ئىلگىرى بىز 36863-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئەدەپلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق، تۆۋەندە زىيارەت جەريانىدا يۈز بېرىدىغان بەزى خاتالىقلار توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىمىز:
1- خاتالىق. كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ كېسىلىمگە شىپالىق ئاتا قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ قەرزىمنى ئادا قىلىپ قويسىلا، مېنىڭ ئاللاھقا يېتىشتىكى ۋەسىلەم، مېنىڭ ھاجىتىمنىڭ ئېشىكى دېگەندەك شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان سۆزلەر بىلەن مەدەت تىلەش، ياردەم سوراش قاتارلىقلار، بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەردىكى ھەققى بولغان تەۋھىد قارىشىغا زىت كېلىدۇ.
2-خاتالىق. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنىