سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

رامىزاندا قىلىنغان چوڭ گۇناھلار روزىنى بۇزىۋىتەمدۇ؟

سۇئال

مەبلەغ سىلىپ پايدا ئىلىش گۇۋاھنامىسى بار، جازانە بانكىسىنىڭ پاي چىكى بىلەن سودا قىلىدىغان جازانىخورنىڭ تۇتقان روزىسىنى ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّـهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبَا إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَتەرجىمىسى: ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! (ھەقىقي) مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، كىشىلەرنىڭ زىممىسىدەقېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلار. [سۈرە بەقەرە 278-ئايەت].

مانا بۇ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۆز بەندىلىرىگە جازانىخورلۇق قىلماسلىق ۋە ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدىكى چاقىرىقىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا جازانىخورلۇق قىلىشنى ھارام قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَحَلَّ اللَّـهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا تەرجىمىسى: ئاللاھ سودا - سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى، (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى. بەقەرە سۈرىسى 275-ئايەت.

جازانى يېيىش بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ خار ۋە رەزىل بولىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: جازانى شەكىلدە سودا-تىجارەت قىلىشساڭلار، كالىنىڭ قۇيرىقىغا ئەگىشىپ يۇرۇپ دېھقانچىلىق بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنى تەرك قىلساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرگە خار-زارلىقنى سالىدۇ، ھەتتا سىلەر دىنىڭلارغا تولۇق قايتمىغۇچە بۇ خارلىقتىن قۇتۇلالمايسىلەر. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3462-ھەدىس. شەيىخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرى 11-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

جازانە توغرىسىدىكى بەزى مەسىلىلەرنى "جازانە بانكىلىرىغا پاي سىلىش مەسىلىسىگە ئالاقىدار بولغان سوئاللار ناملىق تىمىدا تەپسىلى بايان قىلدۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن 8590- ۋە 112445- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئەمما جازانە بانكىلىرىنىڭ پاي چەكلىرىنى سىتىۋېلىش قاتارلىق چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن روزىدىن ھاسىل قىلىدىغان پەزىلەتنى كەتكۇزۇپ قويىدۇ. شۇنداقلا بەزى ۋاقىتتا روزىنىڭ ساۋابىغىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى تەپەككۇر قىلىپ بېقىڭ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ﴾تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! گۇناھلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ رامىزان روزىسى پەرز قىلىندى. [سۈرە بەقەرە 183-ئايەت].

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە روزىنىڭ پەرز بولىشىنىڭ يولغا قويۇلىشى توغرىسىدىكى ھىكمەتنى بايان قىلدى. ئۇ بولسىمۇ روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرىقىنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشچە تولۇق ئادا قىلىپ، چەكلىمىلىرىدىن تولۇق يىنىپ ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: روزا تۇتۇپمۇ يالغان سۆز ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلىشنى تەرك قىلمىغان كىشىنىڭ رامىزاندا يىمەك-ئېچمەكنى تەرك قىلىپ روزا تۇتىشىغا ئاللاھ تائالانىڭ ھېچ ئېھتىياجى يوق. [بۇخارى رىۋايىتى1903-ھەدىس].

ئاللاھ تائالا بىز روزا تۇتقاندا پەقەت يىمەك-ئېچمەكنى تەرك قىلىشمىزنىلا مەقسەت قىلمايدۇ، بەلكى بىزدىن ھەقىقى تەقۋادارلىقنى روياپقا چىقىرىشىمىزنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئايەتنىڭ ئاخىرىدا روزىنى ھەقىقى تەقۋادارلاردىن بولىشىڭلار ئۈچۈن پەرز قىلدۇق دېدى. [شەرھۇل مۇمتىئ 6-توم 435-بەت].

ھاپىز ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستىن يالغان سۆزلەپ، شۇ يالغان سۆزنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلىش كۆزدە تۇتىلىدۇ".

ئىبنى ئەرەبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن: روزا تۇتۇپ يۇقىرىقى ھەدىستە بايان قىلىنغان ئىشلارنى قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسىغا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ، يەنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان گۇناھ-مەسىيەتلەر روزىنىڭ ساۋابىدىن ئېغىر بولىدۇ".

ئىمام بەيزاۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "روزىنىڭ يولغا قويىشىدىكى مەقسەت پەقەت ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق ئەمەس، بەلكى نەپسى شەھۋەتلىرىنى سۈندۈرۈپ، نەپسىنى ناچار ئىشلاردىن يىراقلاشتۇرۇش، كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، روزا بىلەنبۇ ئىشلار ھاسىل بولمايدىكەن، بۇ روزىغا ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلىش نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ".

خۇلاسە: دىندا چەكلەنگەن ئىشلارنى روزىدارنىڭ سادىر قىلىشى روزىنىڭ ساۋابىنى كىمەيتىۋىتىدۇ. [پەتھۇل بارىيدىن ئىلىندى].

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى