بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: فايىسبوك قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا تارقىتىلغان بەزى ئۈچۈرلاردا، بىرەر كىشىنى قارىشىڭىزنى يېزىشىڭىز كېرەك، دېيىش توغرا بولمايدۇ، بۇ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن توغرا شەكىلدە پايدىلىنىش ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىن ئىلىم-مەرىپەت، ياخشى خەۋەر قاتارلىقلارنى تارقىتىش ئارقىلىق پايدىلىنىش توغرا بولىدۇ. بۇ توغرىدا 101317- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردۇق.
كىشىلەرنى قورقۇتۇش ۋە پىكىر يازمىغانلارنى شەيتاننى ياخشى كۆرىدۇ دېيىش توغرا ئىش ئەمەس. كىشىلەرگە بۆھتان قىلىش، ئاللاھ بارىسىدا ئىلىمسىز سۆز قىلىش، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى قىلىڭلار دەپ بېكىتمىگەن بىر ئىشنى بېكىتىشتىن ئىبارەتتۇر. بىر ئىنساننى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىگە سۇبھانەللاھ، ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىگە ئاللاھۇ ئەكبەر دەيسىز دېيىش توغرا پىكىر ئەمەس.
ئاللاھ تائالا ئىلىمسىز سۆز قىلغانلارنى سۆكۈپ مۇنداق دەيدۇ: قُلْ إِنَّمَا حَرَّمَ رَبِّيَ الْفَوَاحِشَ مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَمَا بَطَنَ وَالْإِثْمَ وَالْبَغْيَ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَأَنْ تُشْرِكُوا بِاللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَانًا وَأَنْ تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: ئۇلارغا سۇ ئاپىتىنى، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان (بالالىرىنى) روشەن مۆجىزىلەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. (ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا) ئۇلارنىڭ گەدەنكەشلىكى يول قويمىدى، ئۇلار گۇناھكار قەۋم بولدى. [سۈرە ئەئراپ 33-ئايەت].
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنداق قىلغان كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان توغرا يول: ئالدى بىلەن ئۇ كىشىگە نەسىھەت قىلىش، ئەگەر نەسىھەت ئاڭلىمىسا ئۇ كىشى تەرىپىدىن چېقىرىلغان نەرسىلەرگە قارىماسلىق ياكى ئۇنىڭ يازمىسىنى سەھىپىدىن چەكلەش كېرەك.
ئىككىنچى: ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى يېزىلغان ئۆسۈملۈك ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى يېزىلغان قوي قاتارلىق نەرسىلەرنى چىقىرىش بىلەن مەغرۇرلىنىپ كەتمىسۇن، چۈنكى ئۇ نەرسىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ھەقىقىتى يوق، ھەقىقەتەن بۇنداق نەرسىلەرنى بۇنىڭغا ئىشىنىدىغان مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلدىغان ھەسەتخور كىشىلەر قىلىدۇ ياكى يالغان ئارقىلىق ياخشىلىقنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلغۇچىلار قىلىدۇ. خۇددى بۇ ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئۆز قارىشىدا كىشىلەرنى ياخشىلىققا رىغبەتلەندۈرىمىز دەپ يالغان ھەدىس توقۇغىنىغا ئوخشايدۇ.
ئېلان، ئۇچۇر ۋە خەۋەر تارقىتىش قاتارلىق ئىشلاردا شەرئى پرىنسىپقا ئەگىشىش كېرەك، پەقەت ئىشەنچىلىك كىشىلەردىن نەقىل قېلىنغانغا ئېشىنىش كېرەك، نەقىل قىلغۇچىنىڭ سەمىمىيتى ۋە راستچىللىقى تەكىتلەنگەندىن كېيىن ئۇ ئۇچۇرلارنى كىشىلەرگە تارقىتىش كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىنسان ئۈچۈن ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسىنى سۆزلەشنىڭ ئۆزى يېتەرلىك گۇناھتۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ ھەدىسنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: بۇ باپتا بايان قىلىنغان ھەدىس ۋە ئەسەرلەرنىڭ مەنىسىگە كۆرە، ئىنساننى ئاڭلىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەشتىن چەكلەيدۇ، چۈنكى ئىنسان دېگەن ئادەتتە راستنىمۇ ۋە يالغاننىمۇ ئاڭلايدۇ، ئەگەر ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسىنى سۆزلىسە، بولمىغان نەرسىدىنمۇ خەۋەر بەرگەن بولىدۇ". [نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى].
ئاشۇ خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا، بۇ ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە زىكىر قىلغان مۇنۇ ئايەتنىڭ جۈملىسىگە كېرىدۇ: سَنُرِيهِمْ آَيَاتِنَا فِي الْآَفَاقِ وَفِي أَنْفُسِهِمْ حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُ الْحَقُّ أَوَلَمْ يَكْفِ بِرَبِّكَ أَنَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ تەرجىمىسى: ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغىچە، (ئاسمان ـ زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ؟. [سۈرە پۇسسىلەت 53-ئايەت].
بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن 107775- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.