جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

بىمار داۋالىنىشنى رەت قىلىپ سەۋىر قىلسا بۇنىڭغا ئەجىر بولامدۇ؟

81973

تارقاتقان ۋاقىت : 24-11-2018

كۆرگۈچىلەر : 2444

سۇئال

ئەگەر مەن ئېغىر كېسەل بولۇپ قىلىپ (ئاللاھ سالامەت قىلسۇن) داۋالنىشنى رەت قىلىپ سەۋىر قىلسام، ماڭا كاتتا ئەجىر بولامدۇ؟ بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ :مېنىڭ ئۈممىتىمدىن يەتمىش مىڭ كىشى ھېسابسىز جەننەتكە كېرىدۇ، ئۇلار ئايىتى شىپا ئوقۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، داغلانمايدۇ ۋە قۇشلاردىن پال ئالمايدۇ، ئۆز پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۇل قىلغۇچىلاردۇر ۋە مەن تولا ھۇشسىزلىنىدىغان ئايال، مېنىڭ ساقىيىشىم ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلسىلا دېگەن ھەدىسلەرنىڭ ھۆكمىگە كىرەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاللاھقا قېيىن كېسەل يوق، ئاللاھ كېسەلنى ئۆزى چۈشۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ داۋاسىنىمۇ بىرگە چۈشۈرىدۇ، بۇنى بىلگەنلەر بىلىدۇ، بىلمىگەنلەر بىلمەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىسىدە: ئاللاھ تائالا بىر كېسەلنى چۈشۈرسە، ئۇنىڭ داۋاسىنىمۇ چۈشۈرىدۇ، بۇنى بىلگەنلەر بىلىدۇ، بىلمىگەنلەر بىلمەيدۇ. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ غايەتۇل مىرام ناملىق ئەسەردە 292-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى نەرسىگە بولغان ئۈمىدىڭىز زور بولسۇن، ئاللاھقا ياخشى گۇماندا بولۇڭ، ئاللاھ سىزگە شىپالىق ئاتا قىلغۇچى، سالامەتلىك ئاتا قىلغۇچى ۋە نېمەت ئاتا قىلغۇچىدۇر، ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ ئويلىغىنىدەك بولىدۇ.

    كېسەللىك ئىنسان ئۈچۈن بىر سىناق بولۇپ، بۇنىڭدا نۇرغۇن كاتتا ھېكمەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىنى سىنايدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن 21631-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: داۋالىنىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئۆلىمالار ئىختىلاپ قىلىشتى، كۆپچىلىك ئۆلىمالار داۋالىنىش ۋاجىپ ئەمەس دەپ قارايدۇ، يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار ئىنسان داۋالىنىشنى تەرك قىلىپ ئۆزىنىڭ ھالاك بولىشىدىن ئەنسىرسە، ئۇ ۋاقىتتا داۋالىنىش ۋاجىپ بولىدۇ، دەيدۇ.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: كۆپچىلىك ئۆلىمالار داۋالنىشنى ۋاجىپ ئەمەس دەيدۇ، پەقەت شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھىبىدىكى بىر قىسىم ئۆلىمالار ۋاجىپ دەيدۇ. [ئىسپىرانىي"غىزائۇل ئەلباب" ناملىق ئەسەرنىڭ 1-توم 459-بېتىدە نەقل قىلغان].

   "تۆھپەتۇل مۇھتاج" 3-توم 182-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: قازى ئىياز رەھىمەھۇللاھ داۋالىنىشنىڭ ۋاجىپ ئەمەسلىكى توغرىسىدا ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكىنى نەقىل قىلدى، بۇنىڭغا مۇنداق ئىتىراز بىلدۈرۈلدى: داۋالىنىشنىڭ ۋاجىپلىقىنىڭ بىر يولى بولۇپ، جاراھەتلىنىپ ھالاك بولىشىدىن ئەنسىرسە، ئۇ ۋاقىتتا داۋالنىش ۋاجىپ بولىدۇ، ۋاجىپ پەرقلىق بولىدۇ: نەپەس سېقىلىپ قالسا بۇنىڭغا ھاراق پايدا قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلسا ياكى قان ئالغان جاينى ھاراق سۈركەپ تاڭسا بولىدۇ.

