جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

باش ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ رامزاندا روزا تۇتماسلىقى توغرىمۇ؟

سۇئال

مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ بىشىنىڭ يىرىمى ئاغرىيدىغان ئىشقا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن رامزاندا روزا تۇتمايدۇ، ئۇنىڭ قىلغىنى توغرىمۇ؟. رامزاندا تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

كېسەلنىڭ رامىزاندا روزا تۇتماسلىقى دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ تەرجىمىسى: كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

يۇقىرىدىكى ھۆكۈم رامىزاندا رازا تۇتسا قىيىن بولىدىغان ئېغىر كېسەللەر ئۈچۈندۇر.

ئەمما روزا تۇتسا ھېچ قىيىنچىلىق بولمايدىغان ئادەتتىكى كېسەللىك رامىزاندا روزا تۇتماسلىققا سەۋەب بولالمايدۇ. بۇ ھەقتە 12488- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

رامىزاندا روزا تۇتۇش سەۋەبىدىن باش ئاغرىقى كۈچىيىپ كېتىدىكەن، بۇ كىشى ئۈچۈن رامىزاندا روزا تۇتماسلىقى دۇرۇس بولىدۇ،. ئەمما رامىزاندىن كېيىن روزا تۇتالمىغان كۈنلەردىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ.

ئەگەر باش ئاغرىقى رامزاندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىپ، روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشى مۇمكىن بولمىغاندا، رامىزاندا روزا تۇتالمىغان ھەر بىر كۈن ئۈچۈن بىر كەمبەغەل كىشىگە يېمەك بېرىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى