يەكشەنبە 21 جىمادۇسسانى 1446 - 22 دىكابىر 2024
Uygur

ۋەسۋەسە كېسىلىگە گېرىپتار بولاپ قىلىش ئەيىپمۇ؟

سۇئال

ۋەسۋەسە كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بىر قىزچاق، بۇ ئىشنى ھېچ كىشىگە بىلدۈرمەپتۇ، پەقەت ئاللاھ بىلىدىكەن، ئۇ قىز بۇنىڭغا قارشى كۆپ تېرىشچانلىق قىلىپتۇ. بىر يىگىت ئۇنىڭغا توي قىلىش تەلىپىنى قويسا، بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا دەمدۇ ياكى يوشۇرامدۇ؟ ئەگەر دېسە، بۇ كېسىلىنىڭ شىپا تېپىشىغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىپ، كېسىلىنى زىيادە قىلىۋەتسە قانداق بولىدۇ؟، بۇ قىزغا قانداق نەسىھەت قىلىلا؟، توي قىلىشنى تەلەپ قىلغان كىشىگە بىلدۈرۈش كېرەك بولغان ئەيىپلەر قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت- سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: زورمۇزور كەلگەن ۋە باشقا تەرەپلەردىن بولغان ۋەسۋەسىمۇ ۋەسۋەسىنىڭ تۈرلىرىدىن بولۇپ، بۇنىڭ چارىسى: ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش، تائەت-ئىبادەت قىلىش، ۋەسۋەسىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك، بەزى ۋاقىتلاردا پىسخولوگىيە دوختۇرغا مۇراجىئەت قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 39684-41027-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: پىقھى ئالىملىرىنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا: نىكاھدىن بولغان مەقسەتنى يوقىتىپ قويىدىغان، ئەر-ئاياللارنى بىر-بىرىدىن يىرگەندۈرىدىغان ئەيىپلەر بولسا بۇنى بايان قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، ئەمما يوشۇرسا، ئۇنى بىلگەندىن كېيىن نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىختىيارلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەر-ئاياللارنى بىر-بىرىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن نىكاھدىن بولغان، كۆيۈنۈش، مېھرى-مۇھەببەت قاتارلىق مەقسەتلەر ھاسىل بولمايدىغان ئەيىپلەر بولسا، ئايرىلىش ئىختىيارلىقى بولىدۇ". ["زادىل مىئاد" 5-توم 166-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ساھابىلار ۋە ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرىنىڭ پەتىۋاسىغا قارىغان ۋە ئۇ توغرىدا ئويلانغان كىشى، ئۇلارنىڭ ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىشنى بىر ئەيىپنى قويۇپ يەنە بىر ئەيىبكە خاس قىلمىغانلىقىنى بىلىدۇ".

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساتقۇچىنىڭ مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇشنى چەكلىگەن، بۇ ئەيىپنى بىلگۈچىنىڭمۇ بۇ سېتىۋالغۇچىدىن يوشۇرۇشنى چەكلىگەن تۇرسا، ئەيىپنى يوشۇرۇش نىكاھتا قانداقمۇ توغرا بولىدۇ!.

    پاتىمە بىنتى قەيس مۇئاۋىيە ياكى ئەبۇ جەھم بىلەن توي قىلىش توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا مەسلىھەت سالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مۇئاۋىيە كەمبەغەل ھېچ نېمىسى يوق، ئەبۇ جەھم بولسا كۆپ سەپەر قىلىدىغان ئادەم، ئۇسامە بىلەن توي قىلىڭ دېگەن». بۇنىڭدىن نىكاھتا ئەيىب بايان قىلىشنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئەيىپنى يوشۇرۇش، بىلدۈرمەسلىك، ھىيلە ئىشلىتىش ھەر تەرەپتىن چەكلىنىدۇ، بۇنداق قىلىش ئەيىپلىك كىشى بۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدىغان تۇرۇقلۇق ئۇنى ئۇ كىشىدىن ئايرىلمايدىغان تاقاق قىلىپ قويۇش كېرەك بولىدۇ". ]"زادىل مىئاد" 5-توم 168-بەت[.

    بۇنىڭغا ئاساسەن، مۇشۇنداق ۋەسۋەسىگە گىرىپتار بولغان قىز، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قارىسۇن، ئەگەر ئۇنىڭدىكى ۋەسۋەسە يولدىشى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن يىراقلاشتۇرىدىغان ۋە يولدىشىنىڭ مەنپەئەتىنى تۇرغۇزۇشتىن چەكلەپ قويىدىغان بولسا، بۇنى بىلدۈرۈش كېرەك بولىدۇ، بۇنداق قىلىش ئەيىپنى يوشۇرۇپ، ئالداشتىن ئاندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇشتىن ياكى مۇشۇ ئەيىپنى يوشۇرغانلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چېقىدىغان ئۆچمەنلىكتىن ياخشىدۇر.

      ئەگەر ۋەسۋەسە ئۇلارنىڭ ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتمىسە، بىر-بىرىدىن يىراقلىشىشقا سەۋەپ بولمىسا بۇ ئەيىب ھېسابلانمايدۇ، بۇنى بىلدۈرۈشىمۇ كېرەك بولمايدۇ.  

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى