پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

نېمە ئۈچۈن قىيامەتنىڭ ۋاقتى بىلدۈرۈلمىگەن؟

تارقاتقان ۋاقىت : 25-09-2012

كۆرگۈچىلەر : 3908

سۇئال

نېمە ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىدىن خەۋەرلەندۈرمىگەن؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى جانابى ئاللاھقا خاستۇر.

1- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرمىدى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.

2- نېمە ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىزگە قىيامەتنىڭ ۋاقتىدىن خەۋەر بەرمىدى؟ دەپ سورالسا، بۇنىڭ جاۋابى: ئاللاھنىڭ ھېكمىتى قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى ئىنسانلاردىن مەخپى تۇتۇشنى تەقەززا قىلدى.

بۇنىڭ تەپسىلاتى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىتائەت قىلغانلارغا جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىش، ئاسىيلىق قىلغانلارغا دوزاخ ۋە ئۇنىڭ دەھشىتى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدى. قىيامەتنىڭ ۋاقتى ئېنىقسىز بولمىغاندا، ئۇنىڭدىكى ھېكمەت ھاسىل بولمايدۇ. ھەر دەۋرىدە ياشىغان كىشىلەر قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بولىدىغان ۋاقتىنى بىلدۈرۈش ۋە ئېلان قىلىش ئۇنىڭدىن ھاسىل بولىدىغان مەنپەئەتكە زىت كېلىپلا قالماستىن بەلكى بەزى نورمالسىزلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان بولاتتى. مەسىلەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارغا: قىيامەت بۈگۈندىن باشلاپ مىڭ يىلدىن كېيىن بولىدۇ دېسە، ئەلۋەتتە ئۇلار بۇ سۆزگە ئىشەنمەيتتى ۋە مەسخىرە قىلاتتى، ئۇنى ئىنكار قىلىشتا ھەددىدىن ئاشاتتى ۋە ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شەك قىلغۇچىلارنىڭ گۇمانى تىخىمۇ زىيادە بولغان بولاتتى. كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ ھېكمىتى قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى مەخلۇقاتلاردىن مەخپى تۇتۇشنى تەقەززا قىلدى. شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا قىيامەتنىڭ باشلىنىشى بولغان ئۆلۈمنىڭ ۋاقتىنىمۇ ئىنسانلاردىن مەخپى تۇتتى.

ئىمام ئۇلۇسىي رەھىمەھۇللاھى مۇنداق دەيدۇ: "شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئەتنى يولغا قويۇشىدىكى ھېكمىتى قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى مەخپى قېلىشنى تەقەززا قىلدى. بۇ بولسا ئىنساننى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا ئۈندەش بىلەن بىرگە، گۇناھ-مەسىيەتتىن چەكلىنىشگە رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئىنساننىڭ ئەجىلىنى مەخپى قىلىنغانلىقىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە بايان قىلىنغان ئايەتلەر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئومۇمى جەھەتتىن ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن قىيامەتكە ئاز قالغانلىقىنى بىلگەن ۋە بۇ توغرىدا ئۈممەتكە مەلۇمات بەرگەن".

"مۇسۇلمانلار قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇشى، بۇ قورقۇش بارلىق ئىشلاردا ئۇلارنى ئاللاھنىڭ كۈزۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىلىپ بېرىشى، ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇپ، ياخشى ئىشلارنى تاللاپ قىلىشى، ئاسىيلىق ۋە يامان ئىشلاردىن ساقلىنىپ، قىيامەت توغرىسىدا ئۆز-ئارا ئىختىلاپ ۋە مىش-مىش سۆزلەرنى قېلىشماسلىقى لازىم". [تەپسىر ئەلمەنار].

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە رەھىم-شەپقەت قېلىپ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قېلىشى ۋە توسۇلغان ئىشلاردىن يىراق بولىشىغا تۈرتكە بولىشى ئۈچۈن قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بەزى ئالامەتلەرنى ئاشكارا قىلدى، ئۇلار ھەر قېتىم قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەتلەرنى كۆرگەندە، قىيامەتنىڭ دەھشىتىدىن ئەنسىرىشى كۈچىيىدۇ ۋە ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىسى ئاشىدۇ-دە، نەتىجىدە ياخشى ئەمەللەرگە يۈزلىنىش ئارقىلىق قىيامەتكە پۇختا تەييارلىق قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: فَهَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّا ٱلسَّاعَةَ أَن تَأۡتِيَهُم بَغۡتَةٗۖ فَقَدۡ جَآءَ أَشۡرَاطُهَاۚ فَأَنَّىٰ لَهُمۡ إِذَا جَآءَتۡهُمۡ ذِكۡرَىٰهُمۡ تەرجىمىسى:ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) پەقەت قىيامەتنىڭ ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىشىنىلا كۈتىدۇ، شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى، ئۇلارغا قىيامەت كەلگەندە ئۇلار قانداقمۇ ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ (يەنى بۇ چاغدا ۋەز ـ نەسىھەت ئالغانلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ). [سۈرە مۇھەممەد 18-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئالتە تۈرلۈك ئالامەتتىن بۇرۇن: كۈن مەغرىبتىن چېقىشتىن، ئاسماننى تۈتۈن قاپلاشتىن، دەججال ئاشكارا بولۇشتىن، چوڭ ھايۋان چېقىشىدىن، ئۆلۈم كېلىشتىن ياكى قىيامەت بولۇشتىن بۇرۇن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار.[مۇسلىم رىۋايىتى2947- ھەدىس].

(يەنى قىيامەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدىغان ئالتە ئالامەت كۆرۈلۈشتىن ۋە ئىلگىرى ياخشى ئەمەللەرنى قېلىشقا ئالدىراڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن قېلىنغان ئەمەللەر قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ).

قازى ئىياز مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە كىشىلەر قورققىنىدىن گاڭگىراپ، ھېچ ئەمەل قىلىشقا تاقىتى بولمايدۇ ياكى ئۇلار ئۈچۈن تەۋبىنىڭ ئېشىكى تاقىلىپ، ئەمەل قوبۇل قىلىنمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ياخشى ئەمەل قىلىشقا ئالدىرىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ".

ئاللاھ تائالادىن ھەممەيلەننى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ تائەت-ئىبادەتنى تولۇق ئادا قېلىشقا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمىز.ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى