پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

داۋالاشتا كېسەلنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ئىسلامدا داۋالىنىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاخىرقى كېسەللىكىدە، داۋالاشنى باشلاشتىن بۇرۇن بولۇپمۇ جىددى ھالەتلەردە كېسەلنىڭ ئىزىنىنى ئېلىش ۋاجىپ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئىسلام پىقھى ئېنىسكلۇپېدىيەسىنىڭ ھىجىرىيە 1412-يىلى جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يەتتىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان قارارى:

   "بىرىنچى: داۋالىنىش: داۋالىنىش ئەسلىدە شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان، داۋالاش ۋە داۋالىنىش توغرىسىدا، قۇرئان كەرىمدە ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاغزاكى ۋە ئەمەلىي سۈننەتلىرىدە دەلىللەر بايان قىلىنغان، بۇنىڭدا ئىنسان ئۆزىنىڭ ھاياتىنى مۇھاپىزەت قىلىش بولۇپ ، بۇ ئىسلامدىكى ئومۇمى مەقسەتلەردىن بىرىدۇر.

    داۋالىنىشنىڭ ھۆكمى ئەھۋاللارنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن پەرقلىق بولىدۇ:

   -ئەگەر داۋالانمىسا ھاياتى ياكى بىرەر ئەزاسى ھالاك بولىدىغان ياكى ئاجىزلىشىپ كېتىدىغان ياكى كېسەلنىڭ زەرەرى باشقا بىرىگە يۆتكىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىگە نىسبەتەن داۋالىنىش ۋاجىپ بولىدۇ.

   - ئەگەر داۋالانمىسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلار يۈز بەرمىسىمۇ پەقەت بەدىنى ئاجىزلىشىپ كېتىدىغان بولسا بۇ ھالەتتە داۋالىنىش مۇستەھەپ بولىدۇ.

   -ئىلگىرى بايان قىلىنغان ئەھۋاللار يۈزبەرمەيدىغان ئەھۋالدا داۋالىنىش دۇرۇس بولىدۇ.

   -ئەگەر داۋالانسا يوق قىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان ئىللەتتىنمۇ بەكرەك كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەيدىغان بولسا بۇ ھالەتتە داۋالىنىش مەكرۇھ بولىدۇ.

    ئىككىنچى: ئاخىرقى كېسەللىكىدە داۋالىنىش:

   ئا-مۇسۇلماننىڭ ئەقىدىسى؛ شىپانىڭ ئاللاھنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى، داۋالاش ۋە تەكشۈرتۈشلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتا يولغا قويغان سەۋەپ قانۇنىيىتى ئىكەنلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ شىپالىق ئاتا قىلىشى ۋە رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن شىپالىق تاپىمەن دېگەن ئۈمىت بىلەن تۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

   دوختۇرلار ۋە كېسەلنىڭ ئىگىلىرى كېسەلنىڭ روھىنى كۆتۈرۈشى ئۇنىڭ شىپا تېپىشى ياكى تاپالماسلىقىغا قارىماستىن ئۇنىڭ روھى ۋە بەدەن ئاغرىقىنى يەڭگىللىتىشكە كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك.

    ب-كېسەلنىڭ ھالىتىنى ئاخىرقى باسقۇچ دەپ ئېتىبارغا ئېلىش، دوختۇرلارنىڭ كېسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا كۆرە ھەر زامان ۋە ماكاندا ئىپادىلەيدىغان ئىمكانىيىتىدۇر.

   ئۈچىنچى: داۋالاشتىن بۇرۇن كېسەلنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش:

   ئا-كېسەل تولۇق ئەھلىيەتكە ئىگە كىشى بولسا ئۇنىڭ ئىزنىسىنى ئېلىش شەرت قىلىنىدۇ، ئەمما تولۇق ئەھلىيەتكە ئىگە ئەمەس ياكى ناقىس كىشى بولسا، شەرئى ئىگىدارچىلىق ھېسابى بويۇنچە، كېسەلدىن ئەزىيەتلەرنى كۆتۈرۈۋېتىشكە پايدىسى بولىدىغان، كېسەلگە پايدىلىق بولغان ئىشلاردا ۋىلايەت ھۆكمىگە مۇۋاپىق ئۇنىڭ ۋەلىيسىنىڭ ئىزنى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، ئەگەر كېسەلگە يېتىدىغان زەرەر ئېنىق بولغان ھالەتتە ۋەلىيسىنىڭ ئىزنى بەرمەسلىكنىڭ ھېچ ئېتىبارى بولمايدۇ، ئىگىدارچىلىق ھەققى ئۇ كىشىدىن باشقىسىغا ئاندىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى ئىشلارغا ئىگە بولىدىغان كىشىگە يۆتكىلىدۇ.

    ب-بەزى ۋاقىتتا باش رەھبەر يۇقۇملۇق كېسەل، ۋابا كېسىلى، ساقلىنىش زۆرۈر بولغان بىمارلارنى داۋالاشنى كەسكىن بۇيرىدۇ.

    ج-كېسەلنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىغان تىز قۇتقۇزىدىغان ھالەتلەردە داۋالاش ئۇنىڭ ئىزنىگە قارىمايدۇ.

   د-تولۇق ئەھلىيەتكە ئىگە كىشىنىڭ مۇۋاپىق كېلىشى بىلەن دوختۇرلار ئۇ كىشىنى مەجبۇرلىماستىن ياكى ئىقتىساد كۆپ كېتىدۇ دەپ قورقۇتماستىن چوقۇم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك، بۇ تەكشۈرۈشتىن زىيان كېلىپ چىقماسلىقى زۆرۈر بولىدۇ، دوختۇرلارنىڭ تولۇق ئەھلىيەتكە ئىگە بولمىغان ياكى ئەھلىيىتى ناقىس كىشىلەرنى گەرچە ۋەلىسى مۇۋاپىق كەلسىمۇ ئۇنىڭغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرا بولمايدۇ". ["ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى ژۇرنىلى" يەتتىنچى پەسىل ج/3 س/729.]

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى