چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

رامىزاننىڭ كۈندۈزدە ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ ئۇنىڭ كاپارىتىگە روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىغان كىشىنىڭ قانداق كاپارەت بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە يولدىشى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئايالغا، ئۇ ئايال ئايلىق ئادىتى ۋە باشقا سەۋەبلەردىن ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىسا، قانداق كاپارەت كېتىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش بولسا، روزىنى بۇزۇۋېتىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنداق قىلغان كىشى خاتا قىلمىشىغا كاپارەت بېرىش بىلەن بىرگە شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ كەچۈرۈم سورايدۇ.

    بۇنىڭ كاپارىتى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە بولىدۇ: 1-قۇل ئازاد قىلىدۇ. 2-ئەگەر ئازات قىلىدىغانغا قۇل تاپالمىسا، ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتىدۇ. 3-ئەگەر ئۇنداق قىلىشقا قادىر بولالمىسا، ئاتمىش مىسكىنگە تويغۇدەك تاماق بېرىدۇ.

    بىر كاپارەتتىن يەنە بىر كاپارەتكە سەۋەپسىز يۆتكۈلۈش توغرا بولمايدۇ، پەقەت ئۇنى ئادا قىلىشقا قادىر بولالمىغاندا ئاندىن يەنە بىر كاپارەتكە يۆتكەلسە بولىدۇ.

    بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 106532- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: ئەگەر ئايال كىشى جىنسى مۇناسىۋەت قىلىنغان ھالەتتە مەجبۇرلىنىش بىلەن ئۈزۈرلۈك بولسا ياكى ئۇنتۇپ قىلىش ياكى رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلمەيدىغان بولسا، ئۇ ئايالغا گۇناھمۇ بولمايدۇ ۋە كاپارەتمۇ كەتمەيدۇ.

    جىنسى مۇناسىۋەتكە مەجبۇرلانغان ئايالنىڭ شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆلىمالار ئىختىلاپ قىلىشقان بولسىمۇ، ئەمما شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ دېگەن ئۆلىمالارنىڭ قارىشىغا رىئايە قىلىش بىلەن ئېھتىياتەن شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش ياخشىدۇر.

    ئەمما ئايال جىنسى مۇناسىۋەتتە مەجبۇرلانماستىن ئېرىگە ماسلاشقان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئۆزرىسى بولمايدۇ، كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشى بويىچە كاپارەت ئادا قىلىش بىلەن روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ. بۇ مەسىلىدە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 106432- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئۈچىنچى: ئايال سالامەتلىك تەرەپتىن روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىسا، ئۆتەيدىغان كاپارىتى: ئايال ئۆز يېنىدىن ئىقتىساد چىقىرىپ ئاتمىش مىسكىنگە تويغۇدەك تاماق بېرىدۇ، ياكى پۇلنى ئۆزى چىقىرىپ تاماق بېرىشكە يولدىشىنى ۋەكىل قىلسىمۇ بولىدۇ.

    دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە جىنسى مۇناسىۋەت قىلغانلىقنىڭ كاپارىتى، ئىلگىرىكى تەرتىپ بويىچە بولىدۇ، قۇل ئازاد قىلىشتىن ئاجىز كەلگەندە ئاندىن روزا تۇتىدۇ، روزا تۇتۇشتىن ئاجىز كەلگەندە ئاندىن مىسكىنلەرگە تاماق بېرىش كېرەك بولىدۇ. ئەگەر روزا تۇتۇش ۋە قۇل ئازاد قىلىشقا قادىر بولالماي، تاماق بەرمەكچى بولغاندا، روزا تۇتقان ئاتمىش مىسكىنگە شۇ يۇرت خەلقى ئوزۇقلىنىدىغان ئوتتۇراھال يېمەكلىكتىن تويغۇدەك ئىپتارلىق بەرسە بولىدۇ، بىر قېتىم ئۆزى ئۈچۈن بېرىدۇ، يەنە بىر قېتىم ئايالى ئۈچۈن بېرىدۇ، ياكى ئاتمىش مىسكىنگە بىراقلا ئۆزى ئۈچۈن بىر سا(ئۈچ كىلو) ۋە ئايالى ئۈچۈن بىر سا(ئۈچ كىلو)دىن يېمەك بەرسىمۇ بولىدۇ". ["دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى"9-توم 245-بەت].

    تۆتىنچى: ئايال كاپارەت روزىسىنى باشلىغاندىن كېيىن ئادەت كۆرۈپ قالسا، بۇ كاپارەت روزىسىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا داۋاملىشىشىنى ئۈزۈپ قويمايدۇ، بەلكى ئادەت كەلگەندە روزا تۇتمايدۇ، پاك بولغاندىن كېيىن روزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىككى ئاينى تولۇقلايدۇ، چۈنكى ئادەت كۆرۈش دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ ئادەم ئەۋلادلىرىدىن قىزلارغا پۈتۈۋەتكەن ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، بۇنىڭدا ئايالنىڭ ھېچ ئىشى يوق، بۇ ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدۇر. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 82394- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

  مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن: ھەر ئايدا ئايلىق ئادىتىنىڭ كېلىشى ياكى قىيىنچىلىقتىن ئەنسىرىشى روزا تۇتۇشنى تەرك قىلىپ مىسكىنلەرگە تاماق بېرىشكە يۆتكىلىدىغان سەۋەپ ۋە شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئۈزۈر ھېسابلانمايدۇ، بەلكى ئادەت كەلسىمۇ پاك بولغاندىن كېيىن روزا تۇتۇش كېرەك بولىدۇ، روزا تۇتۇشنىڭ زۆرۈرلىكى پەقەت روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىغاندا ئەمەلدىن قالىدۇ.

   ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى