جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

نامازدا دۇئانىڭ ئورۇنلىرى

سۇئال

نامازدا دۇئا قىلىنىدىغان ئورۇنلار قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     دۇئانىڭ ئورنى نامازدا ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

    بىرىنچى تۈرى: نامازدا بىرقانچە ئورۇنلاردا دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئورۇنلاردا دۇئا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن دەلىللەر بايان قىلىنغان. بۇ ئورۇنلاردا ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۇزۇن دۇئا قىلىشى، ئۆزىنىڭ مۇتلەق ھاجىتى ۋە دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن كۆپلەپ سورىشى ياخشى كۆرۈلىدۇ.

    بىرىنچى ئورۇن: سەجدە قىلغاندا، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىنساننىڭ پەرۋەردىگارىغا ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقتى سەجدىدىكى ھالىتى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا دۇئانى كۆپ قىلىڭلار. [مۇسلىم رىۋايىتى 482-ھەدىس].

    ئىككىنچى ئورۇن: ئىككىنچى تەشەھھۇتتىن كېيىن ۋە سالام بېرىشتىن بۇرۇن بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا تەشەھھۇتنى تەلىم بېرىپ، ئاندىن ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: ئاندىن خالىغان نەرسىلىرىنى تاللاپ دۇئا قىلىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 5876-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 402-ھەدىس].

    ئۈچىنچى ئورۇن: ۋىتىر نامىزىدا قۇنۇت ئوقۇغاندا، بۇ توغرىدا ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا ۋىتىر نامىزىدا قونۇتتا دەيدىغان بىر قانچە سۆزلەرنى تەلىم بەردى: ئى ئاللاھ! مېنى سەن ھىدايەت قىلغانلار قاتارىدا ھىدايەتكە باشلىغىن، ماڭا سەن ساقلىق ئاتا قىلغانلار قاتارىدا ساقلىق ئاتا قىلغىن، مېنى سەن ھىمايە قىلغانلار قاتارىدا ھىمايە قىلغىن، بەرگەن نېمەتلىرىڭدە ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، سەن تەقدىر قىلغان ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن مېنى ساقلىغىن، ھەقىقەتەن سەن مۇتلەق خاھىش ئېگىسىسەن، ساڭا شېرىك بولغۇچى يوقتۇر، سەن ئەزىر قىلغان خارلانمايدۇ، سەن خورلىغاننى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ، ئى پەرۋەردىگارىم! سەن ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغىسەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى1425-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ"ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھى ھەدىسلىرى"توپلىمى 1281- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئىككىنچى تۈرى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقۇغان نامىزى سۈپەتلەنگەن ھەدىستە بۇ ئورۇنلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇئا قىلدى دەپ بايان قىلىنغان ئورۇنلار بولسىمۇ، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئورۇنلاردا دۇئانى ئۇزۇن قىلمىغان، بۇ ئورۇنلارنى دۇئا قىلىشقا خاسلاشتۇرمىغان ۋە مۇتلەق ھاجەتلىرىنى سوراپ دۇئا قىلىشقىمۇ رىغبەتلەندۈرمىگەن، ھەقىقەتتە ساناقلىق سۆزلەر بىلەن ئەسەردە كەلگەن گۈزەل ئىبارىلەر بىلەن دۇئا قىلغان، بۇ ئورۇنلاردا دۇئا قىلىش مۇتلەق دۇئا قىلىشقا ئالاقىدار بولغان زىكىرلەرگە ئوخشايدۇ.

   بىرىنچى ئورۇن: ناماز باشلاش تەكبىرىدىن كېيىن پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان نامازنى باشلاش دۇئاسى.

   ئىككىنچى ئورۇن: رۇكۇ قىلغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇ قىلغاندا: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز سېنى بارلىق نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، بارلىق گۈزەل ماختاشلار ساڭا خاستۇر، ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، دەيتتى. [بۇخارى رىۋايىتى761-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 484 –ھەدىس].

    ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا، "رۇكۇدا دۇئا قىلىشنىڭ بابى" دېگەن بۆلۈمدە كەلتۈرگەن.

    ئۈچىنچى ئورۇن: رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن، بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋپا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە مۇنداق دەيتتى: پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەر تولغۇچە ۋە سەن ياراتقان ۋە يارىتىلىدىغان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ سانىچە ھەمدۇ-سانا ئېيتىمەن، ئى ئاللاھ! مېنى قار بىلەن، مۆلدۈر بىلەن ۋە سوغۇق سۇ بىلەن پاك قىلغىن، ئاق كىيىمنى كىردىن پاك قىلغاندەك، مېنى گۇناھ ۋە خاتالىقلاردىن پاك قىلغىن. [مۇسلىم رىۋايىتى476 – ھەدىس].

    تۆتىنچى ئورۇن: ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا مۇنداق دەيتتى: ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى ياخشى ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلغىن، مېنى توغرا يولغا باشلىغىن، ماڭا كەڭرىي رىزىق ئاتا قىلغىن. [تىرمىزى رىۋايىتى284-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ساھىب ئەتتەتىممە" مۇنداق دەيدۇ: پەقەت بۇ دۇئانى قىلىش كېرەك ئەمەس بەلكى قايسى دۇئانى قىلسا سۈننەت ھاسىل بولىدۇ، لېكىن ھەدىستە بايان قىلنغان دۇئانى قىلىش ياخشىدۇر". ["ئەلمەجمۇئ"3-توم 437-بەت].

    قىيامدا قىرائەت ئارىسىدا دۇئا قىلىش توغرىسىدىمۇ ئەسەرلەر كەلگەن، بۇ توغرىدا كەلگەن دەلىل نەپلە ناماز توغرىسىدا بولۇپ، بەزى ئۆلىمالار نەپلە نامازدا كەلگەنلىكىكە ئاساسلىنىپ پەرز نامازدا ئوقۇسىمۇ بولىدۇ دېگەن.

   بۇ توغرىدا ھۈزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ناماز ئوقۇغان بولۇپ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەھمەت توغرىسىدىكى ئايەتنى ئوقۇسا توختاپ ئاللاھدىن رەھمەت تىلەيتتى، ئازاب توغرىسىدىكى ئايەتنى ئوقۇسا، توختاپ ئاللاھقا سېغىناتتى دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 871-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    مۇسۇلمانلارغا بىرەر مۇسىبەت- قېيىنچىلىق يەتكەندە قۇنۇت دۇئاسىدا ئوقۇيدىغان دۇئالار بولۇپ بۇ ۋاقىتتا چۈشكەن مۇسىبەتكە مۇناسىپ دۇئا قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ باشقا دۇئالارنى قىلسىمۇ بولىدۇ.

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نامازنىڭ ئىچىدە دۇئا قىلغان ئورۇنلىرى ئالتە ئورۇن بولۇپ، بۇنىڭغا يەنە ئىككى ئورۇن قېتىلغان:

   بىرىنچى: ناماز باشلاش تەكبىرىدىن كېيىن. بۇ توغرىدا بۇخارى ۋە مۇسلىمدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى ئاللاھ! مەن بىلەن خاتالىقلىرىمنىڭ ئارىسىنى مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىدەك ئۇزاق قىلغىن.... دېگەن دۇئاسى.

    ئىككىنچى: رۇكۇدىن تۇرغاندا، ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ئىبنى ئەبى ئەۋپا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە: سەن ياراتقان ۋە يارىتىلىدىغان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ سانىچە ھەمدۇ-سانا ئېيتىمەن، ئى ئاللاھ! مېنى قار بىلەن، مۆلدۈر بىلەن ۋە سوغۇق سۇ بىلەن پاك قىلغىن دېگەن دۇئا.

    ئۈچىنچى: رۇكۇدا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز سېنى بارلىق نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، بارلىق گۈزەل ماختاشلار ساڭا خاستۇر. ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، دەيتتى. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

    تۆتىنچى: سەجدە قىلغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەجدە قىلغاندا كۆپ دۇئا قىلاتتى ۋە ساھابىلارنىمۇ كۆپ دۇئا قىلىشقا بۇيرۇيتتى.

    بەشىنچى: ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا، ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن.

   ئالتىنچى: تەشەھھۇتتا.

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇنۇتتىمۇ دۇئا ئوقۇيتتى، قىرائەت قىلغاندا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەھمەت توغرىسىدىكى ئايەتنى ئوقۇسا توختاپ ئاللاھدىن رەھمەت تىلەيتتى، ئازاب توغرىسىدىكى ئايەتنى ئوقۇسا، توختاپ ئاللاھقا سېغىناتتى. [پەتھۇل بارى 11-توم 132-بەت].

    نامازدا دۇئا قىلىش زىكىر قىلىنغان ئورۇنلاردىن سەجدە قىلغاندا ۋە ئاخىرقى تەشەھھۇتتىن كېيىن مۇتلەق دۇئا قىلىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نامازدىكى دۇئانىڭ ئورۇنلىرى سەجدە ۋە تەشەھھۇتتىن ئىبارەتتۇر". ["پەتھۇل بارى"2-توم 318-بەت].

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نامازدا دۇئانىڭ ئورنى سەجدە ۋە ئاخىرقى تەشەھھۇتتا سالامدىن ئىلگىرى دۇئا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر". ["ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى"8-توم 310-بەت].

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى