جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

كېسەلنىڭ ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشى توغرىسىدا

سۇئال

بىر كىشى ئاشقازان راكى بولۇپ، نىجاسەتنىڭ چىقىش نورمال يول بىلەن بولماستىن بەلكى قورساقتىن تۆشۈك ئىچىلغان تۆشۈك ئارقىلىق ئۈچەي يولى راۋانلىشىدۇ. (ئاللاھ سىلەرنى ھۆرمەتلىك قىلسۇن) ئۇ كىشى ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھەئە، ئۇ كىشى ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇسا توغرا بولىدۇ، پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى ئۇ كىشى نامازنىڭ ئىلگىرىكى ۋاقىتىدا ياكى كېيىنكى ۋاقىتىدا يەنى قايسى ۋاقىت مۇناسىپ بولسا شۇ ۋاقىتتا ئوقۇيدۇ، چۈنكى قىينچىلىق كېسەللىك سەۋەبىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، بۇ ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشنى دۇرۇس قىلىدىغان ئۈزۈر ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىستىھازە-ئاياللار كېسىلى بولۇپ قالغان ئايالغا يەنى ھەيز كۈنلىرىدىن باشقا كۈنلەردىمۇ قان كېلىپ تۇرىدىغان ئايالغا ئىككى نامازنى جۇغلاپ بىر ۋاقىتتا ئوقۇشقا رۇخسەت قىلغان. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى287-ھەدىس. تىرمىزى رىۋاىيتى128-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ئىستىھازەمۇ كېسەلنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ كېسەل ئۈچۈن ئىككى نامازنى جۇغلاپ بىللە ئوقۇشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى، چۈنكى كېسەللىكنىڭ مۇشەققىتى سەپەرنىڭ مۇشەققىتىدىن ئېغىر بولىدۇ، شامدىن كېيىن بىرئاز تۇرىدۇ، ئاندىن خۇپتەننىڭ ۋاقتى كىرگەندە شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ بىللە ئوقۇيدۇ"، ["كەشاپۇل قىنا"2-توم 5-بەت].

    دىققەت: ئىككى نامازنى جۇغلاپ بىللە ئوقۇشى دۇرۇس بولغان كېسەل كىشى شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى، ئۇ كىشى ھەر بىر نامازنى قەسىر قىلماستىن تولۇق ئوقۇيدۇ، چۈنكى نامازنى قەسىر ئوقۇش پەقەت سەپەردىكى كىشىگە دۇرۇس بولىدۇ،   بەزى كىشىلەر ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كېسەللىكنى باھانە قىلىپ ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش بىلەن بىرگە ئۇ نامازنى قەسىر ئوقۇسا توغرا بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ، بۇنداق ئويلاش توغرا بولمايدۇ.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نامازنى قەسىر ئوقۇشنىڭ سەۋەبى پەقەت سەپەردىن ئىبارەتتۇر، سەپەردىن باشقا ۋاقىتتا  قەسىر ئوقۇش توغرا بولمايدۇ، ئەمما نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشنىڭ سەۋەبى بولسا ھاجەت ۋە ئۆزۈردىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر ئېھتىياجلىق بولسا ئۇزۇن سەپەر بولسۇن ياكى قىسقا مۇساپىلىك سەپەر بولسۇن ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇسا، شۇنىڭدەك قاتتىق يامغۇر ياتقاندىمۇ ئىككى نامازنى بىرگە ئوقۇسا بولىدۇ. كېسەللىك ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەنمۇ ئىككى نامازنى جۇغلاپ بىر ۋاقىتتا ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ. نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشتىن بولغان ئاساسى مەقسەت ئۈممەتتىن قىيىنچىلىقنى يوق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 22-توم 293-بەت].

    ئاللاھ تائالادىن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ كېسىلىگە شىپالىق ئاتا قىلىشنى، سەۋرچانلىق ۋە قازاغا رازى بولۇش تۇيغۇسى ئاتا قىلىشنى ۋە ئۇلارغا ياخشىلىقنى ئىزباسار قىلىپ بېرىشىنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى