سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىنىڭ ئېھرامدىن قايسى ۋاقىتتا چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

ئېھرامدىن چىقىدىغان ۋاقىت قايسى؟ ئەگەر يالغۇز ھەجنىلا مەقسەت قىلغان كىشى بولسا، ئەرەپاتتىن يېنىپ، پەرز تاۋاپنى قىلىپ، ساپا-مەرۋە قىلىپ، چاچنى قىسقارتىپ ياكى تولۇق ئالدۇرغاندىن كېيىن ئېھرامدىن چىقسا، ئېھرامدىن تولۇق چىققان بولامدۇ؟ ياكى ئۈچ كۈن تەشرىق كۈنلىرىدە شەيتانلارغا تاشنى ئېتىپ بولغاندىن كېيىن تولۇق ئېھرامدىن چىققان بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھەج قىلغۇچى ئەر-ئاياللارنىڭ ئېھرامدىن تولۇق چىقىش ۋاقتى قۇربان ھېيت كۈنى چوڭ شەيتانغا تاشنى ئېتىپ ئەر كىشى چېچىنى قىسقارتىپ ياكى تولۇق ئالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن شۇنىڭدەك ئايالمۇ چېچىنى قىسقارتىپ بولغان كېيىن  ئۇلارغا نىسبەتەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن باشقا ئىلگىرى ئېھرامدا چەكلەنگەن بارلىق ئىشلار دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما مۇكەممەل ئېھرامدىن چىقىش بولسا، پەرىز تاۋاپنى ئادا قىلىپ، ساپا-مەرۋىنى سەئيى قىلىش كېرەك بولغانلار سەئيى قىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇكەممەل ئېھرامدىن چىققان بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا ئېھرامدا چەكلەنگەن ھېچ قانداق نەرسە چەكلەنمەيدۇ، ھەممە ئىش ھەتتا ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتمۇ دۇرۇس بولىدۇ.

    ئۆمرە پائالىيتىدە ئېھرامدىن چىقىش بولسا، ئەر-ئايال ئۈچۈن تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋە قىلىپ، ئەر كىشى چېچىنى قىسقارتىپ ياكى تولۇق ئالدۇرۇپ، ئايال كىشى چېچىنى قىسقارتىپ بولغاندىن كېيىن بولىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن ئۇلارغا ئېھرامدا چەكلەنگەن ھەممە نەرسە دۇرۇس بولىدۇ. ھەج-ئۆمرىگە بىر ئېھرام كىيىپ قىران ھەج قىلغۇچىمۇ ئېھرامدىن چىقىشتا يالغۇز ھەج قىلغۇچىغا ئوخشايدۇ.

     ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن. "ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى.

   شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غەديان ۋە شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد قاتارلىقلار. ["سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالىرى" 11-توم 222-223-بەتلەرگە قارالسۇن].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى