ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھاجىلارنى سۇغىرىدىغان بولغاچقا بۇ ئومۇمنىڭ خىزمىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەككىدە قونۇشىقا رۇخسەت قىلغان، شۇنىڭدەك پادىچىلارنىڭمۇ مىنانىڭ سىرتىدا قونۇشىغا رۇخسەت قىلغان، چۈنكى ئۇلار ئۇلاغلار بىلەن ھاجىلارنى يۆتكەيدۇ، ھازىرقى دەۋىردىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە رىئايە قىلىپ دوختۇر، ئوت ئۆچۈرۈش قىسىملىرىۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ مىنانىڭ سىرتىدا قونۇشى توغرا، چۈنكى كىشىلەر ئۇلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
ئەمما كېسەل ۋە سېستىرالار ۋە شۇلارغا ئوخشاش شەخسى ئۆزرىسى بولغانلارمۇ شۇلارغا ئوخشاش بولامدۇ؟دېگەن مەسىلىدە، ئۆلىمالار ئىككى تۈرلۈك قاراشتا بولغان، بەزى ئۆلىمالار: ئۇلارمۇ ئۆزرۈلۈك بولغاچقا يۇقىرىقىلارغا ئوخشاش رۇخسەت بېرىلىدۇ دەيدۇ. يەنە بەزى ئۆلىمالار:ئۇلار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كىشىلەرگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئۆزرىسى ئومومنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، بۇلارنىڭ ئۆزرىسى بولسا ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن شۇڭا بۇلارغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ دەيدۇ. مېنىڭچە، خۇسۇسىي ئۆزرىسى بولغان كىشىلەرمۇ ئومۇمى ئۆزرىسى بولغانلارغا قېتىلىدۇ، مەسىلەن: ئون بىر ۋە ئون ئىككىنچىكىچىلەردە كېسەل بولۇپ قالغان كىشى دوختۇرخانىدا يېتىشقا مەجبۇر بولسائۆزرۈلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن گۇناھ بولمايدۇ ھەم پىديەمۇ كەتمەيدۇ.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مەككىدە قونۇشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى، گەرچە ئۇنىڭ ئورنىدا ھاجىلارنى سۇغۇرۇشقا مەككىدە ھەجگە چىقمىغان باشقا كىشىلەر بولسىمۇ، بۇ مىنادا قونۇش ئىشىنىڭ يەڭگىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ،يەنى بۇنىڭ كەسكىن ۋاجىپ ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ھەتتا ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدا، مىنادا قونىدىغان كېچىلەردە مىنادا قونۇشنى تەرك قىلغان كىشىلەرگە پىدىيە كەلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالى بويىچە بەش-ئون رىيال ئەتراپىدا سەدىقە قىلىۋېتىدۇ دېيىلگەن".
ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار مەجمۇئەسى"23-توم 237-بەت