    بۇنىڭ ھاشىيىسىدە: بەغەۋىيدىن: ئۇنىڭ بىلەن داۋالىنىشنىڭ شىپالىق ئىكەنلىكىنى بىلسە داۋالىنىش ۋاجىپ بولىدۇ.

    قەليۇبى ۋە ئەمىيرەنىڭ ھاشىيەسى 1-توم 403-بەتتە ئىسنەۋىي مۇنداق دەيدۇ: جاراھەتلىنىپ داۋالانمىسا ھاياتى خەۋەپكە ئۇچرايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغان ۋاقىتتا داۋالىنىشنى تەرك قىلىش ھارام بولىدۇ.

     ئۆلىمالار يۇقىرىدا داۋالىنىش بىلەن نەپەس سېقىلىپ قالغاندا ھاراق تېمىتىش ياكى قان ئالغان ئورۇننى ھاراق سۈركەپ تېڭىش ئارىسىدىكى پەرقنى زىكىر قىلدى، ھەر ئىككىسىنىڭ كېسەلگە پايدىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىنسا بۇنىڭ ھۆكمى ۋاجىپ بولىدۇ، دورا قىلىش بىمارغا شىپالىق بولسا دورا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، بىمار ھاياتىنىڭ خەۋەپكە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرسە، مەسىلەن: قان ئېقىشنى توختىتىش، جاراھەتنى تىكىش، بەدەننىڭ باشقا تەرەپلىرىنى ھالاك قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان ئەزانى كېسىۋېتىش قاتارلىق ئىشلاردا تىزدىن داۋالىمىسا ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىغان ياكى ھالاك بولىدىغان بولسا، دوختۇرلار ئۇنىڭغا تىزدىن مەنپەئەت قىلىدىغان ۋە پايدىسى بولىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىدۇ.

    ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسى كېسەلنى تىزدىن داۋالىمىسا ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىغان ياكى بىرەر ئەزاسى كېرەكتىن چېقىدىغان ياكى بىمار ئاجىزلىشىپ كېتىدىغان  ياكى كېسەلنىڭ زەرەرى باشقىلارغا يۆتكىلىدىغان (يۇقۇملۇق كېسەلگە ئوخشاش)ئەھۋالدا دەرھال داۋالاش ۋاجىپ بولىدۇ دېگەن ھۆكۈمنى تۇتتى. 2148- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدىكى ئاكادىمىينىڭ قارارىنىڭ تېكستىگە قارالسۇن.

    شۇنىڭغا بىنائەن: سوئال سورىغۇچى بىمار داۋالىنىشنى رەت قىلسا، بۇنداق قىلىش ئۇ كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان ياكى بىرەر ئەزاسىنى كېرەكتىن چېقىرىشقا سەۋەپ بولسا، بۇنداق ھالەتتە داۋالىنىش ۋاجىپ بولىدۇ، داۋالىنىشتىن باش تارتىش توغرا بولمايدۇ، بۇ شاپىئى ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشى، شۇنداقلا ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسى ئۆلىمالىرىمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان.

    ئەگەر كېسەللىك بۇ ھالەتكە يەتمىسە، داۋالانسىمۇ بولىدۇ ياكى داۋالىنىشنى تەرك قىلسىمۇ بولىدۇ، ئۆلىمالار قايسىسى ئەېزەل دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشتى، بايان قىلىنغان تېكىستلەر داۋالىنىشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. كۆپچىلىك ئۆلىمالارمۇ شۇنداق قارايدۇ، ئىسپىرانىي رەھىمەھۇللاھ "غىزائۇل ئەلباب" ناملىق ئەسەر 1-توم 457-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: داۋالىنىش، داۋالىنىشنى تەرك قىلىشتىن ئەۋزەل دېگەن، بەزى شاپىئى ئۆلىمالىرىمۇ شۇنداق دېگەن، ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە بايان قىلىپ بۇ، شاپىئى مەزھىبى، ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى ۋە كېيىنكى ئالىملارنىڭ ھەممىسىنىڭ قارىشى، بىزنىڭ ئىماملىرىمىزدىن ئىبنى جەۋزى "ئەلمىنھاج"دا بۇنىڭ ۋاجىپلىقىنى كەسكىن بايان قىلغان، قازى ئىياز، ئىبنى ئەقىيل ۋە باشقا ئالىملارمۇ مۇشۇ قاراشتا بولغان. ۋەزىير ئىبنى ھۇبەيرەمۇ "ئەل ئىپساھ" تا مۇشۇ قاراشنى تاللىغان.

   ئەبۇ ھەنىپە مەزھىبىدىمۇ بۇنى تەكىتلەپ ھەتتا ۋاجىپلىق دەرىجىسىگە يېقىنلاشتۇرغان.

   ئىمام مالىك مەزھىبىدە: داۋالىنىش بىلەن داۋالانماسلىقنى ئوخشاش دەپ قاراپ، داۋالانسىمۇ بولىدۇ ياكى داۋالانمىسىمۇ بولىدۇ دېگەن.

    ئۈچىنچى: داۋالىنىش ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ داۋالانغان، ئۈممەتنى داۋالىنىشقا يېتەكلىگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنىڭ خوجىسىدۇر، ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: سەھىھ ھەدىستە داۋالىنىشقا بۇيرۇلغان، بۇ تەۋەككۇل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ، شۇنىڭدەك ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، ئىسسىق ۋە سوغۇقتىن ئۇنىڭ زىددى بىلەن ساقلىنىشمۇ تەۋەككۇل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ. بەلكى ئاللاھ شەرىئەتتە يولغا قويغان ۋە تەقدىر قىلغان ئىشلارنىڭ تەقەززاسى بويىچە، ئۇنىڭ ئاللاھ كۆرسەتكەن سەۋەبىنى قىلىش تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتىنى مۇكەممەل قىلغانلىقتۇر. تەقدىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ سەۋەبلىرىنى بىكار قىلىۋېتىش تەۋەككۇل قىلىشقا ۋە ئاللاھ ئۇ ئىشتا قىلغان ھېكمەتكە مۇناسىپ كەلمەيدۇ بەلكى تەۋەككۇلنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. سەۋەبنى بىكار قىلىۋەتكۈچى ئۆز كۆڭلىدە بۇ تەۋەككۇل قىلشتىن كۈچلۈك دەپ قارايدۇ، ئەگەر ئاجىزلىقتىن تەۋەككۇل قىلىشنى تەرك قىلسا بۇ بەندىنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا مەنپەئەتنى ھاسىل قىلىش ۋە زەرەردىن ساقلىنىشتا قەلبى بىلەن ئاللاھقا تايىنىدىغان تەۋەككۇلنىڭ ھەقىقىتىگە زىت كېلىدۇ. قەلبىدە ئاللاھقا تايىنىش بىلەن سەۋەپلەرنى قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا، ئاللاھنىڭ بۇ ئىشتىكى ھېكمىتى ۋە پرىنسىپىنى بىكار قىلىۋەتكەنلىك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى بىلەن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنى ئاجىزلىق قىلىۋالماسلىقى لازىم. ["زادۇل مىئاد"4-توم 15-بەت].

   تۆتىنچى: سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: مېنىڭ ئۈممىتىمدىن يەتمىش مىڭ كىشى ھېسابسىز جەننەتكە كېرىدۇ، ئۇلار ئايىتى-شىپا ئوقۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، قۇشلارنىڭ ئۇچۇشى ۋە سايرىشىدىن شۇم پال ئالمايدۇ، ئۆز پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۇل قىلغۇچىدۇر. [بۇخارى رىۋايىتى 6472-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 218-ھەدىس. بۇ ھەدىستە باشقىلاردىن رۇقىيە ئوقۇشنى تەلەپ قىلىشنى تەرك قىلىشنىڭ مۇستەھەب ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ، ھەرگىزمۇ مەنپەئەتلىك دورىلار بىلەن داۋالىنىشنىڭ ھۆكمىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئىپادىلەنمەيدۇ.

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: داۋالىنىش ئۈچۈن دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە: داۋالانماڭلار دېمىدى بەلكى: ئوت بىلەن داغلانماڭلار، رۇقىيە ئوقۇشنى تەلەپ قىلماڭلار دېدى، ئەمما ئىنساننىڭ قەلبى دوختۇرغا باغلىنىپ قالسا، كېسەللىكتىن شىپا تېپىشى ياكى شىپا تاپماسلىقى دوختۇرغا ئالاقىدار بولۇپ قالسا، بۇ ئاللاھقا بولغان تايىنىشنى كىمەيتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان دوختۇرغا بارغاندا، ئۆزىنىڭ ئاللاھقا بولغان تايىنىشىنىڭ كېمىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بۇ سەۋەپ قىلىشنىڭ يولى، ھەقىقى سەۋەپنىڭ ئىگىسى-شىپالىق بەرگۈچى يالغۇز بىر ئاللاھ دەپ ئېتىقاد قىلىشى كېرەك. ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى"3-توم 213-بەت].

   بەشىنچى: ھۈشىدىن كېتىپ ئېچىلىپ قالىدىغان ئايال توغرىسىدىكى ھەدىس بولسا، ئۇ ھەدىسنىڭ لەپزى: ئەتا ئىبنى ئەبۇ رەباھ مۇنداق دەيدۇ، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا: ساڭا جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر ئايالنى كۆرسىتەيمۇ؟ دېگەندە، مەن: بولىدۇ دېدىم، ئۇ: مۇشۇ قارا ئايال پەيغەمبەرئەلەيھسىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن ھوشۇمدىن كېتىمەن، ھۈشۈمدىن كەتسەم ئېچىلىپ قالىمەن، ماڭا ئاللاھدىن شىپالىق تىلەپ دۇئا قىلسىلا دېۋېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: خالىسىڭىز سەۋىر قىلىڭ سىزگە جەننەت بار، خالىسىڭىز ئاللاھقا يېلىناي سىزگە شىپالىق ئاتا قىلسۇن دېدى، ئۇ ئايال: سەۋىر قىلىمەن، لېكىن ھۈشۈمدىن كەتسەم ئېچىلىپ قالىمەن، ئاللاھقا مېنىڭ ھۇشۇمدىن كەتكەندە ئېچىلىپ قالماسلىقىم ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايال ئۈچۈن دۇئا قىلدى.» [بۇخارى رىۋايىتى 5652-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2576-ھەدىس].

   بۇ ھەدىس مۇشۇنداق ھالەتتە ئىرادىسى كۈچلۈك، قادىر بولالايدىغان كىشى ئۈچۈن داۋالىنىشنى تەرك قىلىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىس ھۈشىدىن كېتىشنىڭ پەزىلىتى، دۇنيادىكى بالا-مۇسىيبەتلەرگە سەۋىر قىلسا جەننەتكە ئېرىشىدىغانلىقى، ئۆزىدە كۈچ-قۇۋۋەت بار، قاتتىقلىقنى لازىم تۇتسا ئاجىزلاپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلگەن كىشىنىڭ رۇخسەتنى تۇتقاندىن ئەزىيمەتنى تۇتۇشنىڭ ئەۋزەللىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھەدىس يەنە داۋالىنىشنى تەرك قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقلا كېسەللىك ھەممىسىنى دۇئا قىلىش، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىش بىلەن داۋالاشنىڭ دورىلار بىلەن داۋالىغاندىن ئۇنۈملۈك ۋە مەنپەئەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دۇئانىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرى دورىنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرىىدىن كاتتا بولىدۇ، لېكىن نىجات تېپىش ئىككى ئىشنىڭ بىرى بىلەن بولىدۇ: بىرى سەۋەپ تەرەپتىن: مەقسىدى دۇرۇس بولۇش، يەنە بىرى داۋالىنىش تەرەپتىن: ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىشى كۈچلۈك بولۇش، تەقۋادارلىق ۋە تەۋەككۇل قىلىش بىلەن قەلبى كۈچلۈك بولۇش كېرەك.

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى