Fri 4 Shw 1435 - 1 August 2014
1994
يېتىمنى تەربىيىلەش
بىر كىشى ئىككى بالىسى بىلەن يولدىشىدىن تۇل قانغان بىر ئايال بىلەن توي قىلدى، ئۇ بالىلارغا نىسبەتەن بۇ كىشى ئۆتەشكە تىگىشلىك قانداق مەسئۇلىيەتلەر بار؟، بالىلارنى نامازغا بۇيرۇش ياكى مەجبۇرلاش ھەققى بارمۇ؟، ئۇ بالىلارمۇ بۇ كىشىنى دادا دەپ چاقىرسا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

     شۇنداق، ئۇ كىشىنىڭ بالىلارنى نامازغا بۇيرۇش ھەققى بار. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «پەرزەنت يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇنى نامازغا بۇيرۇڭلار....». [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇت ھەدىس كىتابىنىڭ: بالىلار نەچچە ياشقا كىرگەندە نامازغا بۇيرۇلىدۇ؟ دېگەن بۆلۈمدە كەلتۈرگەن]. 

      ئەھلى-ئىلىملار بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "ئوغۇل بالا ئون ياشقا يەتكەندە، تاھارەت ئىلىش ۋە ناماز ئوقۇشقا سەل قارىسا، نەسىھەت قىلىش، ئىجابىي ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق، بالىدا نامازنى ياخشى كۆرۈش ئىستىكىنى يېتىلدۇرۇش، بۇلار مەنپەئەت بەرمىگەندە ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق گەپ قىلىش، قورقۇتۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئەدەپلەش.

      ئائىلە باشلىقلىرى پەرزەنتلەر يەتتە ياشقا كىرگەندە، ئۇلارغا تاھارەت ۋە نامازنىڭ قائىدىلىرىنى ئۆگىتىشى ۋە ئۇنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇشى لازىم. ئون ياشقا كىرگەندە بۇنى ئادا قىلىشقا سەل قارىسا ئۇلارنى ئەدەپلەش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «پەرزەنت يەتتە ياشقا كىرگەندە، نامازغا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇمىسا ئەدەپلەڭلار.» [تىرمىزىي رىۋايىتى ۋە ھەسەن دەرىجىلىك ھەدىس].

      يەنە بىر رىۋايەتتە: «پەرزەنت يەتتە ياشقا كىرگەندە نامازغا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇمىسا ئەدەپلەڭلار.  قىز-ئوغۇللارنىڭ ئۇخلايدىغان ئورنىنى ئايرىڭلار» دېگەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار بالاغەتكە يەتكەندە نامازنى تەرك قىلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى يەتتە ياشقا كىرگەندىن باشلاپ، نامازغا ئادەتلەندۈرۈش، ئۈگۈتۈش، كۆندۈرۈش كېرەك ۋە بۇ جەرياندا سۇسلۇق ياكى تەرك قىلسا، مۇۋاپىق ھالەتتە ئەدەپلەش كېرەك. ئۇلارنى تەربىيىلەش ۋە ئەدەپلەش مەسىلىسىدە قىز-ئوغۇللار ئوخشاشتۇر. [ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھنىڭ ئەلمۇغنى ناملىق ئەسىرى " نامازنىڭ سۈپەتلىرى" دېگەن بۆلۈمدىن ئىلىندى].    

      بەزى كىشىلەر يىتىم بالىلارنى ئەدەپلەشتە بىرئاز سىقىلىش ھېس قىلىدۇ، لېكىن ئىشنىڭ توغرىسى، يېتىمنىڭ ئىشىغا ئىگە بولغۇچى (بېشىنى سىلىغۇچى) ئۇنىڭغا مەنپەئەتلىك ۋە پايدىلىق بولغان ئىشلارغا بۇيرۇش، بەزى ۋاقىتتا ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پايدىسى ئۈچۈن قوپال-قاتتىق ئۇسۇللارنى قوللانسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھ بولمايدۇ.

      شائىر ئېيتقاندەك: (شىئىرنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى) قوپاللىق يامان ئىشلاردىن چەكلەيدۇ، كەسكىن-ئىرادىلىك كىشىلەر بەزى ۋاقىتتا ئۆزى كۆيۈنىدىغانلارغا قوپاللىق قىلسا، بۇنىڭ پايدىسى بولىدۇ. [دەررۇل مۇختار دېگەن كىتابنىڭ، "ئەدەپلەش" ناملىق بۆلۈمىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

      يىتىم بالىنىڭ ئۆزىنىڭ بىشىنى سىلاۋاتقان-ئىشلىرىغا ئىگە بولىۋاتقان كىشىنى دادا دەپ چاقىرىشى توغرىسىدىكى مەسىلىنى، 1041-نومۇرلۇق سوئالدا ئۇنىڭ جاۋابى ئىلگىرى بايان قىلىنغان. توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد