جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

تەكلىپى ھۆكۈملەر ۋە ئۇنىڭ مىساللىرى

سۇئال

پەرز، مۇستەھەپ، دۇرۇس، مەكرۇھ (قىلىش ياخشى كۆرۈلمەيدىغان) ۋە ھارام (قىلىش چەكلەنگەن) مۇشۇ تۈرلەرنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم-ئايرىم مىسال بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: پەرز دېگەن: شەرىئەتتە مەجبۇرىيەت بويىچە قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىش. ئۇنىڭ مىسالى: بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇش، رامىزان روزىسى تۇتۇش، ئىقتىسادى بولسا زاكات بېرىش، قۇدرىتى يەتسە ھەج قىلىش قاتارلىقلار.

    ۋاجىپ دېگەن: پەرز، مەجبۇرىيەت، ئۆزگەرمەس ھۆكۈم دېيىلىدۇ، بۇنى تولۇق ئادا قىلغۇچىغا ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ، تەرك قىلغۇچى جازاغا لايىق بولىدۇ.

    ئىككىنچى: ياخشى ئىش. بۇ شەرىئەتتە بۇيرۇلغان لېكىن مەجبۇرىيەت ۋە كەسكىنلىك يولىغا ئاساسەن ئەمەس. بۇنىڭ مىسالى: كېچىلىك ناماز ئوقۇش، كۈندىلىك نامازلارنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇش، بەش ۋاقىت نامازدىن باشقا نەپلە نامازلارنى ئوقۇش، ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش، پېقىر-مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىش، كۈندىلىك ۋە ئەتتىگەنلىك-كەچلىك زىكىر-دۇئالارنى تولۇق ئادا قىلىش قاتارلىقلار.

    ياخشى ئىش دېگەن: مۇستەھەپ، سۈننەت، نەپلە دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنى ئادا قىلغان كىشى ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ، تەرك قىلغان كىشى جازاغا تارتىلمايدۇ.

    ئۈچىنچى: ھارام ياكى چەكلەنگەن ياكى ھەزەر ئەيلەيدىغان ئىش، ئۇ بولسىمۇ شەرىئەتتە قىلماسلىق كەسكىنلىك يولىغا ئاساسەن بۇيرۇلغان چەكلەنگەن ئىشتۇر. بۇنىڭ مىسالى: زىنا قىلىش، جازانىخورلۇق، ھاراق ئېچىش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، ئەرلەرنىڭ ساقالنى چۈشۈرۈشى، ئاياللارنىڭ ئوچۇق كىيىنىشى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ ئىشلارنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ تەرك قىلغانلارغا ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ، پەرۋا قىلماي قىلغانلار جازاغا لايىق بولىدۇ.

تۆتىنچى: مەكرۇھ (ياخشى كۆرۈلمەيدىغان ئىش): ئۇ شەرىئەتتە چەكلەنگەن لېكىن قىلماسلىق كەسكىنلىك يولىغا ئاساسەن ئەمەس. بۇنىڭ مىسالى: بىر نەرسىنىڭ سول قولى بىلەن ئېلىش ۋە بېرىش، ئاياللارنىڭ جىنازىغا ئەگىشىشى، خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن بىھۇدە سۆز قىلىش، دولىسى ئوچۇق بىرلا كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇش، بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ كۈن چىققانغا قەدەر، ئەسىر نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ كۈن پاتقۇچە بولغان ئارىلىقتا سەۋەبسىز نەپلە ناماز ئوقۇش قاتارلىقلار.

    مەكرۇھ(ياخشى كۆرۈلمەيدىغان ئىشنى) تەرك قىلغان كىشى ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ، قىلغان كىشى جازاغا لايىق بولمايدۇ.

    بەشىنچى: مۇباھ ياكى ھالال ياكى دۇرۇس، بۇ، ھېچ قانداق بۇيرۇق-چەكلىمىگە ئالاقىدار بولمىغان ئىش. بۇنىڭ مىسالى: يېمەك-ئىچمەك، سودا-سېتىق، ساياھەت قىلىش، رىزىق تەلەپ قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلىش، رامزاننىڭ كېچىلىرىدە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىش قاتارلىقلار.

    دۇرۇس دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈشتە "ئۆزى دۇرۇس بولۇش" دېگەنگە ئالاقىدار قىلدى، چۈنكى ئىش ئۇنىڭدىن سىرتقى ئىشلارغا ئالاقىدار بولغاندا ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئىش بۇيرۇلغان ياكى چەكلەنگەن ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

    سۇ سېتىش ياكى  سېتىۋېلىش ئەسلىدە توغرا ئىش بولسىمۇ لېكىن پەرز ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئىلىش شۇ سۇغا ئالاقىدار بولۇپ قالسا ئۇ ۋاقىتتا سۇنى سېتىۋېلىش پەرز بولىدۇ، چۈنكى پەرز ئۇنىڭ بىلەن تامام بولىدىغان ئىشمۇ پەرز بولىدۇ.

    سەپەر قىلىش-ساياھەت قىلىش ئەسلىدە دۇرۇس ئىش بولسىمۇ لېكىن پىسق-پۇجۇر، پىتنە-پاسات، ناچار-چەكلەنگەن ئىشلار يامراپ كەتكەن كاپىرلارنىڭ دىيارلىرىغا سەپەر قىلىش-ساياھەت قىلىش چەكلىنىدۇ، چۈنكى بۇ سەپەر چەكلەنگەن ئىشلارنى سادىر قىلىشقا سەۋەپ بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

   بۇ ھەقتە بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھنىڭ "رەۋزەتۇن نازىر ۋە جەننەتۇل مەنازىر" ناملىق ئەسىرى 1-توم 150-210-بەتكىچە، زەركىشىنىڭ"بەھرۇل مۇھىيت"1-توم 140-240-بەتكىچە، ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ"شەرھىل ئۇسۇل مىن ئىلمىل ئۇسۇل" 46-68-بەتكىچە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى