Fri 26 Shw 1435 - 22 August 2014
10001
ئىسلامدا ئائىلىنىڭ ئورنى

سوئال:
ئىسلام ئائىلىگە، ئەر-ئايال ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى رولىغا قانداق قارايدۇ؟.



جاۋاپ: بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر. ئىسلامنىڭ ئائىلىنى تەرتىپلەش ۋە ھىمايە قىلىشتىكى رولىنى بىلىشتىن ئىلگىرى، ئائىلىنىڭ ئىسلام كېلىشتىن بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى غەرب ئەللىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئورنىنى بىلىشىمىز لازىم. ئىسلام كېلىشتىن ئىلگىرى ئائىلە زوراۋانلىق ۋە زۇلۇم ئاساسىدا باشقۇرۇلاتتى، ئىشنىڭ ھەممىسى ئەرلەرنىڭ باشقۇرۇشىدا بولاتتى، ئايال ياكى قىز زۇلۇم قىلىنغۇچى ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىغۇچى ئېدى. بۇنىڭ مىساللىرىدىن بىرى: ئەر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ ئايالىغا باشقا ئايالىدىن بولغان ئوغلى ئىگىدارچىلىق قىلاتتى. خالىسا ئۆگەي ئانىسىنى نىكاھلاپ ئالاتتى ياكى ئۇ ئايالنىڭ باشقىلار بىلەن توي قىلىشىنى چەكلەيتتى. مىراسنىمۇ پەقەت ئەرلەرلا ئالاتتى، ئاياللارغا ۋە كىچىك بالىلارغا ھېچ نەرسە بەرمەيتتى. ئۇلارنىڭ ئاياللارغا بولغان قارىشى، ئۇ ئايال ئانا بولسۇن ياكى قىز ياكى ھەدە-سىڭىل بولسۇن خارلىق ۋە نۇمۇس قىلىشتىن ئىبارەت ئېدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاياللار باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا ئائىلىسىگە خارلىق، ئار نۇمۇس كەلتۈرىدۇ دەپ قارىلىپ قىز پەرزەنتلىك بولسا نۇمۇس قىلىپ تېرىك كۆمۈۋېتەتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە (خوتۇنىنىڭ) قىز تۇغقانلىق خوش خەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ» نەھل سۈرىسى 58- ئايەت. ئائىلە چوڭ چۈشەنچىدە قەبىلىدىن ئىبارەت بولۇپ، زۇلۇم بولسىمۇ بىر بىرىگە ياردەم بېرىش ئاساسىغا بەرپا قىلىناتتى. ئىسلام كېلىپ بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى ۋە ئادالەتنى تاراتتى. ھەر بىر ھەق ئىگىسىگە گەرچە ئۇ كىچىك بالا بولسىمۇ ئۆز ھەققىنى بەردى، ھەتتا چۈشۈپ كەتكەن بالىنىمۇ ئېھتىرام قىلىپ ئۇنىڭ نامىزىنى چۇشۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى. ھازىرقى زامان غەرب چۈشەنچىسىدىكى ئائىلىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، بىر بىرىدىن ئاجرىغان شالاڭلاشقان، ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنى ئىدىيە ۋە ئەخلاق تەرەپتىن باشقۇرۇشقا قادىر بولالمايدىغان، ئوغۇل نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدىغان، قەيەرگە بېرىشنى ياخشى كۆرسە شۇ يەرگە بارىدىغان، شۇنىڭدەك قىزمۇ كىم بىلەن ئولتۇرۇشنى خالىسا شۇنىڭ بىلەن ئولتۇرۇپ قوپىدىغان، ئاتالمىش ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىل ھوقۇقلۇق نامى بىلەن ئۆزى خالىغان بويۇنچە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئەخلاقسىزلىقنىڭ مەنبىيى بولۇپ كەلمەكتە. بۇنداق ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ نەتىجىسى نېمە بولماقچى ئىدى!؟. بىر-بىرىدىن ئاجرىغان ئائىلە، نىكاھسىز تۇغۇلغان پەرزەنت، ئاتا ئانىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى بولمىغان ئەۋلادلاردىن تەركىپ تاپقان جەمئىيەت نېمە بولماقچى ئىدى!؟. بەزى ئەقىل ئىگىلىرى ئېيتقاندەك: ئۇلارنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشنى خالىغانلار تۇرمىلارغا، دوختۇرخانىلارغا، ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە بارسا ئىسلام بىلەن باتىلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كۆرۈۋالالايدۇ. پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلىرىنى ھېيت-بايرام مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا ۋاقىتتا يوقلىمايدۇ. سۆزنىڭ خۇلاسىسى: مۇسۇلمانلارنىڭ غەيرىدە ئائىلە دېگەن ئۇقۇم ۋەيران بولغان، ئىسلام دىنى كەلگەندىن كېيىن ئائىلىنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇش ۋە كۈچلەندۈرۈشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى. ئائىلىنى ئازار يېتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىدى. ئائىلىنى مۇھاپىزەت قىلىش بىلەن بىرگە ھەر بىر ئەزاغا ئۆز ھاياتى جەريانىدا ئادا قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ھەققىنى بەردى. مەسىلەن: ئىسلام ئاياللارنى ئانا، قىز ياكى ھەدە-سىڭىل بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارغا ئالاھىدە ئىكرام قىلدى. ئىسلامنىڭ ئانىنى ئىكرام قىلغىنىنىڭ پاكىتى: «ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: يا رەسۇلۇللاھ! ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە مىنىڭ ھەمراھ بولۇشۇمغا كىم بەك لايىق؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاناڭ دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ دېگەنتى، يەنە ئاناڭ دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ دېگەنتى، يەنە ئاناڭ دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ دېگەنتى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئاتاڭ دېدى». بۇ ھەدىسنى بۇخارى 5626- مۇسلىم 2548- ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. ئىسلامنىڭ قىز پەرزەنتنى ئىكرام قىلغىنىنىڭ پاكىتى: ئەبى سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمنىڭ ئۈچ قىزى ياكى ئۈچ ھەمشىرىسى بولسا، ياكى ئىككى قىزى ياكى ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلسا، ئۇلار ھەققىدە ئاللاھتىن قورقىدىكەن جەننەتكە نائىل بولىدۇ». بۇ ھەدىسنى ئىبنى ھىببان سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2-توم 190-بەتتە رىۋايەت قىلدى. ئىسلامنىڭ ئايالنى ئىكرام قىلغىنىنىڭ پاكىتى: ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە ياخشى مۇئامىلە قىلغىنىڭلار، مەن ئائىلەمگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشتا سىلەرنىڭ ئۈلگەڭلار». بۇ ھەدىسنى تىرمىزى 3895-ھەدىستە ھەسەن ھەدىس دەپ رىۋايەت قىلغان. ئىسلام قىز-خانىملارغا مىراستىن ۋە باشقا تەرەپلەردىن بولغان ھەققىنى تولۇق بەردى. كۆپ ئىشلاردا ئەرلەرگە ئوخشاش ھوقۇقلارنى بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللار ئەرلەرنىڭ قېرىندىشىدۇر». بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇت 236 - ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. ئىسلام ئاياللارغا ياخشى تەۋسىيەلەرنى قىلدى، توي قىلىش ۋە ئەر بولغۇچىنى تاللاش ئىختىيارلىقىنى بەردى. ئەۋلاد تەربىيىلەشتىكى بەزى مۇھىم مەسئۇلىيەتلەرنى ئايالنىڭ زىممىسىدە قىلدى. ئىسلام ئاتا-ئانىلارنىڭ زىممىسىگە ئەۋلاد تەربىيىلەشتىن ئىبارەت چوڭ مەسئۇلىيەتنى يۈكلىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانتىم دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇل، ھەممىڭلار ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرەڭلاردىن سۇئال قىلىنىسىلەر، ئىمام ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە مەسئۇل بولۇپ ئۇ شۇ دائىرىدىن سۇئال قىلىنىدۇ، ئەر ئۆز ئائىلىسىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىدىن سۇئال سورىلىدۇ، ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىگە مەسئۇل بولۇپ ئۇمۇ ئۆز دائىرىسىدىن سورىلىدۇ، خىزمەتچى خوجايىننىڭ ماللىرىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇمۇ ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سۇئال قىلىنىدۇ». بۇ ھەدىس بۇخارىيدا 853-مۇسلىمدا 1829-ھەدىستە رىۋايەت قىلىنغان. ئىسلام پەرزەنتلەردە، ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش پرىنسىپىنى يېتىلدۈردى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن» ئىسرا سۈرىسى 23-ئايەت. ئىسلام، ئائىلىنىڭ شەرىپى، پاكلىقى، نەسەبى ۋە ئىززەت-ئابرويىنى ھېمايە قىلدى. ياشلارنى توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. يات ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشىنى چەكلىدى. ئائىلىدىكى ھەربىر ئەزانىڭ ۋەزىپىسىنى بەلگىلىدى. ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەزىپىسى؛ ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇلارنى ئىسلامىي ئىدىيە ۋە ئەخلاق بىلەن يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. پەرزەنتلەر ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلىشى، ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت ئاساسىدا ئۇلارنىڭ ھەققىنى مۇھاپىزەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىگە دىن دۈشمەنلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى چوڭ بىر پاكىت ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.
islamqa