جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئىنسانلارنىڭ پەيغەمبەرلەرگە مۇھتاجلىقى

سۇئال

كىشىلەر نىمىشقا پەيغەمبەرلەرگە مۇھتاج بولىدۇ ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
پەيغەمبەرلەر بولسا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى بولۇپ ، ئۇلار ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى يەتكۈزىدۇ . ھەمدە ئۇلارغا ئاللاھ ۋەدە قىلغان نىئېمەتلەر بىلەن خۇش-خەۋەر بىرىدۇ ، ناۋادا ئۇلار ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلغان بولسا . ھەمدە ئۇلارنى دائىملىق ئازاپتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ ، ناۋادا ئۇلار ئۇنىڭ توسۇقلىرىغا قارشى چىققان بولسا . ئۇلار ئۇلارغائىلگىركى مىللەتلەرنىڭ ھىكايىلىرىنى ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا كەلگەن ئازاپ ۋە ئىنتىقاملارنى سۆزلەپ بىرىدۇ .
بۇ ئىلاھى بۇيرۇقلار ۋە چەكلىمىلەرنى نوقۇل پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق بىلگىلى بولمايدۇ . شۇڭلاشقا ئاللاھ ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەش ، ئۇلارنىڭ مەنپەتىنى قوغداش يۈزسىدىن قانۇنلارنى بىكىتتى ، بۇيرۇق ۋە توسۇقلارنى بەردى . چۈنكى ، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل خاھىشىغا ئەگىشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن چەكلىمىلەردىن ئۆتۈپ كىتىدۇ ، كىشىلەرگە زوراۋانلىق قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنى ھەق-ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ . شۇڭا ئاللاھ ئۆزىنىڭ دانالىقى ۋە ھىكمىتى بىلەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئەسلىتىدىغان ، ئۇلارنى گۇناھقا چۈشمەسلىككە ئاگاھلاندۇرىدىغان ، ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىدىغان ھەمدە ئۇلارغا ئىلگىرى ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ھىكايىلىرىنى سۆزلەپ بىرىشكە ئۈزۈلدۈرمەي ئۇلارغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ تۇردى . چۈنكى كىشىلەر ئاجايىپ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا ، ئۇلارنى ھوشيار قىلىدۇ-دە ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چۈشىنىدۇ ، بىلىمى ئاشىدۇ ۋە توغرا چۈشىنىدۇ ، چۈنكى قانچە كۆپ ئاڭلىغانسىرى ئوي-پىكىرلەر شۈنچە كۆپ بولىدۇ . ئوي-پىكىرلەر قانچە كۆپ بولسا ، ئۇلار شۈنچە كۆپ پىكىر يۈرگۈزىدۇ . ئۇلار قانچە پىكىر يۈرگۈزسە ، ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى شۈنچە كۆپ بولىدۇ . ھەمدە ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى قانچە كۆپ بولسا ، ئۇلارنىڭ قىلىدىغىنى شۈنچە كۆپ بولىدۇ . شۇڭا بۇ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ، ئەلچىلەرنى ئەۋەتىشتىن باشقا يول يوق .
[ ئەلى بىن مۇھەممەد مەۋدۇدىنىڭ ئەئېلام نۇبۇۋۋە دىن ئىلىندى . ]
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) –ئەھمەد بىن ئابدۇلھەلىيم بىن ئابدۇسسەلام ئىبنۇ تەيمىيە دەپ تونۇلغان . ئۇ ھىجىرىينىڭ 61-يىلى تۇغۇلۇپ ، 728-يىلى ۋاپات بولغان . ئۇ ئەڭ كاتتا ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، نۇرغۇن قىممەتلىك كىتاپلارنى يازغان . ئۇ مۇنداق دىگەن :" ئەلچىلىك بولسا ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەڭ ياخشى نەرسىگە يىتەكلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر . بىر ئادەم بۇ ئەلچىلىككە ئەگەشمىسە ، ئاخىرەتتە ئۆزىگە پايدىلىق نەرسىگە يىتەكلىنەلمەيدۇ . ۋە شۇنىڭدەك ، بۇ دۇنيادىمۇ ھەم ئۆزىگە پايدىلىق نەرسىگە يىتەكلىنەلمەيدۇ . ئىنسان شەرىئەتكە مۇھتاج . چۈنكى ئۇ ئۆزىگە پايدا ئىلىپ كىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزىدىغان نەرسىدىن ساقلايدىغان ئىككى ھەركەتنى قىلىدۇ . بۇ شەرىئەت ئاللاھنىڭ زىمىندىكى نۇرى ، بەندىلىرى ئارىسىدىكى ئادىللىقى ، ھەمدە ئۇنىڭغا كىرىۋالغۇچى ھەرقانداق كىشى بىخەتەر بولىدىغان پاناھگاھ .
شەرىئەت دىگەنلىك پايدا بىلەن زىياننى ھىسسىي جەھەتتىن ئايرىش ئەمەس ، چۈنكى ھايۋانلارمۇ ئۇنى قىلالايدۇ . ئىشەك بىلەن تۆگە ئارپا بىلەن توپىنى پەرىقلەندۈرەلەيدۇ . بەلكى ئۇ ئىنسانغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدا يەتكۈزىدىغان ئىش-ھەركەت بىلەن ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەركەتلەرنى ئايرىش . مەسىلەن ، ئىمان ، تەۋھىيد ، چىدامچانلىق ، ئادىل بولۇش ، توغرا قىلىقلىق بولۇش ، ياخشىلىق قىلىش ، ئىشەنچىلىك بولۇش ، ئىپپەتلىك بولۇش ، بىلىش ، ياخشىلىققا بۇيرۇش ، يامان ئىشتىن توسۇش ، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاش ، ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەش ، قوشنىلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش ، كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تونۇش ، ئىشلارنى ساپ ئاللاھ ئۈچۈن قىلىش ، ئۇنىڭغا ئىشەنچىسىنى قويۇش ، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراش ، ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنى قوبۇل قىلىش ، ئۇنىڭ خاھىشىغا بويسۇنۇش ، ئۇنىڭغا ئىشىنىش ، ئۇنىڭ ئەلچىلىرى بىزگە ئېيىتقان بارلىق خەۋەرلەرگە ئىشىنىش ، ۋە باشقا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىنسانغا نەپ ئەكىلىدىغان ئىش-ھەركەتلەر . ئەگەر ئەلچىلىك بولمىغان بولسا ، بىزلەرنىڭ كاللىمىز بۇ ھاياتتىكى پايدا بىلەن زىياننى تەپسىلىي ئايرىشقا كۈچى يەتمىگەن بولاتتى . ئاللاھ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا نىئېمەتلەرنىڭ بىرى بولسا ئۇلارغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىشى ، كىتاپلارنى چۈشۈرىشى ، ۋە ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىشى بولۇپ ، ناۋادا ئۇ بولمىغان بولسا ئۇلار ھايۋانلارنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالغان ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ناچار ھالغا قالغان بولاتتى . شۇڭا كىمكى ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى قوبۇل قىلسا ، ئۇنىڭغا چىڭ ئىسىلسا ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى . ۋە كىمكى ئۇنى رەت قىلسا ۋە ئۇنىڭغا سەل قارىسا ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ناچىرى . ھەتتا ئىت، چوشقىلاردىنمۇ ناچار بولۇپ ، رەزىللەرنىڭ رەزىلى .
دۇنيا خەلقى پەقەت ئۇلارنىڭ ئارىسىغا تارالغان ئەلچىلىكنىڭ ئىزلىرى بىلەنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ . ئەگەر ئەلچىلەرنىڭ بۇ ئىزلىرى زىمىن يۈزىدىن ئۆچۈرۋىتىلسە ، ئۇلارنىڭ تەلىماتى يوقىتىۋىتىلسە ، ئۇ چاغدا ئاللاھ ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى دۇنيانى ۋەيران قىلىدۇ ھەمدە قىيامەت باشلىنىدۇ .
يەرشارى كىشىلىرىنىڭ ئەلچىلەرگە بولغان ئىھتىياجى ئۇلارنىڭ قۇياش ، ئاي ، شامال ، ۋە يامغۇرغا بولغان ئىھتىياجىغا ، بىر ئادەمنى ھاياتلىقىغا بولغان ئىھتىياجىغا ، ياكى كۆزنىڭ يورۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجىغا ، ياكى بەدەننىڭ يىمەك-ئىچمەككە بولغان ئىھتىياجىغا ئوخشىمايدۇ . بەلكى ئۇنىڭدىن چوڭ ۋە ھەرقانداق سىز ئويلىيالايدىغان ۋە پەرەز قىلالايدىغان ئىھتىياجدىن چوڭ . ئەلچىلەر بولسا(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇلارغا بولسۇن) ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە توسۇقلىرىنى يەتكۈزىدىغان ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرى ئوتتۇرسىدىكى ۋاستىلەر .ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىچىلار . ئۇلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئاخىرقىسى ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئەڭ ھۆرمەتلىكى بولسا مۇھەممەد ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بولسۇن ) . ئاللاھ ئۇنى دۇنيالارغا رەھىم-شەپقەت سۈپىتىدە ، ئاللاھقا يىقىنلىشىشنى خالايدىغانلارغا يىتەكچى ، بارلىق كىشىلەرگە بانا قويماسلىق ئۈچۈن ئىزپات قىلىپ ئەۋەتتى . ئاللاھ كىشىلەرنى ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا ، ئۇنى سۆيۈشكە ، ھۆرمەتلەشكە ، ئۇنى ھىمايە قىلىشقا ۋە ئۇنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئادا قىلىشقا بۇيرىدى . ئاللاھ بارلىق ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەردىن ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە ۋە ئەگىشىشكە ئەھدە ئالدى . ھەمدە ئۇلارنى ئۇلارغا ئەگەشكەن مۇئىمىنلەردىنمۇ ئوخشاش ئەھدىنى ئىلىشقا بۇيرىدى . ئاللاھ ئۇنى قىيامەتتىن بۇرۇن خۇش-خەۋەر ئىلىپ كەلگۈچى ، ئاگاھلاندۇرغۇچى ، كىشىلەرنى ئاللاھ تەرەپكە ئۇنىڭ ئىزنى بىلەن چاقىرغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراق قىلىپ ئەۋەتتى . ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن ئەلچىلەرنىڭ سېپىنى ئاخىرلاشتۇردى ، ئازغۇنلۇقتىن توغرىغا يىتەكلىدى ، ئۇئارقىلىق نادانلىقتىن بىلىم-مەرىپەتكە يىتەكلىدى ، ئۇنىڭ ئەلچىلىكى بىلەن قارغۇ كۆزلەرنى ، پاڭ قۇلاقلارنى، قاتقان يۈرەكلەرنى ئاچتى. ئۇنىڭ ئەلچىلىكى بىلەن قاراڭغۇلاشقان بۇدۇنيانى يورۇتتى ، چىچىلىپ كەتكەن كىشىلەرنى بىر يەرگە يىغدى . ئىنسانلارنىڭ ئەگرى يولىنى تۈزلەپ بەردى ھەمدە ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتتى . ئۇنىڭ كۆكسى-قارنىنى كەڭ قىلدى ھەمدە يۈكىنى ئىلىۋەتتى ، ئۇنىڭ ئابرويىنى كۆتۈردى . ئۇنىڭ بۇيرىقىغا قارشى چىققان كىشىلەرگە خارلىق ، رەسۋالىقنى مۇپتىلا قىلدى . ئۇنى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇلارغا بولسۇن ) ئەلچىلەر بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغان ، كىتاپلار يوقالغان ، سۆزلەر بۇرمىلانغان ، قانۇنلار ئۆزگەرتىگەن ، بارلىق كىشىلەر ئۆزىنىڭ ناتوغرا پىكىرلىرىگە تايانغان ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ بۇزۇق ئىددىيەلىرى ۋە كۆڭۈل خاھىشلىرى بىلەن ھۆكۈم قىلىۋاتقان بىر پەيىتتە ئەۋەتتى . ئۇ ئارقىلىق ئاللاھ ئىنسانلارنى توغرىغا يىتەكلىدى ھەمدە ئۇنىڭغا يىقىنلىشىشنىڭ تۈرلۈك يوللىرىنى ئوچۇقلاپ بەردى . ئۇ ئارقىلىق ، كىشىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقاردى . ئۇ ئارقىلىق ئۇتۇق قازانغۇچى كىشىلەر بىلەن بەدئەخلاق كىشىلەرنى پەرىقلەندۈرۈپ بەردى . شۇڭا كىمكى ئۇنىڭ يىتەكلىشىگە ئەگەشسە ، توغرىغا يىتەكلىنىدۇ . كىمكى ئۇنىڭ يولىدىن تىيىپ كەتسە ،ئازىدۇ ۋە قىيىپ كىتىدۇ . ئاللاھ ئۇنى ۋە بارلىق ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرنى تەرىپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن .
[ ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيەنىڭ (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) ئەلچىلىككە ئىسىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى ھەققىدە ئاساسى پىرىنسىپ 19-ج ، 99-102 ب، فەتىۋالار توپلىمى دىن ئىلىندى ؛ ھەمدە لەۋامىئې ئەنۋار ئەلبەھىييە 2-ج ، 216، 236 ب گە قاراڭ . ]
بىز ئىنساننىڭ ئەلچىلەرگە بولغان ئىھتىياجىنى تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلايمىز :
1- ئىنسان بىقىندى مەخلۇق (يارىتىلغۇچى ) ، شۇڭا ئۇ ياراتقۇچىسىنى تونۇشى ، ئۇنىڭدىن نىمىنى كۈتىدىغىنىنى بىلىشى ، ۋە نىمىشقا يارىتىلغانلىقىنى بىلىشى كىرەك . ئىنسان بۇنى ئۆزىگە تايىنىپ بىلەلمەيدۇ . ئۇ پەقەت پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنى بىلىش ۋە ئۇلار ئىلىپ كەلگەن توغرا يول ۋە نۇر ئارقىلىقلا ، ئۇنى بىلىشكە يول تاپالايدۇ .
2- ئىنسان تەن ۋە روھتىن تۈزۈلگەن . ئۇنىڭ تېنى يىمەك-ئىچمەك ئارقىلىق ئوزيۇقلىىدۇ . بىراق ئۇنىڭ روھىنىڭ ئوزۇقى بولسا ياراتقۇچىسى تەرىپىدىن چۈشەندۈرۈلگەن نەرسە ، يەنى توغرا دىن ، ۋە توغرا ئىش-ھەركەت . پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرتوغرا دىننى ئىلىپ كەلدى ۋە ئۇلارغا توغرا ئىش-ھەركەتلەرنى ئۆگەتتى .
3- ئىنسان ئۆز تەبىئىتى بىلەن دىندار بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەگىشىدىغان بىر دىنى بولۇشى كىرەك . ھەمدە بۇ دىن توغرا بولۇشى كىرەك . توغرا دىنغا پەقەت پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرگە ئىشىنىش ۋە ئۇلار ئىلىپ كەلگەن نەرسىگە ئىشىنىش ئارقىلىقلا يول تاپقىلى بولىدۇ .
4- ئىنسان بۇدۇنيادا ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشتۈرىدىغان ، ئاخىرەتتە بولسا ئۇنىڭ جەننىتىگە ۋە نىئېمىتىگە ئىرىشتۈرىدىغان بىر يولغا مۇھتاج بولىدۇ . ھەمدە پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەردىن باشقا ھىچكىم بۇ يوللارنى كۆرسىتىپ بىرەلمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا باشلىيالمايدۇ .
5- ئىنسان ئۆز تەبىئىتى بىلەن ئاجىز ھەمدە ئۇنى كۈتۈپ ياتقان نۇرغۇن دۈشمەنلەر بار . مەسىلەن ، شەيتا ئۇنى ئازدۇرۇشنى ئويلايدۇ ، ئەسكى دوستلار ئۇنىڭغا رەزىل قىلمىشلارنى چىرايلىق كۆرسىتىدۇ . ھەمدە كۆڭۈل يامان قىلمىشلارغا مايىل . شۇڭلاشقا ئۇ دۈشمەنلىرىنىڭ سۇيقەستلىرىدىن ئۇنى قوغدايدىغان بىر نەرسىگە مۇھتاج بولىدۇ . ۋە پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەر ئۇنى ئاشۇ نەرسىگە باشلايدۇ ھەمدە ئۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ قويىدۇ .
6- ئىنسان ئۆز تەبىئىتى بىلەن ئارلىشىپ ياشايدۇ . باشقىلاربىلەن يىغىلىش ۋە باردى-كەلدى قىلىشلاردا كىشىلەرنى ئادىل ، باراۋەر بولۇشقا يىتەكلەيدىغان قانۇنلار بولۇشى كىرەك . بولمىغاندا قالايمىقان قانۇنلار بىسىۋالىدۇ . بۇ يىتەكلىگۈچى قانۇن بارلىق ھەق-ھوقۇقى بارلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ھەرقانداق ئۇسۇلدا دەپسەندە قىلماستىن ۋە ئاشۇرۋەتمەستىن قوغدىشى كىرەك . پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەردىن باشقا ھىچكىم نۇكەممەل بىر قانۇننى تۈزۈپ چىقالمايدۇ .
7- ئىنسان ئۇنىڭغا بىخەتەرلىك ، روھى خاتىرجەملىك بىرىدىغان ھەمدە ئۇنى ھەقىقى بەخىتنىڭ سەۋەپلىرىگە يىتەكلەيدىغان بىر نەرسىگە مۇھتاج . بۇ بولسا پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەر كىشىلەرنى يىتەكلەيدىغان نەرسە .
[ د.مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ بىن سالىھ سەھىيمنىڭ ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى ۋە مەنبەلىرى ناملىق كىتابىدىن ]
 

مەنبە: www.islamqa.com