پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئىسلام دىنىغا كېرىشنى مەقسەت قىلغان كىشىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى تولۇق بىلىشى شەرتمۇ؟

سۇئال

ئىسلام دىنىغا كېرىشنى مەقسەت قىلغان بىر كىشى ئىنسانلارغا پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىكەن، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىكەن، ئۇ كىشى ئىسلام دىنىغا كېرىۋىرەمدۇ ياكى ئالدى بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى بىلىپ ئاندىن كىرەمدۇ؟، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەممەد دېگەن ئىسمىنى بىلمىسىمۇ كۇنىيىتى (ئەبۇلقاسىم) دېگەندەك ياكى ئەھمەد، ماھى دېگەندەك باشقا ئىسىملىرىنى بىلسىمۇ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىنسان مۇسۇلمان بولۇش ياكى ئىسلام دىنىغا كېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن "ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر" دېگەن بۇ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى تىلى بىلەن ئېيتىشقا قادىر بولالىسا تېلى بىلەن ئېيتىپ ئۇنىڭ مەنىسىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىس شۇناسلار، پىقھى ئالىملىرى تەۋھىد ئالىملىرىدىن ئىبارەت ئەھلى سۈننە ئالىملىرى: قىبلە ئەھلىدىن ، دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىنىدىغان مۆمىن دېگەن: چىن دىلىدىن، ھېچ قانداق شەك-شۈبھىسىز  ئىسلام دىنىنى كەسكىن ئېتىقاد قىلىپ، تىلى بىلەن ئىقرار قىلغان كىشىدۇر، ئەگەر ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنىڭ بىرىنى دەپ يەنە بىرىنى دېمىسە ئۇ كىشى ھەرگىزمۇ قىبلە ئەھلى ھېسابلانمايدۇ، پەقەت شاھادەت كەلىمىسىنى تولۇق ئېيتىشتىن تىلىدا بىر ئىكىشىش بولسا ياكى ئېغىر كېسەللىك سەۋەبىدىن بۇنى ئېيتىش ئىمكانىيىتى بولمىسا ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى مۇئمىن ھېسابلىنىدۇ دېگەنگە بىرلىككە كەلدى". ["نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمغا يازغان شەرھىسى"1-توم 149-بەت].

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام دىنىغا كېرىش ئۈچۈن سۆزلىيەلەيدىغان كىشى ئۈچۈن ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى تىلى بىلەن سۆزلىشى زۈرۈر بولىدۇ، لېكىن تىلى بىلەن ئېيتىشتىن باش تارتقان كىشى بۇ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى سۆزلىمىگىچە، ئاندىن سۆزلەش بىلەن مەنىسىنى  ئېتىقاد قىلىپ، دىلى بىلەن تەستىقلىمىغۇچە ئىسلام دىنىغا كىرەلمەيدۇ. بۇ ئۆلىمالار ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن مەسىلەر". [ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 5-توم 340-بەت].

    تىلى ئاجىزلىق سەۋەبىدىن بۇ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىشقا قادىر بولالمىغان كىشى، بۇنى يېزىشقا قادىر بولالىسا يېزىش ياكى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىر ھەرىكەتلەر بىلەن ئۆزىنىڭ رازى بولۇپ دىننى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن مۇسۇلمان بولىدۇ". 

    ئىككىنچى: شاھادەت كەلىمىسىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، بۇنىڭدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەممەد، ئەھمەد ماھىي قاتارلىق ھەممە ئىسمى ئوخشاش، شۇنىڭدەك ئەبۇلقاسىم دېگەندەك كۇنىيتىمۇ ئوخشاش.

    ھىلمىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " كاپىر: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر، ئەھمەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر دېسە، بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دېگەن سۆزگە ئوخشاشتۇر. ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەنى ئىسرائىلغا دېگەن سۆزىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:  وَمُبَشِّرًا بِرَسُولٍ يَأْتِي مِن بَعْدِي اسْمُهُ أَحْمَدُ  تەرجىمىسى: مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن دېدى» [سۈرە سەپ 6-ئايەت]. بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ مەنىسى بىردۇر، ئەھمەد بىلەن مۇھەممەدنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق. شۇنىڭدەك "ئەبۇلقاسىم ئاللاھنىڭ ئەلچىسى" دېسىمۇ توغرا بولىدۇ. ["ھىلمىينىڭ"ئىمان شاخلىرىدىكى پىرىنسىپ" ناملىق ئەسىرى 1-توم 140-بەت].

   ئۈچىنچى: بىر كىشى ئىنسانلار ئۈچۈن بىر پەيغەمبەرنىڭ بارلىقىنى، ئاللاھنىڭ ئۇ پەيغەمبەرنى بارلىق ئىنسانلار ئەۋەتكەن ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىدىكەن لېكىن ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلمەيلا ئۇنىڭغا ئىشەنگەن بولسا، بۇنىڭغا تىلى بىلەن شاھادەت كەلتۈرگەن بولسا ياكى مەن مۇسۇلمان بولدۇم دېگەن بولسا ياكى مۇسۇلمانلار ئىمان ئېيتقان پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتتىم دېگەن بولسا بۇ كىشى مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا پىرئەۋننىڭ سۇغا غەرق بولغان ۋاقتىدىكى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:   آمَنْتُ أَنَّهُ لا إِلَهَ إِلاَّ الَّذِي آمَنَتْ بِهِ بَنُو إِسْرَائِيلَ وَأَنَا مِنْ الْمُسْلِمِينَ  تەرجىمىسى: «پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقىتتا ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن غەيرىي ئىلاھ يوقتۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن دېدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە رەت قايتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:   الآنَ وَقَدْ عَصَيْتَ قَبْلُ وَكُنْتَ مِنْ الْمُفْسِدِينَ  تەرجىمىسى: «ئۇنىڭغا دېيىلدىكى(ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگىنىڭدە)ئەمدى (ئىمان ئېيتامسەن؟)ئىلگىرى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغان ئىدىڭ؟!. [سۈرە يۈنۈس 90-91-ئايەتلەر].

    يۇقىرىدىكى ئايەت شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، ئەگەر پىرئەۋن بۇ سۆزنى سۇغا غەرق بولۇشتىن بۇرۇن دېگەن بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن بۇ سۆز قوبۇل قىلىناتتى.

   ئەگەر كاپىر ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىر سۆزنى دېسە بۇ سۆز ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى مۇكەممەل شەكىلدە ئۈگىتىلىنىدۇ.

    ئەگەر كاپىر پەقەت: "ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوق" دېگەن بولسا، ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىپادىلەيدىغان شاھادەت كەلىمىسى ئۈگىتىلىنىدۇ ۋە بۇنى دېيىشكە بۇيرىلىنىدۇ.

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ كاپىرنى ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىشقا بۇيرۇش توغرىسىدىكى بەزى ھەدىسلەرنى زىكىر قىلغاندىن كېيىن: بۇ دەلىلەر ۋە بۇنىڭ ئوخشاشلىرى مۇسۇلمان بولۇشنىڭ پەقەت ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى كەلتۈرۈش بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ دېدى.

    لېكىن بۇ يەردە بەزى دەلىللەر ئىنساننىڭ ئاۋۋالقى شاھادەت كەلىمىسىنى كەلتۈرسە يەنى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر دېگەن سۆزنى ئېيتسا، مۇسۇلمان بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ھەدىسلەردىن: ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىستاپ كەلگەن مۇشرىكنىڭ ۋەقەلىكىدە، ئۇسامە مۇشرىكنى قىستاپ كەلگەندە، ئۇ مۇشرىك:"ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر"دېگەن ئىدى، ئۇسامە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، مەدىنىگە قايتىپ كېلىپ بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خەۋەر قىلغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇسامىگە: ئۇنى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر دېگەندىن كېيىن ئۆلتۈردۇڭمۇ؟ دېۋىدى، ئۇسامە: ھەئە، لېكىن ئۇ بۇ سۆزنى ئۆلۈمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېيتتى دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر دېگەندىن كېيىن ئۆلتۈردۇڭمۇ؟ دېگەن سۆزنى تەكرارلىدى، ھەتتا ئۇسامە: مەن مۇشۇ كۈندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان بولسام دېگەننى ئارزۇ قىلدىم، دەيدۇ». چۈنكى ئۇ مۇسۇلمان بولسا، ئىسلام ھەقىقەتەن ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ.

  بۇ ھەدىس ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر دېگەن سۆز بىلەن مۇسۇلمان بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسى ئەبۇ تالىپ سەكراتقا چۈشكەندە، تاغىسىغا: «ئى تاغا!ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر دېگىن،

    بۇ سۆز بىلەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا دەلىل كەلتۈرىمەن» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دېگەن ئىككىنچى شاھادەت كەلىمىسىنى زىكىر قىلمىدى.

   بۇ دەلىللەردىن ماڭا ئاشكارا بولغىنى: ئىنسان ھەقىقەتەن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر دېگەن شاھادەت سۆزىنى كەلتۈرسە، ھەقىقەتەن ئىسلامغا كىرگەن بولىدۇ، ئاندىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدېگەن شاھادەت سۆزىنى ئېيتىشقا بۇيرۇلىدۇ. ["شەرھىل مۇمتىئ" ناملىق ئەسەر 14-توم 464-466-بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى