سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

دىنى ئوقۇغۇچىدىن ئانىسى، دىنى ئىلىمدىنمۇ بەكرەك ئالى مەكتەپ دەرىسلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدۇ، ئۇ ئىككى ئىشنىڭ ئارىسىنى قانداق مۇۋەپپەقلەشتۈرىدۇ؟.

سۇئال

ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن، مەن شەرئى بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچى، دىنى بىلىملارغا بەك ئەھمىيەت بېرىمەن، لېكىن ئانام ماڭا دائىم، پەننى مەكتەپ دەرسلىرىگە بەڭ ئەھمىيەت بەرگىن، تاپشۇرۇقلىرىڭنى ۋاقتىدا ئادا قىلغىن دەيدۇ، مەن بۇ ئىككى ئىشنىڭ ئارىسىنى قانداق مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بىرلىكتە ئىلىپ بارالايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئىنساننىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىدىغان ئىشلاردىن، شەرئى ئىلىمنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانبەزى ياشلىرىمىز، ئائىلىدىكى تاپشۇرۇقلىرىنى تولۇق ئادا قىلمايدۇ، مائارىپ تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىكلىرىگە سەل قارايدۇ، ھەقىقەتەن بۇ ئىش ئائىلىسىدىكىلەرگە يامان تەسىر بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئائىلىدە، پەرزەنتلىرىنى ئىلىم-مەرىپەت سورۇنلىرىغا قاتنىشىش، پايدىلىق بولغان لىنتىلارنى ئاڭلاش، دىنى كىتابلارنى ئوقۇشتىن چەكلەيدۇ،بۇنىڭ سەۋەبى بىز يۇقىرىدا زىكىر قىلغاندەك ئەۋلادلارنىڭ مەكتەپ دەرىسلىكىگە سەل قارىغانلىقىدىن بولغان، ئەگەر ئائىلىدىكىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ھەر ئىككى دەرىسلىكنى تەڭ-باراۋەر ئىلىپ بارغانلىقىنى، بىرىگە -بېرىلىپ يەنە بىرىگە سەل قارىمىغانلىقىنى كۆرگەن بولسا ئەلۋەتتە ئۇلارنى پايدىلىق لىنتىلارنى ئاڭلاش، دىنى كىتابلارنى دەرسلىك قىلىش ۋە ئىلىم سورۇنلىرىغا قاتنىشىشتىنھەرگىزمۇ چەكلىمەيتتى.

شۇنىڭ ئۈچۈن ياشلار دىققەت قىلىشى كېرەك، شۇنى بىلىش كېرەككى، كۆپچىلىك ئائىلىدىكىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپ دەرىسلىكلىرىگە سەل قارىغانلىقىدىنشىكايەت قىلىدۇ، بۇ ياشلارنىڭ بەزى ۋاقتىدا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىكىگە سەۋەپ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئائىلىدىكىلەر يەنە ئارتۇقچە جاپا تارتىپ، ئىقتىساد سەرپ قىلىدۇ.

يەنە نۇرغۇن ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپ دەرىسلىكلىرىگە، ئىمتاھانلىرىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ،ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىسىپەرزەنتلىرىنى مەسچىتكە چىقىپ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرمەستىن ئۇلارنى ناماز ۋە زىكىرلەرنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇشنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قالىدۇ، ئۇلار مەكتەپ-ئۇنىۋېرسىتىتنى ۋە ئۇنىڭ تۈزۈملىرىنى بەك چوڭ بىلىدۇ، ئەۋلادلىرىنىڭ بەخىتلىك ياكى بەختسىز بولىشىنى شۇنىڭغا ئالاقىدار قىلىدۇ، ئۇلار دىپلومغا ئېرىشكەنلەرنى يەپ-ئېچىپ، توي قىلىپ راھەتتە ياشايدۇ، دىپلومغا ئېرىشەلمىگەنلەرنى بولسا بەخىتلىك ياشىيالمايدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئەمما بىز ئەمەلى ۋاقىئەلىكتە بۇنىڭ ئەكسىنى كۆرۈۋاتىمىز، ئومۇمەن: بىز ئاللاھ تائالانىڭ تائەت-ئىبادىتىدە مۇستەھكەم تۇرغان ياشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن ئۈمىد قىلىدىغىنىمىز، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ پەننى دەرس ۋە پروگىراممىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتە چەكتىن ئاشۇرۋەتمەستىن ياشلىرىمىزنىڭ ئىككى دەرسلىكىنىڭ ئارىسىنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ئىلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرپ قىلىپ زايە قىلىۋەتمەستىن، تەلەپ قىلىنىدىغان ئىككى دەرسلىك ئارىسىدا ۋاقىتنى تەڭشەپ دىنى ۋە پەننى بىلىملەرنى تەڭ ئۆگىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

ئىككىنچى: ئىلىمغا رىغبەتلەنگۈچى قېرىندىشىم! سىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭچاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئىلىم تەلەپ قىلىش بىلەن سىزنى چەكلەنگەن ئىشقا بۇيرۇمىغان ئاپىڭىزغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈڭ، ئاللاھ بۇ ئىش ئارقىلىق سىزگە مەنپەئەت بەرسۇن، سىزگە تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلىمىز:

1-سالىھ كىشىلەرگە ھەمراھ بولۇپ، ناچار كىشىلەردىن يىراق بولۇشقا تەۋسىيە قىلىمىز. ياخشى ھەمراھلارغا ھەمراھ بولۇش سىزنى ۋە سىزنىڭ ۋاختىڭىزنى قوغدايدۇ، سىزگە ئادا قىلىش زۆرۈر بولغان ئىشلارنى ئەسلىتىدۇ، ھەتتا سىز دىنى ئىلىم ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەنھەمكارلىشىۋاتقان بولسىڭىزمۇ، ئۇلار سىزدىن ئۇنىۋىرسىتېتى دەرىسلىكى ئۈچۈن ئايرىم ۋاقىت چېقىرىشىڭىزغا نەسىھەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆزىگىزگە ياخشى ياردەمچىدىن بىرنى تاپىسىز، ناچار ھەمراھلاردىن يىراق بولۇسىز، چۈنكى ئۇلار سىزنى ياخشىلىققا يېتەكلىمەيدۇ ۋە ھىدايەت يولىغا باشلىمايدۇ.

2-ۋاقتىڭىزنىڭ مىنۇت-سىكىنۇتلىرىنى چىڭ تۇتۇڭ، ھەرگىز بىكار ئۆتكۈزىۋەتمەڭ، ۋاقىتقا ياخشى ئەھمىيەت بەرگەندە، ھەر كۈنىدە سىزنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشىڭىز، ئىلىم تەلەپ قىلىشىڭىز ۋە ئۇنىۋىرسېتىتى دەرسلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشىڭىز ئۈچۈن ۋاقىت چېقىدۇ.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنساننىڭ ۋاقتى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ھاياتىدۇر، ۋاقىت ئۇ كىشىنىڭ دائىم نېمەتلىنىدىغان ئەبەدىيلىك ھاياتنىڭ ماددىسى شۇنداقلا دەرتلىك ئازابتا، قېيىن ھاياتتا ياشاشنىڭ ماددىسى، ۋاقىت دېگەن ئۆتكۈنچى بۇلۇتتىنمۇ تىز ئۆتىدۇ، ئىنسان ئۆز ۋاقتىنى ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھ بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن بۇ ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئۆمرى، ئۇنىڭ غەيرى بولسا، ھاياتىدا ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، ئەگەر ياشىسا، چارىپايلار ياشىغاندەك ياشايدۇ، ئەگەر ۋاقتىنى غاپىللىقتا، نەپسى-شەھۋەتتە، ئەمەلگە ئاشمايدىغان باتىل ئارزۇلاردا ئۆتكۈزسە، بۇ ئۇيقۇ ۋە بىكارچىلىقتىن ئۆتكۈزگەندىنياخشى بولسىمۇ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھايات ياشىغىنىدىن ئۆلگىنى ياخشى بولىدۇ." ["جاۋابۇل كاپىي" 109-بەت].

ھەسەن بەسەرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن نۇرغۇن كىشىلەرنى كۆردۈم ئۇلار ۋاقتىغا ئالتۇن-كۈمۈشكە بېخىللىق قىلغاندىنمۇ بەكرەكبېخىللىق قىلاتتى". (يەنى ئۇلار ۋاقتىنى بىكار ئىشقا سەرپ قىلمايتتى).

3-ۋاقىتنى تەرتىپلەپ، ھەر بىر سائەتنى ئىنتىزاملاشتۇرۇش، ھەر نەرسىگە ئۆزىنىڭ ھەققىنى بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۇخلاش ۋاقتىنى بىكىتىشىڭىز، بىلىم ئۈگۈنۈشكە مەلۇم ۋاقىت بىكىتىشىڭىز، ئۇنىۋىرسىتېتى دەرىسلىكىنى مۇزاكىرە قىلىشقا يېتەرلىك ۋاقىت بىكىتىشىڭىز، ھەر بىرىگە ئاشۇرۇۋەتمەستىن ياكى كېمەيتىۋەتمەستىنۋاقىت بىكىتىشىڭىز كېرەك.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ ئەنسارى ھەمراھى بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ بىلىم ئېلىش ئۈچۈن نۆۋەتلىشەتتى، ئۇلار رىزىق تەلەپ قىلىشنى ئىلىم تەلەپ قىلىشقا زىت قىلمايتتى، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەستىن ۋە سەل قارىماستىن ھەر ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈردى.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋە مېنىڭئەمىيەتە ئىبنى زەيد ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئەنسارى خوشنام بولۇپ، بىز مەدىنىنىڭ ئاۋالى دېگەن يېرىدەتۇراتتۇق، بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا نۆۋەتلىشىپ بېرىپ كېلەتتۇق، بىر كۈنى خوشنام باراتتى، يەنە بىر كۈنى مەن باراتتىم، خوشنام بارغان كۈنىدە شۇ كۈندىكى ۋەھىينىڭ خەۋەرلىرىنى ئىلىپ كېلەتتى، مەن بارغان ۋاقتىمدا مەنمۇ شۇنداق قىلاتتىم».[بۇ ئەسەرنى ئىمام بۇخارى 89-نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلىپ، ئىلىم ئىلىشتا نۆۋەتلىشىشنىڭ بابى دەپ كەلتۈرگەن. مۇسلىم رىۋايىتى 1479-ھەدىس].

4 -شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئۇنىۋىرسىتېتتا دەرس ئوقۇش يوللىرى قىسقا مۇددەتلىك، ئىلىم تەلەپ قىلىش يوللىرى بولسا چەكسىز بولۇپ ئۇ كىشى ۋاپات بولغۇچە داۋام قىلىدۇ، تىز ۋاقىت ئىچىدە ياخشىلىق يوللىرىغا توسانجا بولىدىغان قىسقا يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، توسالغۇسىز بەخت سائادەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئۇزۇن يولغا ئاتلىنىشقا تەييارلىق قىلىش كېرەك.

5-ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئۈگەنگەنلىرىڭىزنى ئەمەلى ۋاقىئەلىككە تەتبىقلىسىڭىز، قىلغان ئىشلىرىڭىزدا ئىلىمنىڭ تەسىرى ئاشكارا بولىدۇ، سىزدىن كۈتىدىغىنىمىز، ئاپىڭىزغا زىيادە ياخشىلىق قىلىڭ شۇنداق قىلغاندا، سىزقەلبى، بەدىنى پاك بولغان، ئاتا-ئانىسىنى بەك ياخشى كۆرىدىغان، ئەقىللىق، جۇشقۇن ئوغۇل بولىسىز، سىزنىڭ ئۈگەنگەنلىرىڭىزنى ئەمەلى ۋاقىئەلىككە تەتبىقلاشنىڭ جۈملىسىدىن: ئائىلىڭىزگە، جەمئىيەتكە ۋە ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرگە: ئىسلام دىنىنىڭ گۈزەل ئەخلاققا دەۋەت قىلىدىغانلىقى، دىنى بىلىم بىلەن پەننى بىلىملەرنىڭ ئارىسىدا زىتلىق يوق ئىكەنلىكىنى، دىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق ۋە بارلىق تەسەررۇپاتلىرىدا باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر.

بىز يۇقىرىدا بايان قىلغانۋە نەسىھەت قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھ تائالادىن ياردەم سوراڭ.ئاللاھ تائالادىن سىزنى دائىم توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى