Wed 7 DhH 1435 - 1 October 2014
49025
پەرۋەردىگارلىقتىكى بىرلىكنىڭ ھەقىقى مەنىسى ، ھەمدە ئۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلار
پەرۋەردىگرلىقتىكى بىرلىكنىڭ ھەقىقى مەنىسى نىمە ؟


مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن ، ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭ ئەلچىسىگە بولسۇن .
پەرۋاردىگارلىقتىكى بىرلىكنىڭ مەنىسى : ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىش -ھەركەتلىرىدە ، مەسىلەن : يارىتىش ، پادىشاھلىق ، ئىشلارنى باشقۇرۇش ، رىزىق بىرىش ، ھاياتلىق بىرىش ۋە ئۇنى ئىلىش ، يامغۇر ياغدۇرۇش قاتارلىقلاردا بىر ۋە يالغۇزدۇر دەپ ئىتراپ قىلىش .بىر ئادەمنىڭ تەۋھىدى ، ئۇ ئاللاھ - پەرۋاردىگار ، پادىشاھ ، ياراتقۇچى ، بارلىىق نەرسىلەرگە رىزىق بەرگۈچى ، ھاياتلىق ۋە ئۆلۈمنى بەرگۈچى ، پايدا ئىلىپ كەلگۈچى ۋە زىيان سالغۇچى ،دۇئا قىلغۇچىلارغا جاۋاپ بەرگۈچى بىردىنبىر زات ،بارلىق ئىشلارنى باشقۇرغۇچى ، بارلىق ياخشىلىق ئۇنىڭ قولىدا ، نىمىنى خالىسا شۇنى قىلالايدىغان زات، بۇ تەقدىرگە ،ئۇنىڭ ياخشى ۋە يامان ھەر ئىككىلىسىگە ئىشىنىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، دەپ ئىتراپ قىلمىغۇچە ، مۇكەممەل بولمايدۇ .
ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئەۋەتىلگەن مۇشرىكلار تەۋھىدنىڭ بۇ تەرىپىگە قارشى چىقمىدى ، بەلكى ئۇلار ئومۇمى جەھەتتىن ئۇنى ئىتراپ قىلدى، ئاللاھ ئىيىتقاندەك :
« ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ: «ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ» ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﯓ، ﺋﯘﻻﺭ: «ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﻏﺎﻟﯩﺐ، ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﻰ (ﺍﻟﻠﻪ ) ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ» ﺩﻩﻳﺪﯗ .»
[ ئالتۇن بىزەكلەر <زۇخرۇف> :9 ] .
ھەمدە ئۇلار ئاللاھنىڭ بارلىق نەرسىلەرنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ پادىشاھلىقى ئۇنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلدى .شۇنىڭ بىلەن مەلۇم بولدىكى ، ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىنى ئىتراپ قىلىش بىر ئادەمنىڭ يىتەرلىك مۇسۇلمان بولىشىغا يىتەرلىك ئەمەس ، ئۇنىڭ تەقەززاسى بولغان ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقتىكى بىرلىكنىمۇ ھەم ئىتراپ قىلىشى ھەمدە ئىبادىتىنى پەقەت ئاللاھقىلا بىغىشلىشى كىرەك .
بۇ تەۋھىد - يەنى ، پەرۋەردىگارلىقتىكى بىرلىك - ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ ھىچ قايسىسى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنمايدۇ . ھىچكىم دۇنيادا ئوخشاش ئىككى ياراتقۇچى بار دىمەيدۇ . پىرئەۋىندىن باشقا ھىچكىم پەرۋەردىگارلىقتىكى بىرلىك ئىددىيسى بىلەن مۇنازىرلەشمىدى ،پىرئەۋىن ئۇنى تەكەببۇرلۇق ۋە جاھىللىق بىلەن ئىنكار قىلغان ھەمدە ئاللاھ ئۇنىڭغا لەنەت قىلسۇن- ھەتتا پەرۋەردىگار دەپ دەۋا قىلغان . ئاللاھ ئۇنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :
« ﺩﯦﺪﻯ: «ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ» . » [ تارتىپ ئالغۇچىلار <نازىئات >: 24 ] .
« ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﻩﻣﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻼﻫﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. » [ ھىكايىلەر <قەسەس> : 38 ] .
بۇ ئۇنىڭدىكى تەكەببۇرلۇقتىن ئىدى ،چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار ئۆزىدىن باشقا بىرى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى . ئاللاھ ئىيىتقاندەك :
« ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﻪﺑﺒﯘﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ. » [ چۈمۈلىلەر <نەمل> : 14 ] .
ھەمدە ئاللاھ مۇسانىڭ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرلەشكەن چاغدىكى ئەھۋالنى بىزگە خەۋەر قىلىدۇ :
« ﻣﯘﺳﺎ: «(ﺋﻰ ﭘﯩﺮﺋﻪﯞﻥ!) ﺑﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ) ﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ (ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺭﺍﺳﺘﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ) ﺩﻩﻟﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻪﻥ (ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺗﯩﻠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎﯕﻤﯘ ﺩﯨﻠﯩﯖﺪﺍ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ) ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﯩﺴﻪﻥ،»
[ ئىسرائىل ئەۋلاتلىرى < بەنى ئىسرائىل > : 102 ] .
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بىردىنبىر پەرۋەردىگار -ئاللاھ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن .
ئوخشاشلا ، مەجۇسىلار <زوروئاستىرىيانلار> دۇنيادا ئىككى ياراتقۇچى - قاراڭغۇلۇق ۋە يورۇقلۇق بار دەپ پەرۋەردىگارلىقتىكى بىرلىك ئىددىيسىنى ئىنكار قىلدى .لىكىن ئۇلار بۇ ئىككى ياراتقۇچى - تەڭ دەپ قارىمىدى ، بەلكى ئۇلار يورۇقلۇق قاراڭغۇلۇقتىن ياخشى ، چۈنكى ئۇ ياخشىلىقنى يارىتىدۇ،قاراڭغۇلۇق يامانلىقنى يارىتىدۇ ،ھەمدە ياخشىلىقنى ياراتقۇچى يامانلىقنى ياراتقۇچىدىن ياخشى بولىدۇ .چۈنكى ،قاراڭغۇلۇق مەۋجۇت ئەمەس ۋە يورۇقلۇق چىقارمايدۇ ،يورۇقلۇق بولسا مەۋجۇت ھەمدە يورۇقلۇق چىقىرىدۇ ،شۇڭا ئۇنىڭ زاتى تىخىمۇ مۇكەممەل ، دىدى .
مۇشرىكلار پەرۋەردىگارلىقتىكى بىرلىكنى ئىتراپ قىلدى دىگەنلىك ئۇلار ئۇنى شۇنداق مۇكەممەل دەرىجىدە قىلدى دىگەنلىك ئەمەس . بەلكى ئۇلار ئاللاھ يۇقارقى تىلغا ئىلىنغان ئايەتلەردە بىزگە ئىيىتقىنىدەك ئۇنى ئومۇمى مەنە جەھەتتە ئىتراپ قىلدى .
بىراق ئۇلارنىڭ ئىتىقادلىرىدا بۇ ئۇقۇمنى ئا جىزلاشتۇرۋىتىدىغان خاتالىقلار بار، مەسىلەن : يامغۇرنى يۇلتۇزلارغا مەنسۇپ قىلىش، ئۇلارنىڭ پالچىلار ،سىھرىگەرلەر كۆرۈنمەسلەر<غەيپ> نى بىلىدۇ دەپ ئىتىقاد قىلىشى ،ۋە باشقا ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقى توغىرسىدىكى شىرىكلەر. بىراق بۇ خاتالىقلار ئۇلارنىڭ ئىلاھلىقتىكى بىرلىك ۋە پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش ھەققىدىكى ناتوغرا ئىتىقاتلىرىغا سىلىشتۇغاندا چەكلىكتۇر.
بىز ئاللاھتىن تاكى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىچە ئۇنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرغۇزىشىنى سورايمىز .ھەمدە ئاللاھ ئەڭ ئوبدان بىلىدۇ .
« ( تيسير العزيز الحميد /33 ، والقول المفيد 1/ 14 ). غا قاراڭ .»

www.islamqa.com