سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

پەرىشتىلەر

سۇئال

پەرىشتىلەرنىڭ ۋەزىپىسى ، ئالاھىدىلىكى ، شەكلى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتى ھەققىدە نىمىلەرگە ئىشىنىسىز ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
پەرىشتىلەر ھەققىدە ئىشىنىش – ئىيماننىڭ ئالتە تۈۋرىكىنىڭ بىرى ، ياكى ئۇنىڭسىز ئىيمان ئىيمان ئەمەس . كىمكى ئۇلارنىڭ قايسى بىرىگە ئىشەنمەيدىكەن ، ئۇ مۇئمىن ئەمەس ، ئۇلار : ئاللاھ ھەققىدە ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ، كىتاپلىرى ، ئەلچىلىرى ، كىيىنكى كۈن ھەمدە تەقدىر ھەققىدە ، ئۇنىڭ ياخشىسى ۋە يامىنى ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئاللاھتىن بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىشىنىش ؛ پەرىشتىلەر بولسا بىزنىڭ ئەقلىمىز يەتمەيدىغان كۆرۈنمەس(غەيىپ) دۇنيانىڭ بىرى . ئاللاھ بىزگە ئۇلار ھەققىدە ئۆز كىتابىدا ۋە ئەلچىسى مۇھەممەدنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) تىلى بىلەن نۇرغۇن خەۋەرلەرنى بەردى . تۆۋەندە پەرىشتىلەر ھەققىدە كەلگەن ئىشەنچىلىك ، توغرا خەۋەرلەرنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز ، ئى سۇئال سورىغۇچى قىز! ، ئۈمىدكى ، سىز بۇ ئارقىلىق ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىنى ۋە پەرىشتىلەر ھەققىدە خەۋەرلەرنى ئىلىپ كەلگەن بۇ دىننىڭ كاتتىلىقىنى تونۇپ يەتكەيسىز :
ئۇلار نىمىدىن يارىتىلغان ؟
ئائىشە ئانىمىز دىگەندەك ئۇلار نۇردىن يارىتىلغان ، ئۇ دىدىكى ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان ، جىنلار ئوتنىڭ يالقۇنىدىن يارىتىلغان ، ئادەم سىلەرگە بايان قىلىپ بەرگەن نەرسىدىن يارىتىلغان . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 2996 ]
قاچان يارىتىلغان ؟
بىز ئۇلارنىڭ قاچان يارىتىلغانلىقىنى كونكرىت بىلمەيمىز ، چۈنكى ئۇ ھەقتە بايان يوق . بىراق ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بۇرۇن يارىتىلغانلىقى ئىنىق ، چۈنكى قۇرئان دەيدۇ : « ظأ ز ؤاقتعدا صةرؤةردعضارعث صةرعشتعلةرضة:مةن يةر يىزعدة خةلعصة (يةنع ظورذنباسار) يارعتعمةن دئدع. » [ بەقەرە( ئىنەك ) : 30 ]
ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئىنسان ياراتماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشى ئۇلارنىڭ ئاللابۇرۇن مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
يارىتىلىشتىكى چوڭلۇق :
ئاللاھ دوزاخ پەرىشتىلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ : ظع مأمعنلةر! ظأزةثلارنع ؤة بالا-حاقاثلارنع ظعنسان ؤة تاشلار يئقعلغذ بولعدعغان، رةهعم قعلمايدعغان قاتتعق قول صةرعشتعلةر مذظةككةل بولغان دوزاختعن ساقلاثلار، ظذ صةرعشتعلةر اللةنعث بذيرذقعدعن حعقمايدذ، نئمعضة بذيرذلسا شذنع ظعجرا قعلعدذ. [ تەھرىيم (ھارام قىلىش ): 6 ]
پەرىشتىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى جەبرائىل ( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن) بولۇپ ، ئۇ تۆۋەندىكى نەقىللەردە تەسۋىرلەنگەن : ئابدۇللاھ بىن مەسئۇدتىن نەقىل قىلىندىكى : پەيغەمبەر ((ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) جەبرائىلنى ئۆز قىياپىتىدە كۆرگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ 600 قانىتى بار ئىكەن ، ھەربىر قانىتى ئۇپۇقنى توسۇۋالغان ، ھەمدە ئۇنىڭ قاناتلىرىدىن ئۈنچە-مارجان ، ياقۇتلار تۆكۈلۈپ تۇرغانىكەن. ئاللاھ ئۇلارنى نىمىدىگەن بىلىدۇ –ھە! » [ ئۇنى ئىمام ئەھمەد مەسنەد تە نەقىل قىلغان ، ئىبنۇ كەسىير بىدايە دە ئۇنىڭ ئىسنادى ياخشى دىگەن ، 147 ]
ئاللاھ ئەلچىسى جەبرائىلنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دىگەن : مەن جەبرائىلنىڭ كۆكتىن چۈشىۋاتقانلىقىنى ، ئۇنىڭ يارىتىلىشتىكى چوڭلۇقى كۆك بىلەن زىمىن ئارىسىنى ئىتىۋالغانلىقىنى كۆردۈم . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 177 ]
ئەڭ چوڭ پەرىشتىلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ تەختى( ئەرشى) نى كۆتۈرگۈچىلەرمۇ بار ، ئۇلار تۆۋەندىكى نەقىلدە تەسۋىرلەنگەن : جابىر بىن ئابدۇللاھتىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )مۇنداق دىگەن : ماڭا ئاللاھنىڭ تەختىنى كۆتۈرگۈچى پەرىشتىلەرنىڭ بىرى ھەققىدە ئېغىز ئىچىشىمغا ئىجازەت بىرىلدى . ئۇنىڭ قۇلاق يۇمشىقى بىلەن مۈرىسىنىڭ ئارلىقى 700 يىللىق مۇساپىگە توغرا كىلىدىكەن . [ سۈنەنى ئەبۇ داۋۇت ، سۈننەت بۆلۈمى ، جۇھەمىييە بابى ]
ئۇلارنىڭ قاناتلىرى بار :
ئاللاھ دەيدۇ : جعمع هةمدذسانا ظاسمانلارنع ؤة زئمعننع ظأزنةكسعز ياراتقذحع، صةرعشتعلةرنع ظعككع قاناتلعق، ظىح قاناتلعق، تأت قاناتلعق ظةلحعلةر قعلغذحع اللةغا خاستذر! اللة يارعتعشتا خالعغعنعنع زعيادة قعلعدذ، اللة هةقعقةتةن هةر نةرسعضة قادعردذر. [ فاتىر( ياراتقۇچى) : 1 ]
ئۇلارنىڭ گۈزەللىگى :
ئاللاھ جەبرائىلنى سۈپەتلەپ مۇنداق دىگەن : ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە تەلىم بەردى . ئۇنىڭ ھۆسۈن-جامالى چىرايلىق بولۇپ يۇقۇرى(ئۇپۇقتا) تۇردى .
[ نەجىم( يۇلتۇز) : 5-6 ]
پەرىشتىلەرنىڭ چىرايلىقلىقى كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا چىڭ ئورناپ كەتكەچكە ، ئۇلار ھەمىشە چىرايلىق ئادەمنى پەرىشتىگە ئوخشىتىدۇ . خۇددى ئاياللارنىڭ يۇسۇف پەيغەمبەر ھەققىدە دىگىنىدەك : «ظذلار يىسىفنع كأرىص هاث - تاث بولذص قئلعشتع ؤة ظأزلعرعنعث قوللعرعنع كئسعؤئلعشتع.ظذلار: (بذنداق حعرايلعق ظعنساننع ياراتقان)الله صاكتذر،بذ ظادةمزات ظةمةس،صةقةت بعر ظئسعل صةرعشتعدذر دئيعشتع .»
[ يۇسۇف: 31 ]
پەرىشتىلەرنىڭ تەق-تۇرقى ۋە چوڭ-كىچىكلىكتە پەرىقلىق بولۇشى :
پەرىشتىلەرنىڭ تەق-تۇرقى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى بىرخىل بولماستىن ، بەلكى ئۇلار پەزىلەت جەھەتتە ھەرخىل بولغىنىدەك ھەرخىلدۇر . ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى بەدر جىڭىگە قاتناشقانلار . مۇئاز بىن رىفائە بىن رافىئې زۇرقىي دادىسىدىن نەقىل قىلدىكى ، ئۇنىڭ دادىسى بەدر جىڭىگە قاتناشقان بولۇپ ، ئۇ مۇنداق دىگەن : " جەبرائىل پەيغەمبەرنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) قېشىغا كىلىپ مۇنداق دىدى : سىلەر ئىچىڭلاردىن بەدر جىڭىگە قاتناشقانلارغا قانداق باھا بىرىسىلەر ؟ ئۇ : ئەڭ پەزىلەتلىك مۇسۇلمانلارقاتارىدىن ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر سۆزنى قىلدى . ئۇ : پەرىشتىلەر ئىچىدىن بەدر جىڭىگە قاتناشقانلارمۇ ھەم شۇنداق . دىدى . [ بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 3992 ]
ئۇلار يىمەيدۇ ۋە ئىچمەيدۇ :
ئاللاھنىڭ دوستى ئىبراھىيم بىلەن ئۇنى يوقلاشقا كەلگەن پەرىشتە مىھمانلىرى ئوتتۇرسىدىكى دىئالوگ بۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ ، ئاللاھ دەيدۇ : « شذنعث بعلةن ظذ ظاستا ظاظعلعسعضة حعقعص (صعشذرذلغان) بعر سئمعز موزاينع ظئلعص كعرعص ظذلارنعث ظالدعغا قويذص: يعمةمسعلةر دئدع[26-27] . (ظذلارنعث تاماق يئمعضةنلعكعنع كأرىص) دعلعدا ظذلاردعن قورقتع، ظذلار: قورقمعغعن (بعز صةرؤةردعضارعثنعث ظةلحعلعرعمعز) دئدع، ظذلار ظعبراهعمغا بعلعملعك بعر ظوغذل بعلةن خذش خةؤةر بةردع .» [ زارىيات(سورىغۇچى شاماللار) : 26-28 ]
يەبىر ئايەتتە : « ظذلارنعث (يةنع صةرعشتعلةرنعث)ظذنعثغا قول ظذزاتمايؤاتقانلعقعنع كأرىص،ظذلارنع خوش كأرمعدع،ظذلاردعن قورقذنح هئس قعلدع،ظذلار: قورقمعغعن(بعز رةببعثنعث صةرعشتعلعرع،تاماق يئمةيمعز)،بعز هةقعقةتةن لذتنعث قةؤمعنع(هالاك قعلعش ظىحىن) ظةؤةتعلدذق دئدع . » [ھۇد : 70 ]
ئۇلار ئاللاھقا ئىباەدت قىلىش ۋە ئۇنى ئەسلەشتىن زىرىكمەيدۇ ، چارچىمايدۇ ؛
ئاللاھ دەيدۇ : ظذلار كئحة – كىندىز تةسبعه ظئيتعدذ، بوشاشمايدذ . [ ئەنبىيا ( پەيغەمبەرلەر) : 20 ]
صةرؤةردعضارعثنعث دةرضاهعدعكعلةر (يةنع صةرعشتعلةر) كئحة- كىندىز اللةغا تةسبعه ظئيتعص تذرعدذ، ظذلار مالال بولذص قالمايدذ . [ فۇسسىلەت: 38 ]
ئۇلارنىڭ سانى :
پەرىشتىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، ئۇلارنىڭ سانىنى ئاللاھتىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ . پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) يەتتىنچى ئاسماندىكى بەيتۇلمەئېمۇرنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دىگەن : ئاندىن مەن بەيتۇلمەئېمۇرغا ئىلىپ چىقىلدىم . ھەر كۈنى ئۇنى 70 مىڭ پەرىشتە زىيارەت قىلىدۇ ، ئۇلار چىقىپ كەتسە ئۇنىڭغا قايتىپ كەلمەيدۇ ، ئاندىن باشقا بىر گۇرۇپپا (پەرىشتىلەر ) كىلىدۇ . [ بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 3207 ]
ئابدۇللاھتىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : ئۇ كۈندە دوزاخ 70 مىڭ ئارغامچا بىلەن سۆرەپ ئەكىلىنىدۇ ، ھەر بىر ئارغامچىنىڭ قېشىدا ئۇنى تارتىدىغان 70مىڭ پەرىشتە بار . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 2842 ]
ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى :
پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىملىرى بار ، لىكىن بىز ئۇلارنىڭ پەقەت ئازغىنىسىنىڭ ئىسمىنى بىلىمىز . قۇرئان ۋە ھەدىيس تېكىستلىرىدە ئىسمى تىلغا ئىلىنغانلىرىغا تەپسىلىي ئىشىنىش كىرەك ، ئۇنداق بولمىسا پەرىشتىلەرگە ئومۇمى ئىشىنىش دائىرسىدە ئىشىنىش كىرەك ؛ بىز بىلىدىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىملىرىدىن :
1-،2- جەبرائىل ۋە مىكائىل :
. ظئيتقعنكع،جعبرعظعلغا دىشمةن بولغان ظادةم(الله غا دىشمةندذر),حىنكع ظذ(يةنع جعبرعظعل)الله نعث ظةمرع بعلةن ظأزعدعن ظعلضعرعكعنع(يةنع ساماؤع كعتابلارنع) تةستعق قعلغذحع، توغرا يول كأرسةتكىحع،مأمعنلةرضة بعشارةت بةرضىحع قذرظاننع سئنعث قةلبعثضة نازعل قعلدع كعمكع الله نع،الله نعث صةرعشتعلعرعنع،صةيغةمبةرلعرعنع ،جعبرعظعلنع،معكاظعلنع دىشمةن تذتعدعكةن(الله نع دىشمةن تذتقان بولعدذ)،شىبهعسعزكع الله كاصعرلارنع دىشمةن تذتعدذ [ بەقەرە(ئىنەك) : 97-98 ]
3-ئىسرافىل :
ئەبۇ سەلەمە بىن ئابدۇرراھمان بىن ئەۋف نەقىل قىلىپ مۇنداق دىگەن : " مەن مۇئېمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائېشەدىن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) كېچىدە نامازغا تۇرغاندا نامىزىنى نىمە بىلەن باشلايدىغانلىقىنى سورىدىم . ئۇ : " ئۇ كېچىدە نامازغا تۇرغاندا نامىزىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن باشلايىتتى : ئى ئاللاھ ، جەبرائىل ، مىكائىل ۋە ئىسرافىلنىڭ پەرۋەردىگارى ، ئاسمان ۋە زىمىننىڭ ياراتقۇچىسى ، كۆرۈنىدىغان ۋە كۆرۈنمەس نەرسىلەرنى بىلگۈچى ، بەندىلىرىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەرگە ھۆكۈم چىقىرىسەن . ئىختىلاپ قىلىنغان نەرسىلەر ھەققىدە مىنى توغرىغا يىتەكلىگىن . سەن خالىغان كىشىنى توغرىغا يىتەكلەيسەن . " دىدى . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 270 ]
4- مالىك :
ئۇ بولسا دوزاخ قاراۋۇلى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ھەمدە ئۇلار : "ئى مالىك ، پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈمنى ھۆكۈم قىلسۇن ." دەپ توۋلايدۇ . [ زۇخرۇف ( ئالتۇن بىزەكلەر) : 77 ]
5-، 6- مۇنكەر ۋە نەكىر :
ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى مۇنداق دىگەن : مىيىت دەپنە قىلىنغاندا ياكى سىلەرنىڭ بىرىڭلار دەپنە قىلىنغاندا ، ئۇنىڭ قېشىغا كۆك-قارا ئىككى پەرىشتە كىلىدۇ . ئۇلارنىڭ بىرى مۇنكەر ، يەنە بىرى نەكىر دىيلىدۇ . ئۇلار ئۇنىڭدىن : " سەن بۇ كىشى ھەققىدە نىمە دەيىتتىڭ ؟ " دەيدۇ . ئۇ نىمىگە كۆنگەن بولسا شۇنى دەيدۇ : " ئۇ بولسا ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ، گۇۋاھلىق بىرىمەنكى ، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى . " ئۇلار : " بىز سىنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغىنىڭنى بىلەتتۇق ." دەيدۇ . ئاندىن ئۇنىڭ قەبرىسى يەتمىشتە يەتمىش گەز كىڭەيتىلىپ بىرىلىدۇ . ئاندىن ئۇنىڭغا قەبرىسى يورۇتۇلۇپ بىرىلىدۇ . ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭغا : " ئۇخلىغىن! " دەيدۇ . ئۇ : " ئائىلەمگە قايتىپ ئۇلارغا دەيمەن ." دەيدۇ . ئۇلار ئۇنىڭغا : " سەن خۇددى يىڭىدىن تويى بولغان يىگىتنىڭ ئۇخلىغىنىغا ئوخشاش ئاللاھ ئۇنى شۇ ياتقۇسىدىن قوپۇرغىچە ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىدىن باشقا بىرى ئويغاتمايدىغان ئۇيقىدا ئۇخلىغىن . " دەيدۇ . ئەگەر ئۇ مۇناپىق بولسا : " كىشىلەرنىڭ دىگىنىنى ئاڭلىدىم-دە مەنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش دىدىم ، بىلمەيمەن . " دەيدۇ . ئۇلار : " بىز سىنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغىنىڭنى بىلەتتۇق ." دەيدۇ . ئاندىن زىمىنغا : " ئۇنى سىق !" دىيلىدۇ –دە ئۇ سىقىلىپ قوۋۇرغىلىرى بىر-بىرىگە كىرىشىپ كىتىدۇ . ھەمدە ئۇ تاكى ئاللاھ ئۇنى ئورنىدىن قوپۇرغىچە ئازاپلىنىۋىرىدۇ . [ تىرمىزىي نەقىل قىلغان ، 1071 . ھەمدە ئەبۇ ئەيسا : بۇ غەرىيب ، ياخشى ھەدىيس ، دىگەن . ھەمدە سەھىيھ جامىئېدا ياخشى دەپ تۈرگە ئايرىلغان ، 724 . ]
7-، 8- ھارۇت ۋە مارۇت :
ئاللاھ دەيدۇ : بابىلدىكى ئىككى پەرىشتە ھارۇت ۋە مارۇتقا چۈشۈرۈلگەن نەرسە
[ بەقەرە ( ئىنەك ) : 102 ]
ۋە باشقىلار ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇنىنى پەقەت ئۇ ئۆزى بىلىدۇ . بۇ پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەتتۇر .
ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى
پەرىشتىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن بىرىلگەن زور كۈچ-قۇۋۋەتلەرگە ئىگە . ئۇلاردىن :
ئۇلارنىڭ ھەر خىل ئۆزگىرەلىشى :
ئاللاھ پەرىشتىلەرگە ئۆز قىياپىتىدىن باشقا قىياپەتلەرگە ئۆزگىرەلىش ئىقتىدارىنى بەرگەن بولۇپ ، ئاللاھ جەبرائىلنى ئىنسان قىياپىتىدە مەريەمنىڭ قېشىغا ئەۋەتكەن . ئۇ مۇنداق دەيدۇ : ئۇنىڭغا بىز روھىمىزنى(جەبرائىلنى) ئەۋەتتۇق . ئۇ مەريەمگە بىجىرىم ئادەم قىياپىتىدە كۆرۈندى . [ مەريەم : 17 ]
ۋە پەرىشتىلەر ئىبراھىيمنىڭ قېشىغا ئادەم قىياپىتىدە كەلگەن ، ھەمدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەرىشتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىگۈچە ئۇلارنى تونۇمىغان . ۋە شۇنىڭدەك ، پەرىشتىلەر لۇتنىڭ قېشىغا چىرايلىق يىگىتلەرنىڭ قىياپىتىدە كەلگەن . جەبرائىل پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) قېشىغا بىر نەچچە قىياپەتتە كەلگەن بولۇپ بەزىدە كىلىشكەن ساھابە دىھيە كەلبىينىڭ قىياپىتىدە كەلسە ، بەزىدە كۆچمەن ئەرەپ قىياپىتىدە كەلگەن . ھەمدە ساھابىلەر ئۇنىڭ ئىنسان قىياپىتىنى كۆرگەن . ئىككى سەھىيھ تە كەلدىكى ، ئۇمەر بىن خەتتاب مۇنداق دىگەن : " بىر كۈنى بىز پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) قېشىدا ئىدۇق ، ئالدىمىزدا بىر ئاپئاق كىيىملىك ، قاپقارا چاچلىق بىر ئادەم پەيدا بولدى . ئۇنىڭدا ھىچبىر سەپەرنىڭ ئالامىتى يوق ئىدى ھەمدە ئۇنى ھىچكىم تونۇمايىتتى . ئۇ كىلىپ پەيغەمبەرنىڭ ئالدىدا ئولتۇردى . ئىككى تىزىنى ئۇنىڭ ئىككى تىزىغا چاپلىدى ، ئىككى قولىنى ئۇنىڭ ئىككى يوتىسىغا قويدى . ھەمدە ئۇ : " ئى مۇھەممەد ، ماڭا ئىسلام توغىرسىدا سۆزلەپ بەرگىن . . ... " دىدى . " [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 8 ]
ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ھەدىيسلەر پەرىشتىلەرنىڭ ئىنسان قىياپىتىگە كىرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن ، يۈز ئادەم قاتىلى ھەدىيسىگە ئوخشاش ، ئۇنىڭدا : ئۇلارغا پەرىشتە ئىنسان قىياپىتىدە كەلدى . دەپ بار . ۋە قارغۇ ، تاز ۋە بەرەس ھەدىيسى .
ئۇلارنىڭ سۈرئىتى :
بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارغا مەلۇم بولغان ئەڭ تىز سۈرئەت بولسا نۇرنىڭ سۈرئىتى . پەرىشتىلەرنىڭ سۈرئىتى بۇ سۈرئەتتىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ . سۇئال سورىغۇچى پەيغەمبەردىن سۇئال سوراشنى ئاخىرلاشتۇرماي تۇرۇپلا ، جەبرائىل ئاللاھتىن جاۋاپنى ئەكىلىپ بولاتتى .
ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى :
پەرىشتىلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھتىن ئۇنىڭ ئەلچىلىرىگە ۋەھىي يەتكۈزۈشكە مەسئۇللىرى بار . ۋە ئۇ بولسا ئىشەنچىلىك روھ جەبرائىل ( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن ) . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : كىمكى جەبرائىلغا دۈشمەنلىك قىلسا ، چۈنكى ئۇ قەلبىڭگە ئۇنى(ۋەھىينى) ئىلىپ چۈشتى . [ بەقەرە( ئىنەك ) : 97 ]
ئىشەنچىلىك روھ سىنىڭ ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن قەلبىڭىگە ئۇنى چۈشۈردى . [ شۇئەرا( شائىرلار) : 193- 194 ]
ئۇلاردىن يامغۇرغا ۋە ئۇنى ئاللاھ خالىغان تەرەپكە باشلاشقا مەسئۇللىرى بار . ۋە ئۇ بولسا مىكائىل ( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن) دۇر . ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇپ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇ ئۇلارغا نىمە دىسە شۇنى قىلىدۇ . شاماللارنى ۋە بۇلۇتلارنى ئاللاھنىڭ خالىغىنىدەك باشقۇرىدۇ .
ئۇلاردىن سۇر(كاناي) چىلىشقا مەسئۇللىرى بار ، قىيامەت قايىم بولغاندا ئۇنى ئىسرافىل چالىدۇ .
ئۇلاردىن جانلارنى ئىلىشقا مەسئۇللىرى بار . ۋە ئۇ بولسا ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ئېيىتقىنكى ، جىنىڭلارنى سىلەرگە مەسئۇل قىلىنغان ئۆلۈم پەرىشتىسى ئالىدۇ . ئاندىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرلىسىلەر . [ سەجدە : 11 ] سەھىيھ ھەدىيستە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئەزرائىل ئىكەنلىكى ئىسپاتلانمىغان .
ئۇلاردىن بەندىنى ھايات داۋامىدا ئۆيىدە ، سەپەردە ، ئۇخلىغاندا ۋە ئويغاق ھالەتتە ۋە ھەممە ھالەتلىرىدە قوغداشقا مەسئۇللىرى بار . ئۇلار بولسا ئاللاھ ئۇلار ھەققىدە ئېيىتقان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر : « سعلةرنعث ظعحعثلاردعن يوشذرذن سأز قعلغان،ظاشكارا سأز قعلغان،كئحعسع يوشذرذنغان،كىندىزع ظاشكارا يىرضةنلةرنعث هةممعسع(الله ظىحىن ظئيتقاندا) ظوخشاشتذر(يةنع الله هةممعنع بعلعص تذرعدذ)10. هةربعر ظادةمنعث ظالدع-كةينعدة الله نعث ظةمرع بويعحة ظذنع قوغدايدعغان نأؤةتحع صةرعشتعلةر بار.هةر قانداق بعر قةؤم ظأزعنعث ظةهؤالعنع ظأزضةرتمعضعحة(يةنع الله نعث بةرضةن نئمةتلعرعضة تذزكورلذق قعلعص ضذناهلارغا حأممعضعحة)الله ظذلارنعث ظةهؤالعنع ظأزضةرتمةيدذ(يةنع الله ظذلارغا بةرضةن نئمةت،خاتعرجةملعك ؤة ظعززةت- هىرمةتنع ظئلعص تاشلعمايدذ)،الله بعرةر قةؤمنع هالاك قعلماقحع(ياكع ظازابلعماقحع)بولسا،ظذنعثغا قارشع تذرغعلع بولمايدذ،ظذلارغا ظازابنع دةصظع قعلعدعغان الله دعن باشقا ظعضعمذ بولمايدذ . » [ رەئېد : 10-11 ]
ئۇلاردىن بەندىلەرنىڭ ياخشى ياكى ناچار ئىش-ئەمەللىرىنى خاتىرلەشكە مەسئۇللىرى بار بولۇپ ، ئۇلار ھۆرمەتلىك پۈتۈكچىلەردۇر . ئۇلار مۇنۇ ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەن : ئۇ سىلەرگە ساقلىغۇچىلارنى (قىلغان-ئەتكەننى خاتىرلىگۈچىلەرنى) ئەۋەتىدۇ . [ ئەنئام ( چاھارپايلار ) : 61 ]
ظذلار ضذمان قعلامدذكع، بعز ظذلارنعث سعرلعرعنع ؤة صعحعرلاشقانلعقلعرعنع ظاثلعمايمعز، هةرضعز ظذنداق ظةمةس (ظذنع ظاثلاص تذرعمعز)، بعزنعث ظةلحعلعرعمعز (يةنع صةرعشتعلعرعمعز) ظذلارنعث ظالدعدا (ظذلارنعث ظةمةللعرعنع) يئزعص تذرعدذ .
[ زۇخرۇف( ئالتۇن بىزەكلەر): 80 ]
ظعنساننعث ظوث تةرعصعدة ؤة سول تةرعصعدة ظولتذرذص خاتعرعلةيدعغان ظعككع صةرعشتة بار، (ظعنساننعث سأز-هةرعكعتع خاتعرعلعنعؤاتقان) ؤاقعتتا، ظذ قانداق بعر سأزنع قعلمعسذن، ظذنعث ظالدعدا هامان صةرعشتة هازعر بولذص، كأزعتعص تذرعدذ .
[ قاف : 17-18 ]
ھالبۇكى ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەردە كۆزەتكۈچى پەرىشتىلەر بار . ئۇلار ھۆرمەتلىك پۈتۈكچىلەردۇر ، [ ئىنفىتار ( يېرىلىش) : 10-11 ]
ئۇلاردىن قەبرىدىكى كىشىلەرنى سىناشقا مەسئۇللىرى بار . ئۇلار بولسا مۇنكەر ۋە نەكىر . ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : مىيىت دەپنە قىلىنغاندا ياكى سىلەرنىڭ بىرىڭلار دەپنە قىلىنغاندا ، ئۇنىڭ قېشىغا كۆك-قارا ئىككى پەرىشتە كىلىدۇ . ئۇلارنىڭ بىرى مۇنكەر ، يەنە بىرى نەكىر دىيلىدۇ . ئۇلار ئۇنىڭدىن : " سەن بۇ كىشى ھەققىدە نىمە دەيىتتىڭ ؟ " دەيدۇ . ( بۇ ھەدىيس بايام تولۇق بايان قىلىندى .)
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى جەننەت قاراۋۇللىرى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « صةرؤةردعضارعغا تةقؤادارلعق قعلغانلار جةننةتكة توص- توص بولغان هالدا ماثدذرذلعدذ، هالبذكع، ظذلار جةننةتكة يئتعص كةلضةن حاغدا ظذنعث دةرؤازعلعرع ظئحعلعص بولغان بولعدذ، جةننةت قاراۋۇللىرى ظذلارغا: سعلةرضة ظامانلعق بولسذن، سعلةر (ضذناهلارنعث كعرلعرعدعن) صاك بولدذثلار، جةننةتكة كعرعثلار، (ظذنعثدا) مةثضى قئلعثلار دةيدذ . »
[ زۇمەر( ئادەم توپى): 73 ]
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دوزاخ قاراۋۇللىرى. ۋە ئۇلار بولسا زەبانىيەلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ كاتتىلىرى 19 بولۇپ ئۇلارنىڭ باشلىقى مالىك ( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن ) . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « كاصعرلار جةهةننةمضة توص- توص بولذص هةيدعلعدذ، ظذلار جةهةننةمضة يئتعص كةلضةندة، جةهةننةمنعث دةرؤازعلعرع ظئحعلعدذ، جةهةننةم قاراۋۇللىرى ظذلارغا: ظاراثلاردعن سعلةرضة صةرؤةردعضارعثلارنعث ظايةتلعرعنع سعلةرضة ظوقذص بئرعدعغان، بىضىنكع ظذحرعشعشنعث بارلعقعدعن ظاضاهلاندذرعدعغان صةيغةمبةرلةر كةلمعضةنمذ؟ دةيدذ. ظذلار: شذنداق (صةيغةمبةرلةر كةلضةن، بعزنع ظاضاهلاندذرغان)، لئكعن ظازابقا دذحار بولذش هأكمع (كذفرع ؤة قعلمعشلعرع تىصةيلعدعن) كاصعرلارغا تئضعشلعك بولدع دةيدذ . » [ زۇمەر(ئادەم توپى) : 71 ]
ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى چاقىرسۇن . بىز زەبانىيەلەرنى(ئازاپ پەرىشتىلىرىنى) چاقىرىمىز . [ ئەلەق ( لەختە قان) : 17-18 ]
. سةقةرنعث نئمعلعكعنع قانداق بعلةلةيسةن؟[27] ظذ هئح نةرسعنع قالدذرمايدذ، قويمايدذ (بةلكع كأيدىرىص تاشلايدذ)[28] . ظذ (حوثلذقعدعن) ظعنسانلارنعث (كأزلعرعضة يعراق مذساصعلةردعن) كأرىنىص تذرعدذ[29] . ظذنعثغا 19 صةرعشتة مذظةككةلدذر[30] . بعز دوزاخ مذظةككةللعرعنع صةقةت صةرعشتعلةردعن قعلدذق، بعز ظذلارنعث سانع بعلةن صةقةت كاصعرلارنع سعنعدذق، تاكع ظةهلع كعتاب (ظأزلعرعنعث ساماؤع كعتابلعرعدعكع بذ ساننع كأرىص قذرظاننعث هةق ظعكةنلعكعضة) ظعمان ظئيتقاي، مأمعنلةرنعث (صةيغةمبةر ظةلةيهعسسالامنعث بةرضةن خةؤعرعضة ظعشةنضةنلعكلعرعدعن ؤة ظةهلع كعتابنعث قذرظان خةؤةرلعرعنعث تةؤرات، ظعنجعلدعكع خةؤةرلةرضة ظذيغذن ظعكةنلعكعنع ظئتعراص قعلغانلعقعدعن) ظعمانع كىحةيضةي. . ..
[ مۇدەسسىر( كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى): 27-30 ]
« ظذلار (يةنع كذففارلار): ظع مالعك! صةرؤةردعضارعث بعزضة ظألىم هأكىم قعلسذن دةص توؤلايدذ. مالعك: سعلةر ظازابتا حوقذم قالعسعلةر دةيدذ . »
[ زۇخرۇف( ئالتۇن بىزەكلەر) : 77 ]
ۋە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بالاياتقۇدىكى مەنىگە مەسئۇل . ئىبنۇ مەسئۇدنىڭ ھەدىيسىدە كەلگەندەك ، ئۇ مۇنداق دىگەن : " راستمەنلىكى ئىسپاتلانغان ئاللاھ ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بىزگە مۇنداق سۆزلەپ بەردى : سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلارنىڭ يارىتىلىش يولى – ئۇ مەنى سۇيۇقلىقى ھالەتتە ئانىسىنىڭ بالاياتقۇسىدا 40كۈن يىغىلىپ تۇرىدۇ . ئاندىن يەنە ئوخشاش مۇددەتتە ئۇيۇل قان ھالەتتە تۇرىدۇ . ئاندىن يەنە ئوخشاش مۇددەتتە بىر پارچە گۆش ھالەتتە تۇرىدۇ . ئاندىن بىر پەرىشتە ئەۋەتىلىدۇ . ئۇ ( ھامىلىگە) روھنى پۈۋلەيدۇ ۋە تۆت بۇيرۇققا مەسئۇل بولىدۇ : ئۇنىڭ رىزقىنى ، ئۆمرىنى ، ئىش-ئەمىلىنى ۋە ئۇنىڭ بەخىتلىك ياكى بەخىتسىز بولىدىغانلىقىنى پۈتۈش . ئۇنىڭدىن بۆلەك ئىلاھ يوق ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار جەننەت ئەھلىنىڭ ئىش-ئەمىلىنى قىلىدۇ . تاكى ئۇنىڭغا كىرىشكە بىر گەز قالغاندا ، ئۇنىڭغا پۈتۈلگەن نەرسە غالىپ كىلىپ ، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئىش-ئەمىلىنى قىلىدۇ-دە ، ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ . ھەمدە سىلەرنىڭ بىرىڭلار دوزاخ ئەھلىنىڭ ئىش-ئەمىلىنى قىلىدۇ . تاكى ئۇنىڭغا كىرىشكە بىر گەز قالغاندا ، ئۇنىڭغا پۈتۈلگەن نەرسە غالىپ كىلىپ ، جەننەت ئەھلىنىڭ ئىش-ئەمىلىنى قىلىدۇ-دە ،ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ . [ بۇخارىي (3208)، مۇسلىم(2643) نەقىل قىلغان ]
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەرشنى كۆتۈرگۈچىلەر . ئاللاھ ئۇلار ھەققىدە مۇنداق دىگەن : « ظةرشنع كأتىرىص تذرغان ؤة ظةرشنعث حأرعسعدعكع صةرعشتعلةر صةرؤةردعضارعغا تةسبعه ظئيتعدذ، هةمدع ظئيتعدذ، ظذنعثغا ظعمان ظئيتعدذ، مأمعنلةرضة مةغصعرةت تعلةيدذ. (ظذلار ظئيتعدذ) صةرؤةردعضارعمعز! سئنعث رةهمعتعث ؤة ظعلمعث هةممة نةرسعنع ظأز ظعحعضة ظالعدذ، تةؤبة قعلغانلارغا ؤة سئنعث يولذثغا ظةضةشكةنلةرضة مةغصعرةت قعلغعن، ظذلارنع دوزاخ ظازابعدعن ساقلعغعن .
[ غافىر(كەچۈرگۈچى) : 7 ]
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى زىكرى( ئاللاھنى ئەسلەش) سورۇنلىرىنى ئىزدەپ ، زىمىندا ساياھەت قىلغۇچىلار . ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن :« ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى بار . ئۇلار زىكرى ئەھلىنى ئىزدەپ ، يوللارنى ئايلىنىپ يۈرىدۇ . ئۇلار ئاللاھنى تىلغا ئىلىۋاتقان كىشىلەرنى تاپقاندا ، ئۇلار باشقىلىرىنى چاقىرىپ : " سىلەر ئىچىرقاپ كەتكەن نەرسەڭلەرگە كىلىڭلار ! " دەيدۇ . ھەمدە ئۇلار قاناتلىرىنى دۇنيا ئاسمىنىغا كەرگەن ھالدا ئۇلارنى ئورىۋالىدۇ . پەرۋەردىگارى ئۇلاردىن ياخشىراق بىلىدىغان تۇرۇپ ، ئۇلاردىن سورايدۇ : بەندىلىرىم نىمە دەۋاتىدۇ ؟ ئۇلار : " ئۇلار سىنى ( شىرىك، ئەيىپتىن) پاك دەۋاتىدۇ ، سىنى ئۇلۇغلاۋاتىدۇ ، سىنى مەدھىيلەۋاتىدۇ ھەمدە سىنى مۇقەددەس دەۋاتىدۇ . ئۇ : ئۇلار مىنى كۆرۈپ باققانمۇ ؟ دەپ سورايدۇ . ئۇلار : " ياق ! ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، ئۇلار سىنى كۆرۈپ باقمىغان . " دەيدۇ . ئۇ : ئەگەر ئۇلار مىنى كۆرگەن بولسا قانداق بولاتتى ؟ دەپ سورايدۇ . ئۇلار : " ئۇلار سىنى كۆرگەن بولسا ، ئىبادەت قىلىشتا ، ۋە سىنى مەدھىيلەشتە تىخىمۇ قىزغىن ۋە قاتتىق بولغان بولاتتى ." دەيدۇ . ئۇ : ئۇلار مىنىڭدىن نىمىنى سوراۋاتىدۇ ؟ دەيدۇ . ئۇلار : " ئۇلار سىنىڭدىن جەننەتنى سوراۋاتىدۇ ." دەيدۇ . ئۇ : ئۇلار ئۇنى كۆرگەنمۇ ؟ دەيدۇ . ئۇلار : " ياق! ،ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، ئى پەرۋەردىگار ، ئۇلار ئۇنى كۆرمىگەن . " دەيدۇ . ئۇ : ئەگەر ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا قانداق بولاتتى . دەيدۇ . ئۇلار : " ئەگەر ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا ، ئۇنىڭغا تىخىمۇ ھىرىسمەن بولاتتى ، ئۇنى تىخىمۇ قاتتىق تەلەپ قىلاتتى ۋە ئۇنىڭغا تولىمۇ قىزىققان بولاتتى . " دەيدۇ . ئۇ : ئۇلار نىمىدىن پاناھلىق تىلەۋاتىدۇ ؟ دەيدۇ . ئۇلار : " دوزاختىن ." دەيدۇ . ئۇ : ئۇلار ئۇنى كۆرگەنمۇ ؟ دەيدۇ . ئۇلار : " ياق! ،ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، ئى پەرۋەردىگار ، ئۇلار ئۇنى كۆرمىگەن . " دەيدۇ . ئۇ : ئەگەر ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا قانداق بولاتتى . دەيدۇ . ئۇلار : " ئەگەر ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا ، ئۇنىڭدىن قاتتىق قاچقان ، ۋە ئۇنىڭدىن قاتتىق قورىققان بولاتتى . " دەيدۇ . ئۇ : مىنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولۇڭلاركى ، مەن ئۇلارنى كەچۈرۋەتتىم . پەرىشتىلەرنىڭ بىرى :" پالانى كىشى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەمەس ئىدى . ئۇ بۇ سورۇنغا باشقا سەۋەپلەر بىلەن كىلىپ قالغان . " دەيدۇ . ئۇ : ئۇلار بولسا سورۇنداش . ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى چىقىرۋىتىلمەيدۇ . دەيدۇ . » [ بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 6408 ]
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تاغلارغا مەسئۇل . ئائىشەدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئۇ پەيغەمبەرگە(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) : " سىزنىڭ بىشىڭىزغا ئۇھۇد كۈنىدىنمۇ ئىغىرراق بىر كۈن كەلگەنمۇ ؟ "دىدى . ئۇ : « مەن خەلقىڭنىڭ قولىدا ئازاپ تارىتتىم . مەن تارىتقان ئەڭ ئىغىر ئازاپ بولسا ئەقەبە كۈنىدىكى ئۇچرىغان ئازاپ . ئۇ چاغدا مەن ئىبنۇ ئابدۇ يالەيل بىن ئابدۇ كۇلالنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشقا باردىم . ئۇ مەن كۈتكەن نەرسىگە ئاۋاز قوشمىدى . شۇنىڭ بىلەن مەن قايغۇرغان ، ۋە ئۆزۈمنىڭ قەيەرگە كىتىۋاتقانلىقىمنى بىلمىگەن ھالدا ئايرىلدىم . مەن تاكى قەرنىس سەئالىبتا ئىكەنلىكىمنى بىلگۈچە ئەسلىگە كىلەلمىدىم . مەن بىشىمنى كۆتۈرسەم ، بىر بۇلۇت ماڭا سايە تاشلاپ تۇرۇپتۇ –دە قارىسام ، ئۇنىڭدا جەبرائىل تۇرۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىنى چاقىردى ۋە : " ئاللاھ خەلقىڭنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى ، ۋە ئۇلارنىڭ ساڭا قانداق جاۋاپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدى .ھەمدە ئۇ تاغلار پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى. شۇڭا سەن ئۇلارغا قارىتا نىمە قىلىشنى خالىساڭ ، ئۇنىڭغا دىسەڭ بولىدۇ . " دىدى . تاغلار پەرىشتىسى مىنى چاقىردى ۋە سالام قىلدى . ئاندىن : " ئى مۇھەممەد ، مىنى نىمە قىلدۇرۇشنى خالىساڭ ، ماڭا دىگىن . ئەگەر سەن خالىساڭ ، ئۇلارنى ئىككى تاغ ئارىسىغا ئىلىپ مىجىۋىتىمەن . " دىدى . پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىدى: مىنىڭ بارلىق ئۈمۈدۈم شۇكى ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ پۇشتىدىن ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان ، ئۇنىڭغا ھىچنىمىنى شىرىك قىلمايدىغان كىشىلەرنى چىقارغاي . [ بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 3231 ]
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دائىملىق زىيارەت قىلىنىدىغان ئۆي بەيتۇل مەئېمۇرنىڭ زىيارەتچىلىرى . پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئۇزۇن ئىسراۋە مىئېراج ھەدىيسىدە دىگەندەك : شۇنىڭ بىلەن بەيتۇل مەئېمۇرغا ئىلىپ چىقىلدىم-دە ، جەبرائىلدىن سورۇدۇم ، ئۇ : " بۇ بەيتۇل مەئېمۇر بولۇپ ، ئۇنىڭغا ھەر كۈنى 70 مىڭ پەرىشتە زىيارەت قىلىپ قايتىدۇ . ئۇلار بىر چىقسا ، قايتا كىرمەيدۇ . ئاندىن يەنە باشقا بىر گۇرۇپپا پەرىشتە كىلىدۇ .
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سەپ بولۇپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بولۇپ ، ئۇلار ھەرگىز چارچاپ قالمايدۇ ، ئۆرە تۇرغانلىرى ئولتۇرمايدۇ ، تازىم ۋە سەجدە قىلىپ تۇرغانلار بىشىنى كۆتۈرمەيدۇ . ئەبۇ زەردىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : مەن سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىنى كۆرىمەن ، سىلەر ئاڭلىمايدىغان نەرسىنى ئاڭلايمەن . ئاسمان ئاھ ئۇرغاندەك ئاۋاز چىقىرىدۇ . ئۇنىڭ شۇنداق ھەققى بار ( ياكى ھەيران قالارلىق ئەمەس) . چۈنكى ، ئۇنىڭدا ھەر تۆت بارماق ئارلىقتا بىر پەرىشتە بار بولۇپ ، ئۇلار ئۇلار پىشانىسىنى قويۇپ سەجدە قىلغان ھالەتتە تۇرىدۇ . ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلگەن بولساڭلار ، ئەلۋەتتە ئاز كۈلەتتىڭلار ، كۆپ يىغلايىتتىڭلار . ھەمدە ئاياللىرىڭلار بىلەن كۆرپىلەردە ئاز ھوزۇرلىناتتىڭلار ۋە ئاللاھقا يىلىنغان ھالدا كوچىغا چىقاتتىڭلار . [ سۇنەن تىرمىزىي ، 2312 ]
بۇ ، ئاللاھنىڭ ئىسىل پەرىشتىلىرى ھەققىدىكى ئىسلام تەلىماتىنىڭ خۇلاسىسى .
ئاللاھتىن بىزنى ئۇلار ھەققىدە ئىشىنىدىغان ، ئۇلارنى سۆيىدىغانلاردىن قىلىشىنى سورايمىز . ھەمدە ئاللاھ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدنى تەرىپلىسۇن .
 

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد