پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن زېمىنغا چۈشۈپ يەنە ئاسمانغا قايتا كۆتۈرۈلگەنمۇ؟

3221

تارقاتقان ۋاقىت : 27-07-2010

كۆرگۈچىلەر : 6737

سۇئال

ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەرىپىگە ئىككى قېتىم كۆتۈرۈلگەنمۇ؟ چۈنكى مەن بىر كىتابتا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، يەنە زېمىن يۈزىگە قايتىپ كېلىپ، ئانىسىنى خاتىرجەم قىلىپ، يەھۇدىيلارغا بىر نەرسىدىن خەۋەر بېرىپ بولۇپ، قايتا ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئوقۇدۇم. بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردىدېگەن ئايەت ئارقىلىق ئىسا ئەلەيھىسسالامنى بىرلا قېتىم ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەن. ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم زېمىنگە قايتۇرۇلغانلىقىنى سۆزلىمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسا ئەلەيھىسسالامنى زېمىنگە قايتقان دېگۈچىلەر بۇ دەۋاسى ئۈچۈن دەلىل - ئىسپات كەلتۈرۈرشى لازىم. ئەگەر كەلتۈرەلمىسە، ئۇلارنىڭ بۇ جېدەللىرى ئاساسسىز دېگەنلىكتۇر.
ئاللاھ مۇنداق دېگەن: « ئۆز ۋاقتىدا اﷲ ئېيتتى: « ئى ئىسا!مەن سېنى (ئەجىلىڭ يەتكەندە) قەبزى روھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن، (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن (يەنى
سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىسانىڭ ئىشى)ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن» (ئال ئىمران سۈرىسى 55- ئايەت).
ئىبنى جەرىر مۇنداق دېگەن: ئايەتتىكى قەبزى روھ قىلىمەندېگەن سۆز ئاللاھنىڭ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. كۆپلىگەن ئۆلىمالار بۇ ئايەتتىكى قەبز روھ قىلىشتىن مەخسەت ئۇيقۇ ئىكەنلىكىنى سۆزلىگەن. قۇرئاندىكى ئۇ سىلەرنى كېچىدە قەبز روھ قىلىدۇ، ئاللاھجانلارنى ئۆلگەن ۋاقتىدا ئۇيقۇسىدا ئۆلمىگەنلىرىنىمۇ قەبز قىلغۇچىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇيقۇدىن تۇرغىنىدا: بىزنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن تىرىلدۈرگەن ئاللاھقا شۈكۈر، قايتىدىغان جايىمىز ئۇنىڭ دەرگاھىدۇردەپ دۇئا قىلاتتى.
ئاللاھنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاسمانغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغانلىقىدا يەھۇدىيلارنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈردۇق دەپ گۇمان قىلغانلىقىغا رەددىيە باردۇر. ئاللاھ يەھۇدىيلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ئۇلار ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ۋە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) دىللىرىمىز پەردىلەنگەن (يەنى سۆزۈڭنى چۈشەنمەيدۇ) دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). بەلكى اﷲ ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبىدىن دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ. يەنە ئۇلار نىڭ كۇفرى (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). يەنە اﷲ نىڭ رەسۇلى ئىسا ئبن مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋە لېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى، (ئىسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى)، ئىسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى (مەسىلىسى) دە شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇ ( ئىشنىڭ ھەقىقىتى) نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىسانى جەزمەن ئۆلتۈرمىدى. بەلكى اﷲ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى اﷲ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تىرىك ھالدا ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئەھلى كىتابتىن ھەرقاندىقى ئۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ. ئىسا قىيامەت كۈنى ئۇلار (يەھۇدىيلارنىڭ ئىسانى دارغا ئاستۇق دېگەن داۋاسىنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئىسا اﷲ نىڭ ئوغلى دېگەن دەۋاسىنىڭ يالغانلىقى)غا گۇۋاھ بولىدۇ (نىسا سۈرىسى 155- 159- ئايەتلەر).
ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆلمىدى. بەلكى يەھۇدىيلار ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا ئاللاھ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. ئۇ ئاخىر زاماندا زېمىنگە چۈشىدۇ ۋە ئىسلام شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغانغا قەدەر ياشاپ ئاخىرى ۋاپات بولىدۇ، نامىزىنى مۇسۇلمانلار چۈشىرىدۇ.
ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: ئايەتتىكى ئەھلى كىتابتىن ھەرقاندىقى ئۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ دېگەن ئايەتتىكى ئۇدېگەن ئالماش ئىسا ئەلەيھىسسالامغا قايتىدۇ. مەنىسى، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا زېمىنگە چۈشكەندە ھەر قانداق ئەھلى كىتاب قىيامەت بولۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ.
ئاللاھنىڭ سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن دېگەن ئايەت ئۇنى ئاسمانغا ئېلىپ كېتىش بىلەن كۇففارلاردىن قوغدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئەھۋال شۇنداق بولدى. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇرىتلىرى پىرقىلەرگە ئايرىلىپ كەتتى. بەزىسى ئۇنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئىمان ئېيتسا، بەزىسى ئۇنى ئىلاھ ياكى ئىلاھنىڭ ئوغلى دەپ دەۋا قىلىش بىلەن ھەددىدىن ئاشتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇرئاندا بايان قىلىپ، ئاندىن ئۇلارغا ئەجەللىك رەددىيەلەرنى بەرگەن. ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن 300 يىلغىچە شۇنداق داۋام قىلغان بولسىمۇ، قۇستىنتېنىيە دەپ بىر پادىشاھ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خرىستىئان دىنىغا كىرىدۇ. بەزىلەر ئۇنى ئالدامچى پەيلاسوپ ئىدى، دەيدۇ بەزىسى بىلمەستىن كىرگەن دەيدۇ. ھەر ھالدا شۇ پادىشاھ ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. چىركاۋلارغا سۈرەتلەرنى ئاسدىغان، چوشقا گۆشىنى يېيىشنى ھالال دەيدىغان بۇ ئىشلارنى ھەممىسىنى شۇ پادىشاھ يولغا قويغان. ھەتتا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى قۇستىنتېنىيەنىڭ دىنىغا ئايلىنىپ قالغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەلگەندىن كېيىن ئۇلاردىن ھەقىقىي ئىمان ئېيتىپ ئىسلام دىنىنى ئىتىراپ قىلىپ پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكۈچىلەر قاتارىدىن بولغانلارمۇ بولدى.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد