سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ساھابە كىراملارنى ئۆچ كۆرۈشنىڭ ھۆكمى

45563

تارقاتقان ۋاقىت : 05-08-2015

كۆرگۈچىلەر : 3523

سۇئال

مەن بىر كىشى بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ قالدىم، ئۇ كىشى ماڭا: ساھابىلاردىن قايسى بىرىنى ئۆچ كۆرسەك بۇ بىزنىڭ ئىسلامىمىزغا زىت كەلمەيدۇ، مۇمكىن ساھابىلارنى ئۆچ كۆرۈش ئىمان دائىرىسىدىن چىقىرۋەتسىمۇ لېكىن ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىرۋەتمەيدۇ، دېدى. سىلەرنىڭ بۇ ئىشنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى دىنى ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغان ئىشلارغا سەرپ قىلماستىن بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن قالسىلا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكلىرى بولغان ساھابە كىراملار ۋە ئۇلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپلارغا سەرپ قىلىشى ۋە بۇ ئىشلارنى ئوتتۇرىغا ئەچىقىشى، ئۇ ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىنمىغانلىقى ۋە خار-زارلىققا دۇچار بولغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر.

ھەر قانداق بىر شەخسنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنى ئۆچ كۆرۈش ۋە ھاقارەت قىلىشى يولسىزلىقتۇر. ساھابىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە پەزىلەتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇلار دىننى قوغداش ۋا تارقىتىشقا جېنى-مىلى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋە بۇ يولدا دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى كۆرەش قىلغان، قۇرئان-ھەدىس ۋە دىنى ئەھكاملارنى كىيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزگەن، ئاللاھ يولىدا جېنى- مىلى ۋە بارلىقىنى بېغىشلىغان، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىقىغا تاللىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ئاللاھ تائالاغا ئىشەنمەيدىغان، دىننى ياقتۇرمايدىغان مۇناپىق-مۇشرىكلار ئۆچ كۆرىدۇ ۋە ھاقارەت قىلىدۇ.

بەرا ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئەنسارلارنى پەقەت مۆمىنلار ياخشى كۆرىدۇ، مۇناپىقلار ئۆچ كۆرىدۇ، ئۇلارنى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەن كىشىنى ئاللاھ تائالا ئۆچ كۆرىدۇ دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 3572-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 75-ھەدىس].

ئەنسارلارنى ئۆچ كۆرگەن كىشىدە ئىمان چەكلىنىپ، مۇناپىقلىق ئىسپاتلىنىدىغان تۇرسا، ئەنسارى ۋە مۇھاجىرلار، شۇنداقلا ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرنى ئۆچ كۆرگەن، ھاقارەت قىلغان، ئۇلار ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرگەن ۋە ئۇلاردىن رازى بولغان كىشىلەرنى كافىرغا چىقىرىدىغان ئىنسانلاردا ئەلۋەتتە ئىمان بولمايدۇ. (خۇددى راپىزىلارغا ئوخشاش) ئۇلار ھەقىقەتەن مۇناپىق-كاپىرلاردىن ئىبارەتتۇر.

ئىمام تاھاۋىي رەھىمەھۇللاھ، ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ ئىتىقادىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنى ياخشى كۆرىمىز، ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشتە چەكتىن ئاشۇرۋەتمەيمىز، ئۇلاردىن ئادا-جۇدا بولمايمىز، ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەن ۋە ياخشى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىمىگەن كىشىنى ئۆچ كۆرىمىز، ئۇلارنى پەقەت ياخشى سۈپەت بىلەن زىكىر قىلىمىز، ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش دىن، ئىمان ۋە ئېھساننىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئۇلارنى ئۆچ كۆرۈش بولسا كۇفرى ۋە نىپاقتىن ئىبارەت بولۇپ ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر".

پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ فەۋزان مۇنداق دەيدۇ: "ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ياخشى كۆرۈشتۇر.

ناسىبىيە قارىشىدىكىلەر ساھابىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئۆچ كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ ناسىبىيە دەپ ئاتىلىشى: ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئۆچمەنلىك قىلغانلىقى سەۋەبىدىندۇر.

ئەمما راپىزىلار بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلار ئۆز قارىشى بويىچە ئەھلى- بەيىتنى ياخشى كۆرىدۇ، ساھابىلارنى ئۆچ كۆرىدۇ ۋە ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ، كاپىرغا نىسبەت بېرىدۇ ۋە تۈرلۈك ھاقارەتلەر بىلەن سۆكىدۇ.

ساھابىلارنى ئۆچ كۆرۈش دىننى ئۆچ كۆرگەنلىكتۇر، چۈنكى ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە ئۈممەتكە دىننى يەتكۈزگۈچىلەردۇر. ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەنلىك ئىسلامنى ئۆچ كۆرگەنلىكتۇر، بۇ ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئىماننىڭ يوقلىقى ۋە ئىسلامنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنىڭ دەلىل ئىسپاتىدۇر.

ساھابىلارنى ياخشى كۆرۈش، ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىش بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى بىلىشى مۇھىم بولغان ئاساسلىق قائىدىدۇر، چۈنكى ساھابىلارنى ياخشى كۆرۈش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىرەرسىنى ئۆچ كۆرۈش بولسا كۇفرى ۋە مۇناپىقلۇقتۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى كۆرگەنلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرگەنلىك، ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەنلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆچ كۆرگەنلىكتۇر." [شەرھى ئەقىدەتۇت تەھاۋىيە].

بەزى ئالىملار ساھابىلارنى ئۆچ كۆرۈش دېگەن مەسىلىنى تەپسىلى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ساھابىلارنىڭ بەزىسىنى ئۆچ كۆرۈش دۇنيالىق ئىشلار سەۋەبىدىن بولسا بۇنىڭ بىلەن كاپىر ياكى مۇناپىق بولمايدۇ. ئەمما ئۇلارنى دىنى ئىشلار ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىرى بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆچ كۆرىدىكەن بۇ ئۇنداق كىشىلەرنىڭ شەكسىز كاپىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ تەپسىلى بايانات بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان قائىدىگە زىت كەلمەيدۇ بەلكى ئۇ قائىدىنى ئوچۇقلارشتۇرىدۇ ۋە كۈچلاندۇرىدۇ.

ئىمام ئەبۇ زۇرئە ئەررازى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنى كەمسىتكەن ۋە كۆزگە ئىلمىغان كىشىنى كۆرسەڭ، ئۇ كىشىنى زىندىق-مۇناپىق دەپ بىلگىن".

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنى لايىق بولمىغان سۈپەتلەر بىلەن زىكىر قىلغان-كەمسىتكەن كىشىنى كۆرسەڭ، ئۇنى ئىسلامغا تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ دەپ بىلگىىن".

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ساھابىلارنىڭ ئادىللىقى ۋە دىنى-ئېتىقادى جەھەتتە كەمسىتمەستىن بەلكى ئۇلارنى بېخىللىق، قورقۇنچاقلىق، بىلىمسىزلىك ۋە دۇنياغا بېرىلىش قاتارلىق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن بولسا، بۇنداق كىشىلەرنى كاپىرغا نىسبەت بەرمەيمىز بەلكى ئۇنداق كىشىنى ئەدەپلەپ، تەربىيە بېرىمىز. بەزى ئۆلىمالارمۇ مۇشۇ تەرەپتىن ئۇلارنى كۇپىرغا نىسبەت بەرمىگەن بولىشى مۇمكىن.

ئەمما ساھابىلارنى سەت سۆزلەر بىلەن ھاقارەت قىلغان، لەنەت قىلغان كىشىلەرگە قارىتا ئۆلىمالارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس، ئۇلارنى ئۆچ كۆرۈپ لەنەت قىلغان بىلەن ئېتىقادى تەرەپتىن لەنەت قىلغانلارنىڭ ئارىسى پەرقلەندۈرىلىدۇ.

ئەمما بۇنىڭدىن ئۆتۈپ، ساھابىلارنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئون نەچچە كىشىدىن باشقىلار دىندىن يىنىۋالغان، مۇرتەد بولۇپ كەتكەن ياكى ساھابىلارنىڭ ھەممىسى پاسىقلىشىپ كەتكەن دەپ تۆھمەت قىلىدىكەن، ئۇنداق ئادەمنىڭ كاپىرلىقىدا شەك يوق. چۈنكى قۇرئان كەرىمدە بىر قانچە ئورۇندا، ئۇلاردىن ئاللاھ تائالانىڭ رازى بولغانلىقى، ئۇلارنى ماختىغانلىقى تەكرار بايان قىلىنغان بولۇپ، ساھابىلارغا ھاقارەت قىلغان ئىپلاس كىشىلەرنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىگە شەك قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇلار قۇرئاندا بىر قانچە ئورۇندا بايان قىلىنغان ئايەتنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. قۇرئان-ھەدىسنىڭ ئوچۇق باياناتلىرىبۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مانا بۇ ئايەتمۇ: كُنتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَتَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ وَتُؤْمِنُونَ بِاللَّـهِ تەرجىمىسى: ئى مۇھەممەد ئۈممىتى! سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان اﷲ قا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتىسلەر. [سۈرە ئال-ئىمران 110-ئايەت] شۇنى ئىپادىلەيدۇ.

بۇ ئۈممەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىرىنچى ئەسىردىكى كىشىلەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كاپىر ۋە پاسىق دەپ قاراش ئىسلام ئۈممىتىنى ئەڭ ناچار ئۈممەت، ئۇلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرى مۇشۇ ئۈممەتنىڭ بىرىنچى ئەسىردىكى كىشىلىرى دەپ قارىغانلىق بولۇپ، بۇ ئىسلام دىنىدا ئوچۇق-ئاشكارا كۇفرۇلۇق ھېسابلىنىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق سۆز-ھەرىكەتلەرنى ئاشكارا قىلغان كىشىلەرنىڭ زىندىق-مۇناپىق ئىكەنلىكى ئوچۇق بىلىنىدۇ. زىندىق-مۇناپىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى يوشۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارا قىلىپ تۇرىدۇ، نۇرغۇن ئىشەنچىلىك خەرۋەرلەردە ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ ئۆلگەندە ياكى ھايات ۋاقتىدا شەكلىنىڭ توڭگۈزغا ئۆزگۈرۈپ قالغانلىقى نەقل قىلىنغان، كۆپچىلىك ئالىملارمۇ بۇنى نەقل قىلغان بولۇپ، بۇ مەزمۇندا نۇرغۇن كىتاپلار يېزىلدى. ھاپىز سالىھ ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇل ۋاھىد مەقدىسى يازغان: "ساھابىلارنى ھاقارەت قىلىشتىن چەكلەش ۋە بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان گۇناھ ۋە جازا" ناملىق ئەسىرىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئومۇمەن بۇ توغرىدا بەزى ئالىملار ساھابىلارنى ھاقارەت قىلغانلارنىڭ شەكسىز كاپىر ئىكەنلىكى توغرىسىدا، بەزىلەر ئۇلارنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلماسلىق توغرىسىدا يەنە بەزىلەر ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىشتا تەپسىلى بايان قىلىش توغرىسىدا ئەسەرلەرنى يازدى. "پەيغەمبەرنى ھاقارەت قىلغانغا سۇغۇرۇلغان قىلىچ" ناملىق ئەسەر 590-591-بەتلەر].

ئىمام تەقىيىددىن سۈبكى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەتقىقاتلارغا كۆرە، ساھابىلارنىڭ بەزىسىنى ھاقارەت قىلغانلىق، ساھابىلارنىڭ ھەممىسىنى ھاقارەت قىلغانلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىدا شەك يوقتۇر. چۈنكى ساھابىلاردىن بىرىنى ھاقارەت قىلغانلىق، (ئۇ ساھابە بولغانلىقى ئۈچۈن) ئۇنىڭ ئورنىنى چۈشۈرگەنلىك بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتىراز بىلدۈرىدۇ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ كاپىرلىقىدا شەك يوقتۇر. مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن، ئىمام تەھاۋىينىڭ: "ئۇلارنىڭ بەزىسى كاپىر" دېگەن سۆزىنى مۇشۇ مەنادا چۈشىنىشكە بولىدۇ. چۈنكى ساھابىلارنىڭ بەزىسىمۇ ساھابە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ھاقارەت قىلغانلىق كاپىر ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ساھابىلارنى ساھابە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئىشلىرى سەۋەبىدىن بولسا، يەنى مەككە ئازات بولۇشتىن ئىلگىرى مۇسۇلمان بولغان قاتارلىق تەرەپتىن بولسىمۇ بىز ساھابىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز، راپىزىلار ساھابىلاردىن ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنى ھاقارەت قىلىدۇ.قازى ھۈسەيىن بۇ ئىككى ساھابىنى ھاقارەت قىلغانلارنىمۇ كاپىر دەپ بايان قىلغان.

بىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككىلىنىشنىڭ يولى بولسا، مەلۇم بىر كىشىنى ئۆزىگە خاس بولغان ئىش بىلەن ھاقارەت قىلغان بولسا، دۇنيالىق ئىشلار سەۋەبىدىن ئۆچ كۆرسە، بۇ، ئۇ كىشىنىڭ كاپىرلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئەمما ساھابىلاردىن بىرەر كىشىنى ساھابە بولغانلىقى ياكى باشقا دىنى سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۆچ كۆرىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى قەتئىدۇر". ["سۈبكى پەتىۋالىرى" ناملىق ئەسەر 2-توم 575-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى