Fri 26 Shw 1435 - 22 August 2014
5113
نېمە ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىزنىڭ دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىزنىڭ دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلمايدۇ؟، بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

     ئىمام ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "دۇئا ۋە ئاللاھقا سىغىنىش قورالنىڭ مەرتىبىسىدە بولۇپ، قورال بىسى بىلەن ئەمەس بەلكى ئىشلەتكۈچى بىلەن كۈچلۈكتۇر، قورال مۇكەممەل، ئەيىبسىز ۋە كۈچلۈك بولغاندا، قارشى تۇرغۇچى يوقىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دۈشمەننى تولۇق مەغلۇپ قىلىش مۇمكىن بولىدۇ. قاچانكى يۇقىرىقىدىكى ئىشلارنىڭ بىرەرسى تەسىرگە ئۈچرىسا، ئۇنىڭ تەسىرى بولمايدۇ". [كېسەللىك ۋە ئىلاج ناملىق ئەسەر 35-بەت].

      دۇئا ۋە دۇئا قىلغۇچىدا تولۇق بولىشى زۆرۈر بولغان ئەدەپ ۋە ھالەتلەر مەۋجۇت بولغاندەك، دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىنى چەكلەپ قويىدىغان ئامىللارمۇ مەۋجۇتتۇر. بۇ ئامىللارنىڭ دۇئادا ۋە دۇئا قىلغۇچىدا بولمىغان ۋاقىتتا دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشى روياپقا چىقىدۇ.

     دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىشىغا ياردەم بولىدىغان سەۋەبلەردىن:

     1-دۇئانى ئىخلاس بىلەن قېلىش. بۇ دۇئا قىلىشنىڭ مۇھىم ئەدەپلىرىدىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا دۇئانى ئىخلاس بىلەن قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَادْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار.» [سۈرە غاپىر 65-ئايەت]. دۇئانى ئىخلاس بىلەن قىلىش دېگەنلىك: دۇئا قىلىنغۇچى زات ئۇنىڭ ھاجىتىنى بېرىدىغان ھەممىگە قادىر يەككە يىگانە ئاللاھ ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇرۇپ دۇئا قىلىش دېگەنلىكتۇر.

     2-تەۋبە قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىش. دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىنى چەكلەپ قويىدىغان ئاساسلىق ئامىل گۇناھ-مەسىيەت بولۇپ، دۇئا قىلغۇچى دۇئا قىلىشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تائالاغا تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىشى كېرەك. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز قەۋمىگە مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىدۇ: ﴿فَقُلْتُ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ إِنَّهُ كَانَ غَفَّارًا ، يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُم مِّدْرَارًا ، وَيُمْدِدْكُم بِأَمْوَالٍ وَبَنِينَ وَيَجْعَل لَّكُمْ جَنَّاتٍ وَيَجْعَل لَّكُمْ أَنْهَارًا﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلارغا ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلەرنى ئاتا قىلىدۇ.» [سۈرە نۇھ 10-11-12-ئايەتلەر].

     3-دۇئانى ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىت قىلغان ۋە ئازابىدىن قورققان ھالدا خۇشۇ بىلەن ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، بىچارىلىكىنى ئىپادىلەپ قىلىش كېرەك. مانا بۇ دۇئانىڭ روھى، مېغىزى ۋە مەقسىتىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ادْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ﴾ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار، (دۇئا قىلغاندا كەلسە-كەلمەس سۆزلەپ، توۋلاپ) ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەنلەرنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ.» [سۈرە ئەئراف 55-ئايەت].

     4-تەكرار-تەكرار ئۆتۈنۈش، خاتىرجەمسىزلەنمەسلىك ۋە زېرىكمەسلىك كېرەك. دۇئانى ئىككى-ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ ئۆتۈنۈش، يالۋۇرۇش ئارقىلىق مەقسەت ھاسىل بولىدۇ.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بويىچە دۇئانى ئۈچ قېتىمدىن تەكرارلاش ئەۋزەلدۇر. بۇ ھەقتە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن كۆرگىنىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇئا قىلغاندا ۋە ئىستىغپار ئېيتقاندا ئۈچ قېتىمدىن تەكرارلاشنى ياخشى كۆرەتتى.» [ئەبۇ داۋۇت ۋە نەسائىي رىۋايىتى].

     5-كەڭرىچىلىك، راھەت-پاراغەتلىك ۋاقىتلاردا دۇئانى كۆپ قىلىش لازىم. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كەڭرىچىلىك ۋاقىتلاردا ئاللاھنى تونۇساڭ، قىيىنچىلىق ۋاقىتلاردا ئاللاھمۇ سېنى تونۇيدۇ.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

     6-دۇئانىڭ ئەۋۋىلى ياكى ئاخىرىدا ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىم ۋە ئېسىل سۈپەتلىرىنى ۋەسىلە كەلتۈرۈپ ئاللاھقا يېلىنىش كېرەك.

     7-دۇئانىڭ ئەڭ گۈزەل، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋە ئوچۇق ئىپادىلىنىدىغان ئۆزى ئىخچام مەنىلىك سۆزلەرنىڭ يىغىندىسى بىلەن قىلىنغان دۇئالاردۇر. ئەڭ ياخشى دۇئا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان دۇئاسىدۇر. ئىنسان ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ھاجاتلىرىنى ئۇنىڭدىن باشقا ئىبارەتلەر بىلەن ئىپادىلەپ دۇئا قىلسىمۇ بولىدۇ.

      دۇئا قىلىشنىڭ ئەدەپلىرىدىن: قىبلىگە يۈزلىنىش، دۇئانى تاھارەت بىلەن قىلىش، دۇئانى ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلەيدىغان ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللايدىغان سۆزلەر بىلەن باشلاش، شۇنداقلا دۇئا قىلغان ۋاقىتتا ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

مۇۋاپىق ۋاقىت ۋە مۇقەددەس ئورۇنلارنى تاللاش، دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا ياردىمى بولىدىغان ئامىللاردىندۇر.

     دۇئا ئىجابەت بولىدىغان مۇۋاپىق ۋاقىتلار:

     ناماز بامداتتىن ئىلگىرىكى ۋاقىت (يەنى سۇھۇر ۋاقتى)، كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى، جۈمە كۈنى كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى، يامغۇر چۈشىۋاتقان ۋاقىت، ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىسىدىكى ۋاقىتلاردىن ئىبارەت.  

     دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ئەڭ مۇقەددەس ئورۇنلار: ئومۇمى تەرەپتىن بارلىق مەسچىتلەر، خۇسۇسىي تەرەپتىن ھەرەم-بەيتۇللاھ مەسچىتى.

     دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ھالەتلەر: زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى، مۇساپىرنىڭ دۇئاسى، روزا تۇتقۇچىنىڭ دۇئاسى، قىيىنچىلىقتا قالغۇچىنىڭ دۇئاسى، مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى ئۈچۈن ئۇ يوق يەردە قىلغان دۇئاسى قاتارلىقلار.

     دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىنى چەكلەپ قويىدىغان ئامىللار:

     1-دۇئانىڭ ئۆزىنىڭ ئۆلچەملىك بولماسلىقى؛ يەنى دۇئادا ھەددىدىن ئېشىپ كېتىش ياكى ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئەدەپكە رىئايە قىلماسلىق. ئاللاھ تائالادىن سوراش لايىق بولمايدىغان نەرسىلەرنى تىلەش، مىسالغا ئالساق: خۇددى ئىنسان ئۆزىنىڭ دۇنيادا ئەبەدىي ياشىشىنى ۋە گۇناھ-مەسىيەت ياكى چەكلەنگەن-ھارام ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورىشى، ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەشكە ئوخشىغان ئىشلار توغرىسىدا دۇئا قىلماسلىق كېرەك.

     ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندە گۇناھ-مەسىيەت بولىدىغان ياكى ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزىدىغان ئىشلار توغرىسىدا دۇئا قىلمىسا باشقا ئىشلار توغرىسىدا قىلغان دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

     2-دۇئا قىلغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆلچەملىك بولماسلىقى: يەنى دۇئا قىلغۇچىنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىگە يۈزلىنىشتە قەلبىنىڭ ئاجىز بولىشى. ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئادابىنىڭ ناچار بولىشى يەنى دۇئانى ھەددىدىن زىيادە ئۆنلۈك ئاۋازدا قىلىشى ياكى سورىغان نەرسىسىدىن  بىھاجەتتەك ھالەتتە دۇئانى ئاخىرلاشتۇرۇش، سۆزنىڭ مەنىسىگە قارىماستىن لەۋزىنى ياپسالاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئۆز ئىچىدىن بولماستىن بەلكى ساختا شەكىلدە ۋارقىراپ-جارقىراپ ئۆنلۈك يىغا-زارە قىلىپ دۇئا قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

     3-دۇئا قىلغۇچىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىيىتىنىڭ ئۆلچەملىك بولماسلىقى: دۇئا قىلغۈچىنىڭ ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلاردىن ساقلانماسلىقى (يەنى كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە، يېمەك-ئىچمەك، كيىم-كېچەك، تۇرالغۇ جاي، قاتناش ۋاستىلىرى، توغرا بولمىغان يوللار بىلەن پۇل تېپىش ئارقىلىق ھايات كەچۈرۈش)، ئۇنىڭ قەلبىگە گۇناھ-مەسىيەت داغلىرىنىڭ ئورناپ كېتىشى، دىندا بىدئەت پەيدا قىلىش ياكى بىدئەت يولىغا ئەگىشىش، ئومۇمى تەرەپتىن ئىلىپ ئېيتقاندا ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق قەلبنى غاپىللىق قاپلاش قاتارلىقلار دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

     4-ھارام مال-دۇنيانى ئىستىمال قىلىش، دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىنى چەكلەيدىغان ئەڭ چوڭ ئاساسلىق ئامىلدۇر. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھ غايەت پاكتۇر، پاكىزە نەرسىنى قوبۇل قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا تەقۋادار كىشىلەرنى پەيغەمبەرلەرنى بۇيرىغان ئىشقا تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ﴿يَا أَيُّهَا الرُّسُلُ كُلُوا مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَاعْمَلُوا صَالِحًا ۖ إِنِّي بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن.» [سۈرە مۆمىنۇن 51-ئايەت]. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېدى: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُلُوا مِن طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ ھەددى ـ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار.» [سۈرە بەقەرە 172-ئايەت]. يۇقىرىقى ئايەتنى تىلاۋەت قىلغاندىن كىيىن مۇنداق دىدى: ئۇزۇن سەپەرگە چىققان، چاچلىرى چاڭ-توزاڭ ۋە چۇۋۇق، ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، ئى رەببىم! ئى رەببىم! دەپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىنى زىكىر قىلىپ، ئۇنىڭ يېمەك-ئېچمەكلىرى ھارام، ھارامدىن غىزالانغان تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە زىكىر قىلغان كىشىدە دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا ياردىمى بولىدىغان مۇساپىرچىلىق ۋە ئاللاھقا قاتتىق ئىلتىجا قىلىشتەك بەزى ئىشلار تولۇقلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھارام نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلغانلىقى دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىنى چەكلەپ قويدى. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى بۇنىڭدىن ساقلىسۇن.

     5-دۇئا قىلغۈچى دۇئاسىنىڭ تىزدىن ئىجابەت بولمىغانلىقىغا ئالدىراپ ھەسرەتلىنىپ دۇئا قىلىشنى تەرك ئېتىشى توغرا ئەمەس. ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار دۇئا قىلدىم ئەمما قىلغان دۇئايىم ئىجابەت بولمىدى دەپ ئالدىراپ كەتمىسە، قىلغان دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ.» [بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

     6- دۇئانى جەزىملەشتۇرۇپ قىلماسلىق، دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىنى چەكلەپ قويىدىغان ئىشلار جۇملىسىدىندۇر (مىسالغا ئالساق: دۇئادا، ئى ئاللاھ! خالىساڭ مېنى كەچۈرۈم قىلغىن دېگەندەك سۆزلەرنى قوللىنىش). بەلكى، دۇئا قىلغۇچى دۇئانى ئەستايىدىل، كەسكىن، تىرىشچانلىق ۋە ئۆتۈنۈش بىلەن قىلىش كېرەك. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار دۇئا قىلغاندا، ئى ئاللاھ! خالىساڭ مېنى كەچۈرۈم قىلغىن، خالىساڭ ماڭا رەھمەت قىلغىن دېمەستىن بەلكى، سورايدىغان نەرسىنى كەسكەن سورىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ كىشىنى بىر نەرسە سوراشقا مەجبۇرلىغۇچى يوق.» [بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

     دۇئا قىلغۇچى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەدەپ-ئەخلاقلارغا تولۇق رىئايە قىلسا ۋە دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىنى چەكلەيدىغان چەكلىمىلەردىن ساقلانسا، ئۇنىڭ دۇئاسى چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى، ئىنسان تىلىگەن نەرسىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن توغرا ئۇسۇل بىلەن ھەرىكەت قىلىش ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك دېگەنلىكتۇر.

     دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىدا ئىنساننىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان بىر قانچە تۈرلۈك ئىشلار بولۇپ، ئۇلار: ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ، دۇئادىن بولغان تەلىپى روياپقا چىقىدۇ. قىلغان دۇئانىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇ كىشىدىن بىر يامانلىق دەپئى قىلىنىدۇ. ئۇ كىشىگە دۇئاسىدا تەلەپ قىلغاندىنمۇ ياخشىراق بىر نەرسە بېرىلىدۇ، ياكى قىلغان دۇئاسى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەندە قىيامەت كۈنى ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىدىغان ۋاقىتقا كېچىكتۈرۈلىدۇ.

     ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

     تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

     تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى