سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

قۇربان ھېيت كۈنىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

سۇئال

زۇلھەججىنىڭ ئونىنچى كۈنىنىڭ ئايرىم ئالاھىدىلىكلىرى بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەن ۋاقىتتا، مەدىنە خەلقى ئىككى كۈن بايرام قىلاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئاللاھ تائالا سىلەرگە بۇ ئىككى كۈننىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىن ياخشى بولغان روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنىنى ئالماشتۇرۇپ بەردى، دېدى. [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى1134-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2021- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن. ئاللاھ تائالا بۇ ئۈممەتكە ئۇلارنىڭ ئويۇن-تاماشا قىلىدىغان ئىككى كۈنىگە، زىكىر ئېيتىدىغان، شۈكرى قىلىدىغان، مەغپىرەت تەلەپ قىلىدىغان ۋە ئەپۇ سورايدىغان ئىككى كۈننى ئالماشتۇرۇپ بەردى.

دۇنيادا مۆمىنلەر ئۈچۈن ئۈچ كۈن ھېيت بولىدۇ: ھەر ھەپتىدە تەكرارلىنىدىغان ھېيت، تەكرارلانماستىن ھەر يىلدا بىر قېتىمدىن كىلىدىغان ھېيتتىن ئىبارەت.

ھەر ھەپتىدە تەكرارلىنىدىغان ھېيت بولسا جۈمە كۈنىدىن ئىبارەت.

تەكرارلانماستىن ھەر يىلدا بىر قېتىمدىن كىلىدىغان ھېيت بولسا، بىرى رامىزان روزىسىدىن كېيىن كىلىدىغان روزا ھېيت بولۇپ، ئۇ رامىزان روزىسىنى تاماملاش بىلەن بولىدۇ. روزا بولسا ئىسلامنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىلىرىنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىگە پەرز قىلىنغان رامىزان روزىسىنى تاماملىغان ۋاقىتتا، ئاللاھ تائالاغا ئۇلارنىڭ رامىزان روزىسىنى تاماملىشىغا ئۇلاشتۇرۇپلا ئۇلارنىڭ توپلۇشۇپ ئاللاھ تائالاغا شۈكرى ئېيتىش، زىكىر ئېيتىش، رامىزان روزىسىغا مۇۋەپپەق قىلىنغانلىقى ئۈچۈن تەكبىر ئېيتىپ ئۇلۇغلىشى ئۈچۈن ھېيت نامىزى ۋە پىتىر سەدىقىسىنى يولغا قويدى.

ئىككىنچىسى قۇربان ھېيت بولۇپ، بۇ زۇلھەججىنىڭ ئونىنچى كۈنى، بۇ ئىككى ھېيتنىڭ ئەۋزىلى ۋە كاتتاراقى، بۇ كۈن ھەج ئىبادىتىنىڭ تاماملىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇسۇلمانلار ھەج ئىبادىتىنى كامىل ئادا قىلسا ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

ھەج ئىبادىتى ئەرەفات كۈنى ئەرەفات مەيدانىدا تۇرۇش بىلەن مۇكەممەل بولىدۇ، چۈنكى ئەرەفات مەيدانىدا تۇرۇش بولسا ھەجنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەج ئەرەفاتتا تۇرۇش بىلەن بولىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى889-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ ئىرۋائۇل غەلىل ناملىق ئەسەر1064-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئەرەفات كۈنى بولسا دوزاختىن ئازات قىلىنىدىغان كۈن بولۇپ، بۇ كۈندە ئاللاھ تائالا ئەرەفات مەيدانىدا تۇرغان ۋە دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنى دوزاختىن ئازات قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەفات كۈنىگە ياندىشىپ كەلگەن كۈن ھەج پائالىيىتىگە ھازىر بولغان ياكى ھازىر بولمىغان بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بايرام كۈنىدۇر. بۇ كۈندە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە يېقىنلىشىشى ئۈچۈن قان ئېقىتىپ قۇربانلىق قىلىشى يولغا قويۇلغاندۇر.

بۇ كۈننىڭ پەزىلىتىنى تۆۋەندە ئىخچاملاشتۇرۇپ بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

1-بۇ كۈن ئاللاھ ھوزۇرىدا كۈنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "زادۇل مەئاد ناملىق ئەسەرنىڭ 1-تومى 54-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا كۈنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى قۇربان ھېيت كۈنى بولۇپ، بۇ چوڭ ھەج كۈنىدۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا كۈنلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى قۇربان ھېيت كۈنىدۇر. [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى 1765 – ھەدىس]. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.

2- قۇربان ھېيت كۈنى چوڭ ھەج كۈنىدۇر.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەج قىلغان يىلى قۇربان ھېيت كۈنىدە شەيتانغا تاش ئاتىدىغان ئورۇندا تۇرۇپ: «بۇ چوڭ ھەج كۈنىدۇر،» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى1742-ھەدىس. چۈنكى ھەج پائالىيىتىدە ئادا قىلىنىدىغان ئاساسلىق پائالىيەتلەر بۇ كۈندە ئادا قىلىنىدۇ. بۇ كۈندە ھاجىلار تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىدۇ:

ئا-چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىش.

ب-قۇربانلىق قىلىش.

ج- چاچنى تولۇق ئالدۇرۇش ياكى تەكشى قىسقارتىش.

د-پەرز تاۋاپنى قىلىش.

ھ- ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش.

3-بۇ كۈن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت (بايرام) كۈنىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەرەفات كۈنى، قۇربان ھېيت كۈنى ۋە تەشرىق كۈنلىرى (يەنى زۇلھەججىنىڭ 11-12-13-كۈنلىرى) ئىسلام ئەھلىنىڭ ھېيت كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنلەر يېمەك-ئىچمەك كۈنلىرىدۇر،دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى773-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى