سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

روزىدارنىڭ بىر قانچە قېتىم يۇيۇنىشى توغرىسىدا

سۇئال

روزىدار كۈندۈزدە بىرقانچە قېتىم يۇيۇنسا ياكى كۆپ ۋاقىت ھاۋا سوۋۇتقۇچنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ ئارام ئالسا توغرا بولامدۇ؟ چۈنكى ھاۋا سوۋۇتقۇچ نەملىك چىقىرىدىغان تۇرسا؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

روزىدارنىڭ يۇقىرىدا سورىغىنىدەك قىلىشى دۇرۇس، بۇنىڭ روزىغا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ روزا تۇتقان ۋاقتىدا ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقى ياكى تەشنالىقتىن ئۈستىگە سوغۇق سۇ قۇياتتى. ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇئەنھۇمۇ رامزاندا ئىسسىق ياكى تەشنالىق سەۋەبىدىن كىيىملىرىنى سۇ بىلەن ھۆل قىلىپ كىيىۋالاتتى،نەملىك دېگەن روزىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئاشقازانغا يەتمەيدۇ.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى