بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ئىمام رۇكۇ قىلىۋاتقان ھالەتتە نامازغا كىرگەن كىشى ئۈچۈن ئۈچ تۈرلۈك ھالەت بولىدۇ:
1-ئۆرە تۇرغان ھالەتتە نامازغا كېرىش تەكبىرىنى ئېيتىدۇ، ئاندىن ئىمام رۇكۇ قىلغان ھالەتتە رۇكۇ قىلىدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئۇ كىشى ئىمام بىلەن بىر رەكئەتكە ئۈلگۈرگەن بولىدۇ.
2- ئىمام رۇكۇدا بولغان ھالەتتە ئۆرە تۇرۇپ نامازغا كېرىش تەكبىرىنى ئېيتىدۇ، لېكىن ئۇ كىشى ئىمام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن رۇكۇ قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى ئىمام بىلەن بىر رەكئەتكە ئۈلگۈرگەن بولمايدۇ، ئۈلگۈرمىگەن ئۇ رەكئەتنى تولۇقلاپ ئادا قىلىدۇ.
3- ئۆرە تۇرغان ھالەتتە نامازغا كېرىش تەكبىرىنى ئېيتماستىن بىۋاستە رۇكۇ قىلىدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئۇ كىشىنىڭ نامىزى ناماز بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى نامازغا كېرىش تەكبىرىدىن ئىبارەت نامازنىڭ ئاساسلىق بىر پەرزىنى تەرك قىلدى. پىقھى ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «نامازدا رۇكۇغا ئۈلگۈرگەن كىشى بىر رەكئەتكە ئۈلگۈرگەن بولىدۇ» دېگەن بۇ ھەدىسىگە ئاساسەن ئىمامنى رۇكۇدا تاپقان كىشى بىر رەكئەتكە ئۈلگۈرگەن بولىدۇ دېگەن قاراشقا بىرلىككە كەلگەن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد بايان قىلغان. شەيخ ئەلبانى" ئىرۋائۇل غەلىيل"دە 496-نومۇردا سەھىھ دەپ 262-بەتتە مۇنداق دېگەن: ساھابىلاردىن بولغان بىر بۆلەك كىشىلەرنىڭ قىلغان ئەمىلى بۇ ھەدىسنى كۇچلاندۇرىدۇ:
بىرىنچى: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئىمامنى رۇكۇ قىلغان ھالەتتە تاپمىغان كىشى ئۇ رەكئەتكە ئۈلگۈرەلمىگەن بولىدۇ» بۇ ئەسەرنىڭ ئىسنادى سەھىھدۇر.
ئىككىنچى: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «سەن ئىمام رۇكۇ قىلىۋاتقان ۋاقىتتا كەلسەڭ، ئىمام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈشتىن ئىلگىرى ئىككى قولۇڭنى ئىككى تېزىڭغا قويىۋالساڭ شۇ رەكەتكە ئۈلگۈرگەن بولدۇڭ».
ئۈچىنچى: زەيد بىن سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈشتىن ئىلگىرى رۇكۇغا ئۈلگۈرگەن كىشى شۇ رەكئەتكە ئۈلگۈرگەن بولدى». بۇ ئەسەرنىڭ ئىسنادى ياخشى. "كۇۋەيت پىقھى توپلاملىرى" 23-توم 133-بەت. [ئىبنى قۇدامىنىڭ "ئەلمۇغني" ناملىق ئەسىرى 1-توم 298-بەت].