سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ۋىتىر نامىزىنىڭ دۇئاسىنى ئوقۇش ۋاجىپمۇ؟، ئەگەر ئۇ دۇئانى ياد بىلمىسە نېمە ئوقۇيدۇ؟

سۇئال

ۋىتىر نامىزىدا ئوقۇيدىغان دۇئانى ياد قىلىشتىن قىينىلىپ قالدىم، بەزى ۋاقىتتا ئۇ دۇئانىڭ ئورنىغا باشقا سۈرىلەرنى ئوقۇدۇم. ۋىتىردا قۇنۇت ئوقۇشنىڭ پەرىز ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ياد قىلىشقا ئۇرۇندۇم، ناماز ئارىسىدا قىبلىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ يېنىمدا قويۇلغان شېرەدىن دۇئا يېزىلغان كىتابچىنى ئىلىپ قاراپ ئوقۇدۇم، بۇنداق قىلىشىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

1- ۋىتىر نامىزىدا ئوقۇلىدىغان دۇئانى ياد بىلمىگەن كىشى بۇ دۇئانى تولۇق ياد قىلىپ بولغىچە كىتاپچىدىن ياكى قەغەزگە يېزىپ ئۇنىڭغا قاراپ ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ، ياد قىلىپ بولغاندىن كېيىن كىتابىغا قارىماستىن يادقا ئوقۇيدۇ، بۇ خۇددى قۇرئان كەرىمدىن كۆپ سۈرىلەرنى يادقا بىلمەيدىغان كىشىنىڭ نەپلە نامازلارنى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇسا دۇرۇسبولىدىغانلىقىغا ئوخشايدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: تەراۋىھ نامىزىدا قىرائەتنى قۇرئانغا قاراپ قىلسا توغرا بولامدۇ؟، بۇنىڭغا قۇرئان-ھەدىستىن دەلىل بارمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "مۇسۇلمانلارغا قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن رامىزاندا تەراۋىھ نامىزىنى قۇرئان كەرىمگە قاراپ ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى قۇرئان-ھەدىستىن ئىلىنغان شەرئى دەلىللەر نامازدا قۇرئان كەرىمدىن قىرائەت قىلىشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، قىرائەت قىلىش دېگەن سۆز ياد ئوقۇشنى ۋە قۇرئانغا قاراپ ئوقۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئىسپاتلانغان ئەسەردە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزىنىڭ خىزمەتچىسى زەكۋاننى رامزاندا تەراۋىھ نامىزىغا ئىمام بولۇشقا بۇيرىغان، زەكۋان قۇرئان كىرىمگە قاراپ ئوقۇپ كىشىلەرگە ئىمام بولغان. ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھبۇ ئەسەرنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى كەسكىن قىلىپ ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا باپقا ئالاقىدار قىلىپ كەلتۈرگەن. ["ئىسلام پەتىۋالىرى" ناملىق ئەسەر 2-توم 155-بەت].

2- ۋىتىر نامىزىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان دەلىل بويۇنچە قۇنۇت دۇئاسىنى ئوقۇش پەرز ئەمەس، بەلكى ناماز ئوقۇغۇچى بۇ دۇئاغا باشقا دۇئالارنى قېتىپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، ھەتتا قۇرئان كىرىمدىن دۇئا مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇسىمۇ بۇنىڭ بىلەن مەقسەت ھاسىل بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىلىشىڭىز كېرەككى، تاللانغان قاراشتا، ۋىتىر نامىزىدا ئايرىم ئوقۇلىدىغان دۇئا بېكىتىلمىگەن، بەلكى قايسى دۇئانى ئوقۇسا مەقسەت ھاسىل بولىدۇ،. قۇرئان كەرىمدىن دۇئانىڭ مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. ئەمما ئەڭ ئەۋزىلى ھەدىستە كۆرسىتىلگەن دۇئالارنى ئوقۇش كېرەك. [ئەزكار ئەننەۋەۋىي 50-بەت].

3 -سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىز ئۆزىنىڭ قۇنۇت دۇئاسىنىڭ ئورنىغا قۇرئان كەرىمدىن بەزى ئايەتلەرنى ئوقۇغانلىقىنى سۆزلىدى، بۇنداق قىلىش ئاساسەن توغرا بولمايدۇ، چۈنكى قۇنۇت ئوقۇشتىن بولغان مەقسەت دۇئا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇنۇت دۇئاسىنى ئوقۇش بىلەن بىرگە قۇرئان كەرىمدىن دۇئا مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:رَبَّنَا لَا تُزِغْ قُلُوبَنَا بَعْدَ إِذْ هَدَيْتَنَا وَهَبْ لَنَا مِن لَّدُنكَ رَحْمَةً، إِنَّكَ أَنتَ الْوَهَّابُ تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. شۈبھىسىزكى، سەن (بەندىلىرىڭگە ئاتالارنى) بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن. [سۈرە ئال- ئىمران 8-ئايەت].

4- سۇئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىز ۋىتىردا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى دەپ ئۆتتى، بۇ توغرا ئەمەس، چۈنكى قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇش سۈننەتتۇر. مۇشۇ قاراش بويۇنچە ۋىتىر ئوقۇغاندا قۇنۇت دۇئاسىنى ئوقۇمىسىمۇ ناماز توغرا بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: رامىزان كېچىلىرىدە ۋىتىر نامىزىدا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى قانداق؟، قۇنۇت دۇئاسىنى ئوقۇمىسىمۇ ناماز دۇرۇس بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ۋىتىر نامىزىدا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇش سۈننەت بولۇپ، بەزى ۋاقىتلاردا ئوقۇمىسا ھېچ گەپ يوق".

شەيختىن يەنە: ھەر كېچىسى ۋىتىر نامىزىدا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا سەلەپ ئالىملىرىدىن ئەسەر بايان قىلىنغانمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ مەسىلىدە ھېچ قىيىنچىلىق يوق، بەلكى ۋىتىر نامىزىدا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ۋىتىردا ئوقۇيدىغان قۇنۇت دۇئاسىنى تەلىم بەرگەندە، ئۇنى بۇ دۇئانى داۋاملىق ئوقۇشقىمۇ بۇيرۇمىغان ياكى بەزى ۋاقىتلاردا تەرك قىلىشقىمۇ بۇيرۇمىغان، بۇ ھەر ئىككى ئىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئىسپاتلانغان بايان قىلىنغان ئەسەردە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىدە ساھابىلارغا ئىمام بولۇپ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغان ۋاقىتتا، ئۇ بەزى كېچىلىرى ۋىتىر نامىزىدا قۇنۇت دۇئاسىنى ئوقۇمىغان، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرگە ۋىتىر نامىزىدا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇشنىڭ پەرز ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ["ئىسلام پەتىۋالىرى" 2-توم 159-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى