جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

تېرە كېسىلى بولغان كىشىنىڭ، تەيەممۇم قىلىشى توغرىسىدا

سۇئال

مەن تېرە كېسىلىدىن ئازابلىنىمەن، ھازىرغىچە داۋالىنىشىم تامام بولمىدى، ھەتتا مەن بىر كۈندە بەش قېتىم تاھارەت ئالىمەن، بارلىق ۋاسىتىلارنى ئىشلىتىپ باقتىم ھېچ پايدىسى بولمىدى، نېمە قىلىشىم كېرەك، ھەر قېتىم تاھارەت ئالسام تېرەمگە سەت-ناچار قاپارتقۇلارنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ» [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنى بىر ئىشتىن چەكلىسەم، ئۇنىڭدىن دەرھال يىراق بولۇڭلار، بىر ئىشقا بۇيرىسا، ئۇنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشچە ئادا قىلىڭلار». [بۇخارى رىۋايىتى 6858-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1337-ھەدىس].

   ئاللاھ تائالانىڭ سۇ بىلەن تاھارەت ئىلىشقا بۇيرىغانلىقى ئوچۇق بولسىمۇ، لېكىن ئاللاھ تائالا سۇ بىلەن تاھارەت ئىلىشى ۋاجىپ بولغان كىشىلەردىن كېسەل كىشىنى ئايرىدى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىشنى دۇرۇس قىلدى.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْرَبُوا الصَّلَاةَ وَأَنتُمْ سُكَارَىٰ حَتَّىٰ تَعْلَمُوا مَا تَقُولُونَ وَلَا جُنُبًا إِلَّا عَابِرِي سَبِيلٍ حَتَّىٰ تَغْتَسِلُوا ۚ وَإِن كُنتُم مَّرْضَىٰ أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِّنكُم مِّنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَفُوًّا غَفُورًا  تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر مەست بولساڭلار، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگىنىڭلارغىچە، جۇنۇپ بولساڭلار، ـ يول ئۈستىدە بولغانلار (بۇنىڭدىن) مۇستەسنا، ـ غۇسلى قىلمىغىچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار، ئەگەر كېسەل (يەنى كېسەلگە سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى ھاجەت قىلساڭلار ياكى ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەڭلار، (مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقنى يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا سۈرتۈپ تەيەممۇم قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرەج بولماسلىقى ئۈچۈن ئىبادەتنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچىدۇر) » [سۈرە مائىدە 43-ئايەت].

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سۇ ئىشلىتىشتىن ئەنسىرىسە يەنى سۇ ئىشلىتىش بىلەن بەدىنىگە زىيان يىتىپ كېسەل بولۇپ قالسا، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: «ئەگەر كېسەل (يەنى كېسەلگە سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار» دېگەن ئايەتنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ. شۇنىڭدەك تاھارەتتە يۇيىدىغان ئەزالاردا جاراھەت بولسا ياكى بەدەننىڭ ھەممىسىدە جاراھەت بولۇپ تاھارەت ئالسا ياكى يۇيۇنسا بەدىنىگە زىيان يېتىشتىن ئەنسىرىسە ئۇ كىشى تەيەممۇم قىلىدۇ". ["شەرھىل مۇمتى" 1-توم 378-379-بەت].

    ئەگەر تېرىسىگە سۇ تەگسە ئۇنىڭ تېرىگە تەسىرى بولمىسا شۇنداق قىلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئەزالارنى بەك سىلاپ يۇيۇش ياكى بەك يۇيۇش شەرت قىلىنمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ بۇرۇن ياللۇغى بولسا بۇرنىغا بەك سۇ ئالمايدۇ، چۈنكى بۇنداق ھالەتتە سۈ  بۇرنىدا تۇرۇپ قىلىپ زىيادە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن سېسىق پۇراق چېقىدىغان بولىدۇ، كېسەللىككە سەۋەپ بولىدۇ ياكى بۇرۇنغا زىيىنى بولىدۇ، بۇ كىشىگە: سۇ بۇرنىڭىزنىڭ تۆشۈكىگە كىرسە كۇپايە قىلىدۇ دېيىلىدۇ ".  ["شەرھىل مۇمتى" 1-توم 201-بەت.]

تاھارەتتە سۇ ئىشلەتسىڭىز تېرىڭىزغا زەرەر قىلسا ياكى شىپا تېپىشى كېچىكىپ كېتىدىغان ئىش بولسا، سىز تەيەممۇم قىلسىڭىز بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى