سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئەزان بىلەن ئىقامەت ئارىسىدىكى زىكرىلەر

سۇئال

مەن ئەزاندىن بۇرۇن ، ئىقامەتتىن بۇرۇن ، ئەزاندىن كىيىن ۋە ئىقامەتتىن كىيىن نىمە دەپ دۇئا قىلىدىغىنىمىزنى بىلمەكچىمەن .

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
1- ئەزاندىن بۇرۇن قىلىنىدىغان دۇئاغا كەلسەك ، بىلىشىمچە ئەزاندىن بۇرۇن دۇئا يوق . ئەگەر ئۇنىڭغا شۇ ۋاقىتتا ئالاھىدە ياكى بىئالاھىدە بولغان سۆز خاس قىلىنسا ، ئۇنداقتا ئۇ ئىنكار قىلىنىدىغان بىدئەت . لىكىن ئۇ شۇنداق توغرا كىلىپ قالغان بولسا ، ئۇنداقتا ھىچقىسى يوق .
2- ئىقامەتتىن بۇرۇن ، يەنى مۇئەززىن ئىقامەت قىلماقچى بولغاندا بولسا ، بۇ ھەقتىمۇ ھەم بىر مەخسۇس سۆزنى بىلمەيمىز . شۇڭا ئۇ ھەقتە ئىسپات دەلىللەنمەي تۇرۇپ ئۇنى قىلىش ئىنكار قىلىنىدىغان بىدئەت .
3- ئەزان بىلەن ئىقامەتنىڭ ئارىسىدا بولسا ، ئۇ چاغدا دۇئاقىلىش رىغبەتلەندۈرۈلگەن ۋە مۇستەھەپ .
ئەنەستىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : ئەزان بىلەن ئىقامەت ئارىسىدىكى دۇئا رەت قىلىنمايدۇ ، شۇڭا دۇئا قىلىڭلار . [ ئۇنى تىرمىزىي(212) ، ئەبۇ داۋۇد (437)، ۋە ئەھمەد( 12174) (سۆزى ئۇنىڭ ) نەقىل قىلغان . ھەمدە ئەلبانىي سەھىيھ ئەبۇ داۋۇدتا ئۇنى سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 489 ]
ئەزاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئۇلاپ قىلىشتا ، ئۇنىڭ مەخسۇس شەكلى بار :
ئۇنىڭدىن : جابىر بىن ئابدۇللاھتىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « كىمكى چاقىرىقنى( ئەزاننى) ئاڭلىغاندا : ئاللاھۇممە رەببى ھازىھىد دەئېۋەتىت تاممەھ ، ۋەسسەلاتىل قائىمەھ ،ئاتى مۇھەممەدەن ئەل ۋەسىيلەتە ۋەل فەزىيلەھ ، ۋەبئەسھۇ مەقامەن مەھمۇدەن ئەللەزىي ۋەئەدتەھ دىسە قىيامەت كۈنى شاپائىتىم ئۇنىڭغا ھالال بولىدۇ . »
[ بۇخارىي نەقىل قىلغان ،589 ]
4- ئىقامەتتىن كىيىنكى دۇئاغا كەلسەك ، ئۇنىڭغا ھىچبىر دەلىل بىلمەيمىز . ئەگەر سەھىيھ دەلىلسىز مەخسۇس دۇئا قىلىنسا ، ئۇ بىدئەت بولىدۇ .
5- ئەزان قىلىنىۋاتقاندا دۇئا قىلىشقا كەلسەك ، سىزنىڭ مۇئەززىننىڭ دىگىنىدەك دىيىشىڭىز سۈننەت ، لىكىن : ھەييە ئەلەسسەلاھ ، ھەييە ئەلەل فەلاھ سۆزىدە ، لاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ دەيسىز .
ئۇمەر بىن خەتتابتىن نەقىل قىلىندى ، ئاللاھ ئەلچىسى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : مۇئەززىن : ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر دىگەندە ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار : ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر دىسە ، ئاندىن ئۇ : ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەلاھ دىگەندە ، ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەلاھ دىسە ، ئاندىن ئۇ ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەر رەسۇلۇللاھ دىگەندە ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەر رەسۇلۇللاھ دىسە ، ئاندىن ئۇ : ھەييە ئەلەسسەلاھ دىگەندە ، لاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ دىسە ، ئاندىن ئۇ : ھەييە ئەلەل فەلاھ دىگەندە ، لاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ دىسە ، ئاندىن ئۇ :ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر دىگەندە ،اللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر دىسە ، ئاندىن ئۇ : لا ئىلاھە ئىللەللاھ دىگەندە ، لا ئىلاھە ئىللەللاھ دىسە ، چىن قەلبىدىن دىسە جەننەتكە كىرىدۇ . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 385 ]
6- ئىقامەت قىلىنىۋاتقاندا دۇئا قىلىشقا نىسبەتەن : بەزى ئالىملار ئۇنى ئەزانغا ئوخشاش ، شۇڭا سۆزلەرنى تەكرارلاش مۇستەھەپ دەپ قارىدى. باشقا ئالىملار بولسا ئۇنى مۇستەھەپ دەپ قارىمىدى ، چۈنكى ئىقامەت سۆزلىرىنى تەكرارلاش ھەققىدىكى ھەدىيس ئاجىز بولغاچقا . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا : مۇھەممەد بىن ئىبراھىيىم "فەتىۋالاردا( 2136) "، ۋە پېشىۋا ئۇسەيمىين" شەرھى مۇمتىئېدا( 284) ".
خاتا ئىشلارنىڭ بىرى : مۇئەززىن : قەد قامەتىس سەلاھ دىگەندە ، ئەقامە ھەللاھ ۋە ئەدامەھەللاھ دىيىش . چۈنكى ئۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىيس ئاجىز .
ئەبۇ ئۇمامە ياكى پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بەزى ساھابىلىرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، : " بىلال ئىقامەت قىلىشنى باشلىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەد قامەتىس سەلاھ دىگەندە ، پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن): ئەقامە ھەللاھ ۋە ئەدامەھەللاھ دىدى . ۋە ئىقامەتنىڭ قالدى يەرلىرىنى ئۇمەرنىڭ ئەزان ھەققىدىكى ھەدىيسىگە ئوخشاش دىدى . [ ئۇنى ئەبۇ داۋۇد نەقىل قىلغان ، 528 . بۇ ھەدىيس بولسا : ھافىز ئىبنۇ ھەجەر " التلخيص الحبير " ( 1 / 211 ) .دە ئاجىز دەپ تۈرگە ئايرىغان .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى