132959: قىز-خانىملار شان-شەرىپى ئىسلام ۋە جاھىلىيەت ئارىسىدا


غەرب دۆلەتلىرى ئىسلامنى ئاياللارغا زۇلۇم قىلىدۇ دەپ ئەيىبلەيدۇ، ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى قانداق؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Published Date: 2013-11-23

     بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

     ئىسلامدا ئاياللارنىڭ ئورنى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۆتكەن زاماندىكى ۋە ھازىرقى شۇنداقلا كەلگۈسى زاماندىكى ھېچقانداق بىر مىللەتتە ئاياللار بۇنداق ئالى ئىمتىياز، ئىززەت، شان-شەرەپكە ئىگە بولمىغان ۋە بولمايدۇ. چۈنكى ئىسلامنىڭ ئىنسانلارنى ھۆرمەت قىلىشى ئەر-ئايال جىنسىنى ئوخشاشلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ دۇنيادىكى ھۆكۈملىرى، ئاخىرەت دىيارىدىكى جازا-مۇكاپاتلىرى ئالدىدا باراۋەردۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آدَمَ﴾ تەرجىمىسى: «شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق.» [سۈرە ئىسرا 70-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لِّلرِّجَالِ نَصِيبٌ مِّمَّا تَرَكَ الْوَالِدَانِ وَالْأَقْرَبُونَ وَلِلنِّسَاءِ نَصِيبٌ مِّمَّا تَرَكَ الْوَالِدَانِ وَالْأَقْرَبُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاتا- ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا (يەنى مېيىتنىڭ تەرەكىسىدە)  ئەرلەرنىڭ ھەسسىسى بار. شۇنداقلا ئاتا- ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا (يەنى مېيىتنىڭ تەرەكىسىدە)  ئاياللارنىڭمۇ ھەسسىسى بار.» [سۈرە نىسا7-ئايەت]. 

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَهُنَّ مِثْلُ الَّذِي عَلَيْهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ﴾ تەرجىمىسى: «ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك).» [سۈرە بەقەرە 228-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالْمُؤْمِنُونَ وَالْمُؤْمِنَاتُ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ﴾ تەرجىمىسى: «مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر ـ بىرى بىلەن دوستتۇر.» [سۈرە تەۋبە 71-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا ۚ إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِندَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلَاهُمَا فَلَا تَقُل لَّهُمَا أُفٍّ وَلَا تَنْهَرْهُمَا وَقُل لَّهُمَا قَوْلًا كَرِيمًا . وَاخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ الذُّلِّ مِنَ الرَّحْمَةِ وَقُل رَّبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرًا﴾ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن ، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن. ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: "ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن" دېگىن.» [سۈرە ئىسرا 23-24-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَاسْتَجَابَ لَهُمْ رَبُّهُمْ أَنِّي لَا أُضِيعُ عَمَلَ عَامِلٍ مِّنكُم مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى پەرۋەردىگارى ئىجابەت قىلدى: "مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن".» [سۈرە ئال-ئىمران 195-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً ۖ وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُم بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئەر-ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيانىڭ قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز.» [سۈرە نەھلى 97-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن يَعْمَلْ مِنَ الصَّالِحَاتِ مِن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُولَـٰئِكَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ وَلَا يُظْلَمُونَ نَقِيرًا﴾ تەرجىمىسى: «ئەر-ئاياللاردىن مۆمىن بولۇپ تۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى قىلچە كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ).» [سۈرە نىسا 124-ئايەت].

     مانا بۇ ئاياللارنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى، ئىززىتى، شان-شەرىپى، ھېچ قانداق دىن، مىللەت ۋە قانۇندا بۇنىڭ ئوخشىشى تېپىلمايدۇ. رۇم ھازارىتىدە: ئايال دېگەن ئەرگە ئەگىشىدىغان بىر دىدەك ئۇنىڭ ھېچقانداق ھوقۇق-مەنپەئەتى بولمايدۇ، دەپ بېكىتىلگەن. رىمدىكى چوڭ بىر يىغىلىشتا ئۇلار ئاياللار مەسىلىسى توغرىسىدا تەتقىقات ئىلىپ بېرىپ، ئايال گەرچە مەۋجۇت بولسىمۇ مەنىۋىيەتسىز، شۇنداقلا ئاخىرەت ھاياتىدىن ھېچقانداق نېسىۋىسى يوق، ئۇ پاكىزە ئەمەس دەپ قارىغان. يۇنان مەدەنىيىتىدە بولسا ئايال دېگەن ئېتىبارسىز، شەيتاننىڭ قىلمىشىدىن بولغان پاسكىنا بىر نەرسە دەپ قارىلىپ، بازارلاردا ئەركىن ئىلىم-سېتىم قىلىناتتى. ھاياتلىقتا يولدىشىنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ئۇنىڭمۇ ھاياتى ئاخىرلىشاتتى، يولدىشىنىڭ جەسىتى كۆيدۈرۈلگەندە ئۆزىنى ئوتقا تاشلىمىسا كىشىلەر تەرىپىدىن داۋاملىق لەنەتكە ئۇچرايتتى.

     يەھۇدىيلارنىڭ ئەھدى قەدىم دېگەن كىتابىدا ئاياللار توغرىسىدا مۇنداق يېزىلغان: "مەن قەلبىمنى تەكشۈردۈم،  ئەقىل-ھېكمەت بىلەن تەتقىق قىلىپ شۇنى بىلدىمكى، يامانلىق جاھالەتتۇر، ھاماقەتلىك ساراڭلىقتۇر، ئۆلۈمنىڭ جۈملىسىدىن بولغان بىر ئىشنى تاپتىم، ئۇ بولسىمۇ ئايال كىشىدۇر. ئۇ ئۆلۈمنىڭ تورى، ئۇنىڭ قەلبى ئۆلۈمنىڭ ئارغامچىسى، قولى بولسا باغلانچىسىدۇر» (سەپەرۇل جامى ئەلئىسلاھ7: 25-26-). ھەممەيلەنگە مەلۇمكى ئەھدى قەدىمگە بارلىق يەھۇدىي-ناسارالار ئىشىنىدۇ ۋە ئۇنى مۇقەددەس كىتاب دەپ بىلىدۇ. مانا بۇ قەدىمقى دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ئورنىدۇر.

     ئەمما ئوتتۇرا ئەسىر ۋە ھازىرقى ئەسىردىكى ئورنىنى تۆۋەندىكى ۋەقەلەر ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىدۇ: دانىيىلىك يازغۇچى (ۋىئەد كوردستەن) كاتولىك چېركاۋلىرىنىڭ ئاياللار توغرىسىدىكى قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق يازىدۇ: "ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادا ئاياللارغا كۆڭۈل بۆلۈشى چەكلىك بولۇپ، كاتولىك مەزھەب قارىشىدا ئاياللار ئىككىنچى دەرىجىلىك مەخلۇق دېگەن يۆلىنىش بويىچە مۇئامىلە قىلىناتتى». مىلادى 586-يىلى پارانسىيىدە ئاياللار توغرىسىدا چوڭ بىر قېتىملىق  يېغىندا، ئاياللار ئىنسانمۇ ياكى ئىنسان ئەمەسمۇ؟ دېگەن ماۋزۇدا تەتقىقات ئىلىپ بېرىلىپ، ئاخىرقى نەتىجىدە ئۇلار: ئاياللارنى ئىنسان لېكىن ئۇلار ئەرلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان دەپ قارار چىقىرىدۇ. پارانسىيە قانۇنىنىڭ 217- ماددىسىدا: «توي قىلغان ئايال ھېچقانداق مال-مۈلۈككە ئىگە بولۇش ھوقۇقى بولمايدۇ، بىرسىگە بىر نەرسە بېرەلمەيدۇ، بىر نەرسىنى گۆرۈگە قويالمايدۇ،  يولدىشى ئورتاق بولمىغان ئەھۋالدا بىرەر سودا كېلىشىمگە ئاغزاكى ياكى يازما شەكىلدىمۇ ئىشتىراك قىلالمايدۇ،» دەپ بېكىتىلگەن.

      ئەنگىلىيىدە سەككىزىنچى ھېنرى ئەنگىيىلىك بولمىغان ئىنگىلىز ئاياللىرىنى مىلادى 1850-يىللىرىغا قەدەر مۇقەددەس كىتابلارنى ئوقۇشتىن چەكلىگەن. ھەتتا مىلادى 1882-يىلىغىچە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق خۇسۇسى ھەق-ھۇقۇقى بولمىغان.

     ھازىرقى ئەسىردە ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە باشقا سانائەتلەشكەن ئەللەردە بەزى ئاياللارنىڭ تىجارەت مەقسىتىدە سەرپ قىلىنىدىغان ماللارنىڭ قاتارىدىن سانىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. چۈنكى ئېلان تاختىلىرى ۋە مېدىيا ۋاستىسىدىكى ئېلانلار ئاياللارنىڭ يالىڭاچ سۈرەتلىرىدىن خالى ئەمەس. بەلكى ئەركىنلىك شوئارى ئاستىدا بەزى شىركەتلەر قانۇن ھىمايىسى ئاستىدا ئاياللارنىڭ بەدىنىنى ئەركىن سېتىلىدىغان ماللارنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلاپ، ئەرلەرنىڭ خالىغانچە مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن شارائىتلارنى بارلىققا كەلتۈردى. مانا بۇ ئاياللار مەزكۇر جەمئىيەتتە جەسىتى، قولى ياكى پىكرى تەرەپتىن مەنپەئەت يەتكۈزەلىسە، كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلەيتتى. ئەمما ياشىنىپ قىلىپ پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئاجىز كەلگەندە،  جەمئىيەت-شىركەتلەر ئۇنى چەتكە قاقاتتى، ئۇ ۋاقىتتا بۇ ياشانغان مىسكىن ئايال ئۆيىدە ياكى ئىجتىمائىي ساقلىق ئورۇنلىرىدا خەۋەر ئېلىناتتى.

     بۇنى ۋە باشقىسىنى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان ئايەتلەرگە سېلىشتۇرۇپ باقايلى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَالْمُؤْمِنُونَ وَالْمُؤْمِنَاتُ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ﴾ تەرجىمىسى: «مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر ـ بىرى بىلەن دوستتۇر.» [سۈرە تەۋبە 71-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَهُنَّ مِثْلُ الَّذِي عَلَيْهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ﴾ تەرجىمىسى: «ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك).» [سۈرە بەقەرە 228-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا ۚ إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِندَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلَاهُمَا فَلَا تَقُل لَّهُمَا أُفٍّ وَلَا تَنْهَرْهُمَا وَقُل لَّهُمَا قَوْلًا كَرِيمًا . وَاخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ الذُّلِّ مِنَ الرَّحْمَةِ وَقُل رَّبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرًا﴾ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن ، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن. ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: "ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن" دېگىن.» [سۈرە ئىسرا 23-24-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا ئاياللارنى مۇشۇنداق ئىززەتلىدى ۋە ئىنسانلارغا بايان قىلدى، ئاياللارنى ئەرلەرنىڭ ۋاپادار جۈپتى بولۇش، قىزى ياكى ھەمشىرىسى بولۇش ئۈچۈن ياراتتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاياللارغا خاس بولغان قائىدە-تۈزۈملەرنى بېكىتتى.

دوكتۇر مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى سالىھ ئەسسۇھەيمنىڭ "ئىسلامنىڭ ئاساسى ۋە پىرىنسىپلىرى" ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىندى
Create Comments