جۈمە 3 رەجەب 1446 - 3 يانۋار 2025
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلىم-سېتىمدىكى پرىنسىپى توغرىسىدا

سۇئال

سۈننەت بويۇنچە تىجارەت قىلىشنى مەقسەت قىلىمەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تىجارەت ئىشلىرىدا، مالنى سۈپەتلەش، ئالماشتۇرۇش ۋە قايتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى قايسى شەكىلدە قىلاتتى؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تىجارەتتىكى ئىلىم-سېتىم ئىشلىرىنى مۇنداق خۇلاسە قىلىش مۇمكىن بولىدۇ:

1-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى تاغىسى ئەبۇ تالىپ بىلەن بىرگە تىجارەت قىلغان، خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۈچۈن تىجارەت قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن شامغا سەپەر قىلغان، جاھىلىيەت دەۋرىدىكى تىجارەتچىلەر ئېلىم-سېتىم ئۈچۈن كېلىدىغان مەجىننە ۋە ئوكاز بازارلىرىدىمۇ تىجارەت قىلغان.

2-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزى بىۋاستە سودا قىلغان، بۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ ۋە جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇ تۆگىلىرىنى سودا قىلغاندەك، ياكى ئورنىغا سودا قىلىش ئۈچۈن ساھابىلاردىن بىرەرسىنى ۋەكىل قىلغان، ئۇرۋە ئىبنى ئەبى جەئدىل باقىرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە بىر دىنار بېرىپ ئۇنىڭغا بىر قوي سېتىۋېلىشنى بۇيرىدى، ئۇ كىشى بىر دىنارغا ئىككى قوي سېتىۋېلىپ، ئىككى قوينىڭ بىرىنى بىر دىنارغا سېتىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر قوي بىلەن بىر دىنارنى ئېلىپ كېلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ سودىسىغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشى ئەگەر زېمىن توپىنى ئېلىپ ساتسىمۇ پايدا ئالاتتى».  [تىرمىزى رىۋايىتى 1258-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3384-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى2402-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.]

3-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ياخشىلىق، راستچىللىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن تىجارەت قىلىشقا بۇيرىغان.

ئا-ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى سودا قىلغۇچى ئايرىلىپ كەتمىگەن مۇددەتتە ئىختىيارلىق بىلەن بولىدۇ، ئەگەر راست سۆزلىسە، مالنىڭ ۋە پۇلنىڭ سۈپەتلىرىنى تولۇق بايان قىلسا، ئۇ ئىككەيلەننىڭ سودىسىغا بەرىكەت بېرىلىدۇ، ئەگەر ئەيىبنى يوشۇرۇپ، يالغان سۆزلىسە، سودىسىنىڭ بەرىكىتى يوق بولىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى1973-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1532-ھەدىس].

ب-ئىسمائىل ئىبنى ئۇبەيد ئىبنى رىپائە ئاتىسىدىن، ئۇ كىشى چوڭ ئاتىسىدىن بايان قىلغان ھەدىستە:  چوڭ ئاتىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇيدىغان جايغا چىقىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ سودا-سېتىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى تىجارەتچىلەر! (ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىغا جاۋابەن باشلىرىنى كۆتۈرۈپ، بويۇنلىرىنى سوزۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قارايدۇ)، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەقىقەتەن ئاللاھدىن قورقىدىغان، ياخشى، راستچىللاردىن باشقا تىجارەتچىلەر قىيامەت كۈنىدە پاجىر-پاسىقلار بىلەن بىرگە جۇغلىنىدۇ، دېدى». [تىرمىزى رىۋايىتى 1210-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى2146-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، “تەرغىبنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى” 1785  – نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن.]

ج-قەيس ئىبنى ئەبى غەرزە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: «ئى تىجارەتچىلەر!  ھەقىقەتەن سودىغا قۇرۇق سۆز ۋە قەسەم ئارىلىشىدۇ، بۇنى سەدىقە قىلىش بىلەن پاكىزلاڭلار». [تىرمىزى رىۋايىتى 1208- ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3326-ھەدىس. نىسائى رىۋايىتى3797 -ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2145 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ” ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى”دا كەلتۈرگەن. ]

4- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى تىجارەتتە كەڭ قورساق ۋە ئاسانلىق قىلىپ بېرىشكە تەۋسىيە قىلاتتى.

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مال ساتقاندا، سېتىۋالغاندا ۋە قەرز ئادا قىلغاندا كەڭ قورساق بولغان كىشىگە رەھمەت قىلدى». [بۇخارى رىۋايىتى1970-ھەدىس].

ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “بۇ ھەدىس: مۇئامىلە قىلىشقاندا كەڭ قورساق بولۇش، بۈيۈك ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، زىددىيەتنى تەرك قىلىش، كىشىلەر تەلەپ قىلىدىغان نەرسىلەردە قىيىنچىلىقنى يوق قىلىش ۋە ئۇلارنى ئەپۇچان بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ”. [ “پەتھۇل بارى” 4 -توم 307 -بەت.]

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەڭ قورساقلىنىڭ نامايەندىلىرىدىن:

ئا-ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر سەپەردە بىز بىلەن بىرگە ئىدى، مەن ئۆمەرنىڭ شاش بىر تۆگىسىگە مىنگەن ئىدىم، تۆگىنى باشقۇرالمىدىم، تۆگە ھەممىنىڭ ئالدىغا چىقىپ كەتتى، ئۆمەر تۆگىنى كەينىگە قايتۇردى، ئاندىن تۆگە يەنە ئالدىغا چېكەتتى، ئۆمەر يەنە كەينىگە قايتۇردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆمەرگە: ئۇ تۆگىنى ماڭا سېتىپ بەرگىن، دېدى. ئۆمەر:  ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ تۆگە سىلىنىڭ بولسۇن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام : سېتىپ بەرگىن دېدى، ئۆمەر ئۇ تۆگىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ساتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېتىۋېلىپ: ئى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر!  ئۇ تۆگە سېنىڭ بولسۇن، خالىغىنىڭنى قىلغىن، دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى2610-ھەدىس].

ب-جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: مەن سەپەردە تۆگەمگە مېنىپ تۆگىنى ئۇرماقچى بولغان ئېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا يېتىشىپ كېلىپ مېنى چاقىردى ۋە تۆگىنى ئۇرۇپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۆگە شۇنداق مېڭىپ كەتتىكى، ھېچ ۋاقىت بۇنداق مېڭىپ باقمىغان ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: تۆگىنى ماڭا بىر ئۇقىيە كۈمۈشكە سېتىپ بەرگىن دېدى. مەن: ياق دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سېتىپ بەرگىن دېدى، مەن تۆگىنى بىر ئۇقىيەگە سېتىپ بېرىش بىلەن  ئۇنىڭغا مېنىپ مەدىنىگە بېرىۋېلىشنى شەرت قىلدىم، مەدىنىگە كەلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا تۆگىنى ئېلىپ باردىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا تۆگىنىڭ پۇلىنى نەخ بەردى، مەن پۇلنى ئىلىپ قايتتىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئارقامدىن مېنى چاقىرىپ: مېنى تۆگەڭنى ئېلىۋالىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ تۆگىنىمۇ ئالغىن، پۇلنىمۇ ئالغىن پۇل سېنىڭ بولسۇن، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى1991 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 715-ھەدىس. لەۋزى مۇسلىمغا ئائىتتۇر.]

5-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى گۈزەل شەكىلدە ئادا قىلاتتى ۋە كىشىلەرنىمۇ شۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرەتتى.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  بىر كىشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئالىدىغان ياشقا توشقان تۆگىسى بار ئېدى، ئۇ كىشى بۇنى تەلەپ قىلىپ كەلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا: ئۇنىڭ ھەققىنى بېرىڭلار، دېدى، تۆگىلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇ كىشىگە بېرىدىغان ياشتىكى تۆگە يوق بەلكى ئۇنىڭدىن چوڭ ۋە ئېسىل تۆگىلەر بار ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭغا ياخشىسىنى بېرىڭلار، دېدى. ئۇ كىشى: ماڭا ھەققىمنى تولۇقلاپ بەردىڭ، ئاللاھمۇ ساڭا تولۇقلاپ بەرسۇن دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار، قەرزنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئادا قىلغىنىڭلار، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى2182 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1601-ھەدىس].

6-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پۇشايمان قىلغان كىشىنىڭ سودىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرەتتى.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم كەڭ قورساق بولۇپ، مۇسۇلماننىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلىدۇ». ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3460-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2199- ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ “ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.]

سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ شەكلى: بىر كىشى بىر نەرسىنى سېتىۋېلىپ ئاندىن ئۇنى سېتىۋالغانلىقىغا پۇشايمان قىلغان بولسا، ئۇنىڭدا ئالدىنىپ قالغانلىق ياكى ئۇنىڭغا ئېھتىياجىنىڭ بولماسلىقى ياكى پۇلىسىنىڭ بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، سېتىۋالغان نەرسىنى ساتقۇچىغا قايتۇرۇپ بەرسە، ساتقۇچى بۇنى قوبۇل قىلىپ پۇلىنى قايتۇرسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسان قىلىدۇ، چۈنكى ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىغا ياخشىلىق قىلغان بولدى، چۈنكى ئەسلىدە سودا پۈتكەن بولۇپ بۇنى سېتىۋالغۇچى ئەمەلدىن قالدۇرالمايتتى. [ ئەۋنىل مەئبۇد “ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى.]

7-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سېتىۋالغاندا باھا قوياتتى، كىشىلەرنىڭ ماللىرىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۋەتمەيتتى، يۇقىرىدا جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۆگىسىنى سېتىۋالغانلىق توغرىسىدىكى ھەدىستە بايان قىلىندى.

سۇۋەيد ئىبنى قەيس مۇنداق دەيدۇ: « مەن ۋە مەخرەمە ئەبدى ئىككەيلەن ھەجەر دېگەن جايدىن مەككىگە رەخت-كىيىم بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا مېڭىپ كېلىپ بىر ئىشتاننىڭ باھاسىنى سوراپ ئۇنى بىزدىن سېتىۋالدى». [تىرمىزى رىۋايىتى1305 -ھەدىس. ھەسەن سەھىھ دېگەن. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3336 -ھەدىس. نىسائى رىۋايىتى 4592 -ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى  2220-ھەدىس].

8-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تارتقاندا ئېغىرراق تارتىپ بېرىشكە بۇيرۇتتى.

سۇۋەيد ئىبنى قەيس مۇنداق دەيدۇ: « پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ ئىشلەمچىگە ئىش ھەققىنى تارتىپ بەرگىنىنى كۆرۈپ: ئېغىرراق جىڭلاپ بەرگىن، دېدى».  بۇ ئىلگىرىكى ھەدىسنىڭ تامامىدۇر.

9-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىگە مۆھلەت بېرىشكە ۋە ئۇنىڭدىن قەرزنىڭ بەزىسىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇتتى.

ئەبى يۇسر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : «قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىگە مۆھلەت بەرگەن ياكى ئۇنىڭدىن قەرزنى يەڭگىللەتكەن كىشىنى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ سايىسىدا سايىدىتىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى3006-ھەدىس].

10-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جازانە، ئالدامچىلىق، ئالتۇن-كۈمۈشنى نېسى سېتىش، ھارام نەرسىلەرنىڭ تىجارىتىنى، سودىدا ئالدامچىلىق قىلىش، ھىلە قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلىگەن. بۇ توغرىدا دەلىللەر بەك كۆپ ۋە مەشھۇردۇر.

بىزدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تىجارەت مۇئامىلىسىنىڭ ھەممىسىدە بولغان  سودا-سېتىقنى تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىدىغان بىر دەلىل يوق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاھىلىيەت دەۋرىدە تىجارەت قىلغان، ئۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر بولمىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەممە ئەھۋالنى نەقل قىلىپ يۆتكەيدىغان ساھابىلىرى يوق ئېدى، ئاللاھ خالىسا بىز بۇ توغرىدا يۇقىرىدا بايان قىلغان ھەدىسلەر يېتەرلىك بولىدۇ دەپ قارايمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى