جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

تاھارەتسىز كىشىنىڭ مۇسھەپنى تۇتۇشىنىڭ ھۆكمى ، ھەمدە مۇئىمىن ناپاك بولمايدۇ دىگەن ھەدىيسنىڭ مەنىسى

تارقاتقان ۋاقىت : 15-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 13925

سۇئال

تاھارەتسىز ( مەنە تەرجىمىسىنى ياكى ئايەتلەرنىڭ چۆرىسىدىكى ئىلاۋىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان) قۇرئاننى كۆتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ئوقۇش ھاراممۇ ؟ چۈنكى مەن بەزى ھەدىيسلەردە پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) : مۇئىمىن ھەمىشە پاك ، ھەتتا ئۇ جۇنۇپ بولسىمۇ . دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم .

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
پېشىۋا ئابدۇل ئەزىيز بىن باز دىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۇئال سورۇلۇپ ، مۇنداق دىگەن : كۆپ سانلىق ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئاساسەن مۇسۇلماننىڭ قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتۇشى دۇرۇس ئەمەس . بۇ بولسا تۆت ئىمامنىڭ قارىشى ( ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ، ھەمدە پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ھەمراھلىرىنىڭ بىرىدىغان فەتىۋاسى . ئۇ ھەقتە بىر سەھىيھ ھەدىيس ئەمرۇ بىن ھەزىمدىن نەقىل قىلىنغان بولۇپ ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) يەمەن خەلقىگە : قۇرئاننى پاك كىشىدىن باشقىسى تۇتمىسۇن . دەپ خەت يازغان . بۇ بەلەن ھەدىيس بولۇپ ، ئۇنى كۈچەيتىدىغان بىر قانچە باشقا ئىسنادلار بار . شۇڭا مەلۇم بولۇدىكى ، قۇرئاننى پەقەت چوڭ ۋە كىچىك ناپاكلىقتىن پاكلانغان ھالەتتىلا تۇتۇشقا بولىدۇ . بۇ ھەم ناپاك ھالەتتە ئۇنى بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . لىكىن ئۇنى ۋاستە بىلەن تۇتسا ياكى يۆتكىسە ، مەسىلەن ، ئۇنى بىر نەرسىگە ئوراپ تۇتسا ، ئۇنداقتا ھىچ ۋەقەسى يوق . بىراق ئۇنى ناپاك ھالەتتە ئۇنى بىۋاستە تۇتسا ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىغا ئاساسەن ، يۇقۇردا تىلغا ئىلىنغان سەۋەپلەر تۈپەيلى دۇرۇس بولمايدۇ .
ئۇنى تىلاۋەت قىلىشقا نىسبەتەن ، ئەگەر تاھارەتسىز ھالەتتە ئۇنى يادقا ئوقۇسا بولىدۇ ، ياكى قۇرئاننى تۈزۈتۈپ بىرىشنى ياكى ئۆگۈتۈپ قويۇشنى سوراپ كەلگەن كىشى تۇتۇپ بىرىپ ئوقۇسا بولىدۇ .
لىكىن جۇنۇپ كىشى قۇرئاننى ئوقۇمايدۇ . چۈنكى پەيغەمبەردىن(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) نەقىل قىلىندىكى ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنى جۇنۇپلۇقتىن باشقا نەرسە توسۇمايدۇ . ئەھمەد بەلەن ئىسناد بىلەن ئەلىيدىن ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ھاجەتخانىدىن چىققاندا ، قۇرئاندىن مەلۇم نەرسىنى تىلاۋەت قىلدى . ھەمدە ئۇ مۇنداق دىدى : بۇ بولسا جۇنۇپ ئەمەس كىشىگىلا بولۇپ ، جۇنۇپ كىشى بۇنى قىلمايدۇ ، ھەتتا بىرەر ئايەت بولسىمۇ .
خۇلاسە : جۇنۇپ كىشى قۇرئاننى مۇسھەپتىن( قۇرئان كىتابى) بولسۇن ياكى يادقا بولسۇن ، تاكى يۇيۇنمىغۇچە ئوقۇمايدۇ . بىراق تاھارىتى سۇنغان ، جۇنۇپ ئەمەس كىشى قۇرئاننى يادقا ئوقۇيدۇ ، لىكىن مۇسھەپنى تۇتمايدۇ .
[ ئىبنۇ باز فەتىۋالىرى ، 10150 ]
مۇئىمىننىڭ پاكلىقى ھەدىيسىگە كەلسەك ، ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئۇ مۇنداق دىگەن : مەن پەيغەمبەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم ھەمدە مەن جۇنۇپ ئىدىم . ئۇ مىنىڭ قولۇمنى تۇتتى ھەمدە ئۇ بىرىپ ئولتۇرغۇچە ئۇنىڭ بىلەن ماڭدىم . ئاندىن مەن غىپپىدە كىتىپ ، يۇيۇندۇم . ئاندىن مەن ئۇ ئولتۇرغان جايغا كەلدىم . ئۇ مۇنداق دىدى : ھەي ئەبۇ ھۇرەيرە ، سەن قەيەردە ئىدىڭ ؟ مەن ئۇنىڭغا ئېيىتتىم . ھەمد ە ئۇ : سۇبھانەللاھ ! ھەي ئەبۇ ھۇرەيرە ، مۇئىمىن ناپاك بولمايدۇ . دىدى . [ بۇخارىي( غۇسل 276 ) ، مۇسلىم ( ھەيىز ، 556) نەقىل قىلغان ]
نەۋەۋىي ئۆزىنىڭ سەھىيھ مۇسلىمغا قىلغان شەرھىيسىدە مۇنداق دىگەن :
" بۇ ھەدىيس مۇسۇلماننىڭ تىرىك ياكى ئۆلۈك بولسۇن پاكلىقىدىن ئىبارەت چوڭ پىرىنسىپنى يورۇتۇپ بىرىدۇ . ئەگەر ئۇنىڭ پاكلىقى مۇقىملاشسا ، ئۇنداقتا مەيلى ئۇ تاھارەتسىز ياكى جۇنۇپ بولسۇن ، ياكى ھەيىزدار ، ياكى نىپاسدار بولسۇن ، ئۇنىڭ تەرى ، شۆلگىيى ۋە يىشى ھەممىسى پاك .
بۇ بىلىنسە ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ پاكلىقىنىڭ مەنىسى ئايدىڭلىشىدۇ . ئۇنىڭ مەنىسى ھىچقانداق نەرسە ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ماھىيەتتە پاكلىقىنى توسۇپ قالمايدۇ ، گەرچە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ تاھارىتى سۇنغان بولسىمۇ .
چۈنكى تاھارەتسىز بولۇش پەقەت كىشىنى نامازدىن ياكى باشقا پاكلىقنى شەرت قىلىدىغان ئىشلاردىن توسۇپ قويىدىغان سۈپەت .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد
 

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد