سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئۇسۇل ئۆگىتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش توغرىسىدا

100602

تارقاتقان ۋاقىت : 08-06-2014

كۆرگۈچىلەر : 3186

سۇئال

مەخسۇس ئاياللارغا ئۇسۇل ئۆگىتىش ئورنىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش توغرىمۇ؟ بۇ كەسىپ ئارقىلىق تاپقان پۇلنىڭ ھۆكمى نېمە؟. ئۇسۇل ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش تۈرلۈك شەكىلدىكى مۇزىكىلاردىن خالى بولمايدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. ئەگەر بۇ شەكىلدە كەسىپ قىلىش ھارام بولسا ئۇنداقتا ئۇلار نېمە قىلىشى كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

مۇسۇلماننىڭ، قىز-خانىملارنىڭ بەدەنلىرى ئوچۇق ھالەتتە بولىدىغان، مۇنكەر ئىشلار يۈز بېرىدىغان ئۇسۇل ئۈگىتىش ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ. بۇنداق كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ھېچ بىر دەلىل كەتمەيدۇ. ئەگەر بۇ ئىش ھارام بولمىسا قانداق ئىش ھارام بولىدۇ؟!.

بۇنداق خىزمەت ۋە كەسىپنى تاللىغان ياكى بۇنداق خىزمەتنى قوبۇل قىلغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپى، جازاسى ۋە ئازابىغا ئۇچرايدۇ. مۇشۇنداق گۇناھ-مەسىيەتكە قەدەم باسقان، شۇنداقلا سەھنىلەرگە ئىلىپ چىققان، بەلكى بۇ گۇناھنى تارقىتىشقا، ئۆگىتىشكە ۋە مەشىق قىلدۇرۇشقا ياردەم بەرگەن كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قانداقمۇ ساقلىنالىسۇن؟!.

ئۇ ئىنسان ئۆز نەپسىدە قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى، يالىڭاچلىق ۋە ساراڭلارچە ياشاشنى مەدەنىيەت دەپ قارايدىغان ئاتالمىش غەرب مەدەنىيىتىنىڭ سېسىق پۇراقلىرى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا زېمىندا بۇزۇقچىلىق، پىتنە-پاسات تارقىتىدىغان كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا سەل قارىمايدۇ بەلكى ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن قاتتىق ئازاب تەييارلىدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:أَلَمْ تَرَ كَيْفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِعَادٍ . إِرَمَ ذَاتِ الْعِمَادِ . الَّتِي لَمْ يُخْلَقْ مِثْلُهَا فِي الْبِلَادِ . وَثَمُودَ الَّذِينَ جَابُوا الصَّخْرَ بِالْوَادِ . وَفِرْعَوْنَ ذِي الْأَوْتَادِ . الَّذِينَ طَغَوْا فِي الْبِلَادِ . فَأَكْثَرُوا فِيهَا الْفَسَادَ . فَصَبَّ عَلَيْهِمْ رَبُّكَ سَوْطَ عَذَابٍ . إِنَّ رَبَّكَ لَبِالْمِرْصَادِتەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟، بۇنداق ئادەملەر باشقا شەھەرلەردە يارىتىلمىغان ئىدى، شۇنىڭدەك ۋادىقورادا تاشلارنى كېسىپ (ئۆيلەرنى بىنا قىلغان) سەمۇدنى ئاللاھ قانداق جازالىدى، شۇنىڭدەك قۇزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋننى قانداق جازالىدى، ئۇلار شەھەرلەردە (زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشتى، ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قىلدى، پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرنى ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. [سۈرە پەجر 6-ئايەتتىن 14-ئايەتكىچە].

بۇ مەسىلىلەر دىندا چەكلەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز بولغان مەسىلىلەردىن بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن دەلىل-ئىسپات تۇرغۇزۇش كېرەك ئەمەس.

كىمكى مەزكۇر خىزمەتكە رازى بولسا ياكى ئۇ خىزمەتنى دۇرۇس دەپ ئېتىقاد قىلسا، رازىمەنلىك ۋە ئېتىقادى سەۋەبلىك ئىنتايىن بۈيۈك خەتەر ئۇستىدە بولغان بولىدۇ. جانابى ئاللاھ ھەممەيلەننى تۈرلۈك شەك-شۈبھىلەردىن سالامەت قىلسۇن.

ئەگەر كىمكى قىز-خانىملارغا ئۇسۇل ئۆگىتىش كەسىپى ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان بولسا، مەزكۇر كىشى زېمىندا گۇناھ-مەسىيەت، بۇزۇقچىلىقنى تارقىتىشقا ھەمكارلاشقان ھېسابلىنىپ، بۇ كەسىپ ئارقىلىق تاپقان مال-دۇنياسى ھارامدۇر. بەلكى شۇنىڭدەك كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئەر-ئايال مۇسۇلمانلار ئۇ كەسپتىن قول يىغىپ ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى لازىم بولىدۇ.

پىقھى ئېنىسكلۇپىدىيە 23-توم 10-11- بەتلەردە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئۇسۇل شەرىئەتتە ھاراق ئىچكەن ياكى ئەۋرەتلىرىنى ئوچۇق قويغانغا ئوخشاش ھارام بولۇپ، بۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ئالىملار بىرلىككە كەلگەن. پىقھى ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدا، ھارام بولغان خىزمەتكە ياللىنىپ ئىشلەشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى بېكىتىلگەن. ھەق ئىلىپ ئۇسۇل ئويناش ۋە ئۆگىتىش شەرىئەتتە چەكلەنگەن ھارام ئىش بولغانلىقتىن، بۇنىڭدەك خىزمەتلەرنى قىلىش توغرا بولمايدۇ". تۈگىدى.

ھارام كەسىپتىن تاپقان مال-دۇنيادىن قۇتۇلۇش ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىشنىڭ يولى، ئۇ مال-مۈلىكنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىۋېتىش ئارقىلىق بولىدۇ. ھالال تىجارەت قىلىش ياكى ياخشى بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇشتا چىقىش يولى تېپىپ بولغۇچە ئۆزىگە خىراجەت قىلىش ئۈچۈن ئۇ ھارام مالدىن مەلۇم مىقداردا ئىلىپ قالسا گۇناھ بولمايدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى