىق ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان نامازلاردىن ھېسابلىنىدۇ، سۆزى ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئۆلىمالار بۇ ھەقتە بايان قىلغاندەك، بۇنداق ئىشلارنى نادان بىدئەتچىلەر پەيدا قىلىدۇ، مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ يولغا قويۇلىشى ئىسلام پرىنسىپىنى ئۆزگەرتىشكە ئېلىپ بارىدۇ، بۇنىڭدىن دىندا ئاللاھ تائالا رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى يولغا قويغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى ئالىدۇ. [" پەتىۋا ئەلكۇبرا"2-توم 239-بەت].
ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن يەنە بۇ ناماز توغرىسىدا سوئال قىلىنغاندا، جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ نامازنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوقۇمىغان ياكى ھېچبىر ساھابە، تابىئىين ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يېتەكچى ئىماملىرىدىن ھېچ بىرى ئوقۇمىغان ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئىلگىرى ياخشى كىشىلەر ۋە يىتەكچىلەر ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرمىگەن، بۇ ناماز خاس قىلىنغان ئۇ كېچىنىڭ ئالاھىدىلىكىنىمۇ زىكىر قىلمىغان. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسمۇ ھەدىس ئالىملىرىنىڭ بىرلىككە كىلىشى بىلەن توقۇلما يالغان ھەدىس دېيىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تەتقىقاتچى ئالىملار: بۇ نامازنى ئوقۇش مۇستەھەب ئەمەس بەلكى ياخشى كۆرەلمەيدۇ دەيدۇ". [" پەتىۋا ئەلكۈبرا"2-توم 262-بەت].
"پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى"22-توم 262-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: ھەنەپى ۋە شاپىئى مەزھەب ئۆلىمالىرى تىكىست بايان قىلىپ: رەجەپ ئېيىنىڭ دەسلەپكى جۈمە كېچىسىدە ئوقۇيدىغان رەغائىب نامىزى ياكى شەباننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوقۇيدىغان مەخسۇس بىر شەكىلدە ياكى رەكەت سانى بەلگىلەنگەن بىر شەكىلدە ئوقۇلىدىغان بۇ نامازلار چەكلەنگەن بىدئەت ئىشلاردىندۇر..
ئەبۇل پەرەج ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: رەغائىب نامىزى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا توقۇلغان يالغان ھەدىس بولۇپ، ئۆلىمالار بۇ ئىككى تۈرلۈك نامازنىڭ ياقتۇرۇلمايدىغان بىدئەتلەردىن ئىكەنلىكىنى بىر قانچە يوللاردىن بايان قىلغان، بۇنىڭدىن بىرى: ساھابىلاردىن، تابىئىنلاردىن ۋە ئۇلاردىن كىيىنكى مۇجتەھىد ئالىملاردىن بۇ ئىككى تۈرلۈك ناماز توغرىسىدا ئەسەر بايان قىلىنمىغان، ئەگەر يولغا قويۇلغان بولسا ئەلۋەتتە ئۇلار بۇنى يوقۇتۇپ قويمايتتى، بۇ ئىش ھىجىرىيە تۆتىنچى ئەسىردىن كىيىن مەيدانغا چىققان".
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.