38023: روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار


روزىنى بۇزىدىغان ئامىللارنى قىسقىچە بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟

Published Date: 2015-09-12

   جاۋاپ:

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

   ئاللاھ تائالا روزىنى ئەڭ مۇكەممەل بىر ھېكمەت بىلەن يولغا قويدى. روزا تۇتقۇچىنى روزىنى ئوتتۇرھال تۇتۇشقا بۇيرىدى، روزا تۇتۇش بىلەن ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزمەيدۇ ۋە روزىغا زىيانلىك بولغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلمايدۇ. روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

    بىرىنچى ئامىل: بەدەندىن بىر تۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ سىرتقا چىقىرىش بىلەن بولىدۇ. مەسىلەن: جىما قىلىش، قەستەن قەي قىلىش، ئادەت كۆرۈش، ھىجامە قىلدۇرۇپ قان ئالدۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئىشلارنىڭ بارلىققا كىلىشى بىلەن بەدەن ئاجىزلايدۇ. بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر ئىشلارنى روزىنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن قىلدى. چۈنكى روزا تۇتقۇچىدا روزا تۇتۇش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئاجىزلىق بىلەن، يۇقىرىقى نەرسىلەرنىڭ بەدەندىن چىقىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن ئاجىزلىق بىرلەشكەندە، ئۇ كىشى  روزا تۇتۇش ئارقىلىق جىسمانىي زىيانغا ئۇچرىغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ روزا نورماللىق بەلگىلىمىسىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ.

    ئىككىنچى ئامىل: قورساقنى تويغۇزىدىغان يەنى جىسىمغا كىرىدىغان نەرسىلەر بىلەن بولىدۇ. مەسىلەن: يىمەك-ئېچمەك دېگەنگە ئوخشاش بولۇپ، ئەگەر روزا تۇتقۇچى يىسە-ئىچسە ئۇنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتۇشتىن بولغان ھكمەت ھاسىل بولمايدۇ. [پەتىۋالار توپلىمى 25-توم 248-بەت].

ئاللاھ تائالا روزىنى بۇزىۋىتىدىغان ئامىللارنىڭ ئاساسىنى بۇ ئايەتتە جۇغلاپ بايان قىلدى: ﴿فَالْآنَ بَاشِرُوهُنَّ وَابْتَغُوا مَا كَتَبَ اللَّـهُ لَكُمْ ۚ وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِ ۖ ثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ﴾ تەرجىمىسى: «ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار.» [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە روزىنى بۇزىدىغان ئامىللارنىڭ ئاساسىنى بايان قىلدى، ئۇ بولسىمۇ يىمەك-ئېچمەك ۋە جىمادىن ئىبارەتتۇر.

    ئۇنىڭدىن باشقا روزىنى بۇزىدىغان ئامىللارنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك سۈننەتلىرىدە بايان قىلىنغان.

    روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار يەتتە تۈرلۈك بولۇپ، ئۇ تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

    1-جىما قىلىش.

    2- ئانانىزىم قىلىش (يەنى قولى بىلەن ئىسپىرما چىقىرىش).

    3-يېيىش-ئىچىش.

    4-يىمەك-ئېچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش.

    5-ھىجامە قىلدۇرۇش ياكى باشقا يوللار بىلەن قان ئالدۇرۇش.

    6- قەستەن قەي قىلىش(قۇسۇش).

    7-ئاياللاردىن ھەيز-نىپاسنىڭ قىنى چىقىشى.

     يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئامىللارنىڭ ئەڭ بىرىنچىسى جىما قىلىش بولۇپ، بۇنىڭ گۇناھى ئەڭ ئېغىردۇر.

    رامىزاننىڭ كۈندۈزدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قەستەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسا، ئىككى جىنسى ئەزا ئۇچراشقان، ئەرنىڭ جىنسى ئەزاسى ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسىغا كىرگەن بولسا مەنى چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن ئۇلارنىڭ روزىسى بۇزىلىدۇ، ئۇلار قىلمىشى ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ شۇ كۇنىنى باشقا بىر نەرسە يىمەي روزا بىلەن كەچ قىلىدۇ، كىيىن ئۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە ئىغىر كاپارەت ئادا قىلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا كىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن ھالاك بولدۇم دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىنى نېمە ھالاك قىلدى؟» دېدى، ئۇ ئادەم: رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە ئايالىم بىلەن بىرگە بولدۇم دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قۇلدىن بىرنى ئازات قىلالامسەن؟» دىدى. ئۇ ئادەم: ياق، دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىككى ئاي ئارقىمۇ-ئارقا روزا تۇتالامسەن؟» دېۋىدى، ئۇ ئادەم: ياق، بۇنىمۇ قىلالمايمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاتمىش مىسكىنگە بېرىدىغان نەرسە تاپالامسەن؟» دەپ سوراپتى، ئۇ ئادەم: ياق، دەپ جاۋاپ بەردى.» [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى1936-نومۇرلۇق ھەدىستە، ئىمام مۇسلىم1111-نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان].

    جىما قىلىشتىن باشقا ئامىللار بىلەن روزا بۇزۇلسا بۇنىڭغا كاپارەت بىرىش كېرەك بولمايدۇ.

    روزىنى بۇزىدىغان ئامىللارنىڭ ئىككىنچىسى: ئانانىزىم (يەنى قولى بىلەن ئىسپىرما چىقىرىش). قولى بىلەن ئىسپىرما چىقىرىشنىڭ روزىنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى: ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇددۇسىيدا روزىدار ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ: «روزا تۇتقۇچى مەن ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يىمەك-ئېچمەك ۋە شەھۋىتىنى تەرك قىلدۇ.». [بۇخارى رىۋايىتى1894-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1151-ھەدىس].

    يۇقىرىقى ھەدىستە بايان قىلىنغان «شەھۋىتىنى تەرك قىلدۇ» دېگەنلىك، روزا تۇتقۇچى شەھۋەت بىلەن مەنى چىقىرىشنى تەرك قىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر.

    رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە ئانانىزىم قىلغان كىشى قىلمىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشى، كۈننىڭ قالغان قىسمىنى ئىپتار قىلماستىن ئاخىرلاشتۇرۇپ، كىيىن شۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

    ئەمما ئانانىزىمنى باشلاپ ئاندىن بۇنىڭدىن قولىنى تارتىپ، ئىسپىرما چىقارمىغان بولسا، روزىسىغا ھېچقانداق تەسىر يەتمەيدۇ. يەنى ئىسپىرما چىقمىغاندىن كىيىن روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك ئەمەس. روزىدار كىشى شەھۋىتىنى قوزغايدىغان بارلىق ۋاستىلەردىن  يىراق بولىشى، كۆڭلىگە پەيدا بولغان ناچار خىياللارنى يوق قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك.

    ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا مەزى چىققان بولسا روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

    روزىنى بۇزىۋىتىدىغان ئامىللارنىڭ ئۈچىنچىسى: يىيىش ياكى ئېچىش، يەنى ئىغىز ئارقىلىق يىمەك-ئېچمەكنىڭ ئاشقازانغا يىتىپ بىرىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا بۇرۇن ئارقىلىق ئاشقازانغا بىر نەرسە كىرسىمۇ ئوخشاشلا روزىنى بۇزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «روزا تۇتمىغان بولساڭ بۇرنۇڭغا تولۇق سۇ ئالغىن،» دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى788-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرى 631-ھەدىستە كەلتۈرگەن.

    ئەگەر بۇرۇن ئارقىلىق كىرگەن سۇ ئاش قازانغا كىرمەيدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا تۇتقۇچىنى بۇرنىغا تولۇق سۇ ئىلىشتىن چەكلىمەيتتى.

روزىنى بۇزىدىغان ئامىللارنىڭ تۆتىنچىسى: يىمەك-ئېچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسىلەر. بۇ ئىككى ئىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ:

    1-روزا تۇتقۇچىنىڭ ئۇكۇل ئارقىلىق قان سالدۇرىشى. روزا تۇتقۇچىدىن مەلۇم سەۋەب بىلەن قان كۆپ چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۇكۇل ئارقىلىق قان سالدۇرسا روزىسى بۇزىلىدۇ. چۈنكى قان يىمەك-ئېچمەك بىلەن غىزالىنىشنىڭ ئاخىرىقى غايىسىدۇر.

    2-يىمەك-ئېچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان قۇۋۋەت ئوكۇلى ئاستۇرۇش. چۈنكى ئۇ يىمەك-ئېچمەكنىڭ ئورنىدا بولىدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىيننىڭ "رامىزان ئېيىدىكى سۆھبەت" ناملىق ئەسىرى 70-بەت].

    ئەمما يىمەك-ئېچمەكنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلمەيدىغان ئوكۇل بولسا مەسىلەن: پىنسىلىن، ئۇنسىلىن، جانلاندۇرۇش ئۇكۇلى، ۋاكسىنا قاتارلىق ئۇكۇللار تومۇرغا ئۇرۇلسۇن ياكى ئاسما قىلىپ ئۇرۇلسۇن بۇنىڭ روزىغا ھېچقانداق تەسىر يەتكۇزمەيدۇ (يەنى بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ). [شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم پەتىۋالىرى 4-توم 189-بەت]. ئىمكانىيەت بولسا بۇنداق ئۇكۇللارنىمۇ كېچە تەرەپلەردا سالدۇرۇش ياخشى.

    بۆرەك تازىلاش ئىشىدا، پاكىزلاش ئۈچۈن قان ئىلىش ئاندىن قاننى تازىلاپ تۈزلۇق ۋە تاتلىق بولغان خىمىيىلىك ۋە ۋېتامىنلىق ماددىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قاننى قايتا سىلىش بىلەن روزا بۇزىلىدۇ. [دائىمى كومېتىتى پەتىۋالىرى (10/19)].

    روزىنى بۇزىدىغان ئامىللارنىڭ بەشىنچىسى: ھىجامە قىلدۇرۇپ بەدەندىن قان چىقىرىش. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھىجامە قىلغۇچى ۋە قىلدۇرغۇچىنىڭ روزىسى بۇزۇلدى،» دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2367-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2047-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    باشقىلارغا قان ئىئانە قىلىشمۇ ھىجامە قىلىپ قان ئالدۇرغانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭمۇ ھىجامە قىلدۇرغاندەك روزا تۇتقۇچىنىڭ بەدىنىگە تەسىرى بولىدۇ.

     مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، روزىدارنىڭ باشقىلارغا قان ئىئانە قىلىشى توغرا بولمايدۇ. قاتتىق زۆرۈرىيەت ئاستىدا قان ئىئانە قىلسا بولىدۇ، ئەمما شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىيننىڭ "رامىزان ئېيىدىكى سۆھبەت" ناملىق ئەسىرى 71-بەت].

     بىر كىشىدىن ئىختىيارسىز كۆپ قان چىقىپ كەتسە، بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىش ئۇ كىشىنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن بولمىدى. [دائىمى كومېتىت پەتىۋالىرى (10-توم 264-بەت].

    ئەمما چىشنى ئالدۇرۇش ياكى جاراھەتنى يىرىپ تەكشۈرۈش ياكى ئايرىم قان تەكشۈرتۈش ئۈچۈن قان ئىلىنغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ. چۈنكى ئۇ ھىجامە قىلىش ئۈچۈن قان چىقارغانغا ئوخشىمايدۇ، شۇنداقلا ئۇھىجامە بەدەنگە تەسىر كۆرسەتكەندەك تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

     روزىنى بۇزىدىغان ئامىلنىڭ ئالتىنچىسى: قەستەن قەي قىلىش. بۇنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇبارەك ھەدىسىدە: «بىر كىشى ئىختىيارسىز قەي قىلغان بولسا روزىسى بۇزۇلمايدۇ، ئەمما قەستەن قەي قىلغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزىلىدۇ ۋە شۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ،» دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى 720-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ  تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرى577-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كۆپچىلىك ئالىملار قەستەن قەي قىلغان كىشىنىڭ   روزىسىنىڭ بۇزىلىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى". [ئەلمۇغنى" 4-توم 368-بەت].

     ئېغىزىغا قولىنى سىلىپ ياكى قورسىقىنى سىقىپ ياكى كۆڭلى ئىلىشىدىغان نەرسىنى پۇراپ ياكى قەي قىلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان نەرسىگە قاراپ قەي قىلىدىكەن، ئۇ كىشى شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ.

    ئەمما ئاش قازىنى بۇزۇلۇپ بىر نەرسە ئىستىمال قىلسا قەي قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، روزىدارنىڭ روزىسىغا تەسىر يەتمەيدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىيننىڭ "رامىزان ئېيىدىكى سۆھبەت" ناملىق ئەسىرى 71-بەت].

    روزىنى بۇزىدىغان ئامىلنىڭ يەتتىنچىسى: ھەيز ۋە نىپاس قىنىنىڭ چىقىشى. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئايال كىشى ئادەت كۆرۈپ قالسا ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ ئەمەسمۇ؟،» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 304-ھەدىس].

    ئايال كىشى قايسى ۋاقىتتا ھەيزنىڭ ياكى نىپاسنىڭ قىنىنى كۆرسە شۇ ۋاقىتتا روزىسى بۇزىلىدۇ، ھەتتا كۈن ئولتۇرۇشقا بىر مىنۇت قالغان بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

    ئەمما ئايال كىشى ھەيزنىڭ قىنىنىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، لىكىن كۈن پاتقىچە قان چىقمىغان بولسا، كۈن پاتقاندىن كىيىن قان چىققان بولسا، ئۇ كۈندىكى روزىسى توغرا بولىدۇ.

ھەيزدار ياكى نىپاسدار ئاياللاردىن كېچىدە قان كىلىش توختىسا، روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلسا، غۇسلى قىلىشتىن ئىلگىرى تاڭ يورۇپ قالغان بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا شۇ كۈنلۈك روزىسى توغرا بولىدۇ. [ئەلپەتھى 4-توم 148-بەت].

     ھەيىزدار ئاياللار ئاللاھ تائالا ئۇلارغا تەقدىر قىلغان ئىشقا رازى بولۇپ، ھەيزنى چەكلەيدىغان دورىلارنى ئىستىمال قىلماسلىقى ئەۋزەل، ھەيز ۋاقتىدا روزا تۇتماي كىيىن قازاسىنى قىلىۋىلىشتىن ئىبارەت ئاللاھ تائالا ئاياللارغا لايىق كۆرگەن ئىشنى ئۇلار قوبۇل قىلىپ ئۆز تەبىئىتى بىلەن قىلىشى كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىمۇ، ساھابىلارنىڭ ئاياللىرىمۇ ۋە باشقا ياخشى كىشىلەرنىڭ ئاياللىرىمۇ شۇنداق قىلغان. [دائىمى كومېتىتى پەتىۋالىرى 10-توم 151-بەت].

دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرىشى نەتىجىسىدە، ھەيز چەكلەش دورىسىنىڭ ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكى، كۆپچىلىك ئاياللارنىڭ ھەيز چەكلەش دورىسى قوللانغانلىقى ئۈچۈن ئايلىق ئادىتىنىڭ تەرتىپسىزلەشكەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئەمما ئاياللار ھەيز چەكلەش دورىسى ئىشلىش سەۋەبلىك ئادەت كىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغان بولسا، ئادەت كۈنلىرى بولغان تەقدىردىمۇ قان كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك پاك بولغان بولىدۇ ۋە روزا تۇتسا دۇرۇس بولىدۇ.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەيز-نىپاستىن باشقا ئامىللارنىڭ ھەممىسى روزىنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن بولۇپ، شۇنداق ئىشلار يۈزبەرسە، تۆۋەندىكى ئۈچ شەرت بىلەن روزا بۇزىلىدۇ:

   1-بۇ ئامىللارنىڭ روزىنى بۇزىدىغان ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك.

   2- ئۇنتۇلۇپ قالماستىن ئىسىدە بار بولىشى كېرەك.

   3-باشقىلار تەرىپىدىن مەجبۇرلانماستىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن بولغان بولىشى كېرەك.

   كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن روزىنى بۇزمايدىغان بەزى ئىشلارنى سۆزلەپ ئۆتىمىز: مەقەتكە ئۇكۇل سۇيۇقلىقى كىرگۈزۈش، كۆز ۋە قۇلاققا دورا تېمىتىش، چىش تارتقۇزۇش ۋە جاراھەتنى داۋالىتىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ. [شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالار توپلىمى 25-توم 233 -245-بەتلەر].

    يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن تىل ئاستىغا دورا قويۇش، ئەگەر كانىيىغا كەلگەن نەرسىنى يۇتىۋەتمىسە روزا بۇزۇلمايدۇ.

    ئاياللارنىڭ جىنسى ئەزاسىغا دورا سىلىش ۋە يۇدۇرۇش، تىببى تەكشۈرۈش ئۈچۈن جىنسى يولىغا كامىرا كىرگۈزۈش ياكى بارماق سىلىپ تەكشۇرۇش، تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سالدۇرۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.

    ئەر-ئاياللارنىڭ كىچىك تەرەت يولىغا كىچىك نەيچە كىرگۈزۈش ياكى دۇربۇن ياكى نۇرلۇق تەكشۈرۈش ماددىسى ياكى دورا ياكى سۇدۇك يولىنى يۇيىدىغان سۇيۇقلۇق كىرگۈزۈش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.

    چىشنىڭ يىلتىزىنى ئىچىش ياكى چىشنى ئالدۇرۋىتىش ياكى چىشنى تازىلىتىش، مىسۋاك ياكى چىش پاستىسى ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلاردا كانايغا كىلىپ قالغان نەرسىنى يۇتىۋىتىشتىن ساقلانسا بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.

    ئېغىزىنى چايقاش، غار-غار قىلىش، ئېغىزىغا پۈركۈگۈچ قويۇپ داۋالاش ئىشلىرىدا كانايغا كىلىپ قانغان نەرسىنى يۇتىۋىتىشتىن ساقلانسا بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.

    ئوكسىگىن ۋە گازلىق مەس قىلغۇچى ماددىلار بىلەن داۋالانغاندا بىمارغا غىزانىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان سۇيۇقلۇق بېرىلمىگەندە بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.

    تېرىدىن ماي ماددىلىرىنى سۈمۈرۈش ئۈچۈن تىرە ئاستىغا كىرگۈزۈلگەن نەرسە، مەلھەم، خىمىيىلىك ۋە داۋالاش ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېرە داۋالاش ماددىلىرىنى ئىشلەتكەندە روزا بۇزۇلمايدۇ.

    تومۇرغا ئىنچىكە نەيچە كىرگۇزۇش ئارقىلىق يۈرەك قان تومۇرلىرىنى داۋالاش، ئۇنى سۈرەتكە ئىلىش ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئەزالار بۇ ئارقىلىق تىببى تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىلسا بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.

    بىقىنىدىن ئىچكى ئەزالارنى تەكشۈرۈش ياكى ئوپراتسىيە قىلىش ئۈچۈن كامىرا كىرگۈزسە بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.

    جىگەردىن ياكى باشقا ئەزالاردىن تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۆرنەك ئالغاندا، بەدەندە ئېرىپ كىتىدىغان ماددىلارنى بىرگە كىرگۈزمىگەندە روزا بۇزۇلمايدۇ.

    ئاشقازاننى تەكشۈرىدىغان كامىراغىمۇ بەدەندە ئىرىپ كىتىدىغان سۇيۇقلۇق ماددىلار ياكى باشقا ماددىلار  سۈركەلمىگەندە بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.

    مېڭىنى داۋالاش ئۈچۈن ھەرقانداق ئۈسكۈن ۋە ماددا ئىشلەتسە بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.

    [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىيننىڭ رامىزان ئېيىدىكى سۆھبەت ۋە روزىغا ئالاقىدارلىق يەتمىش مەسىلە ناملىق ئەسەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
Create Comments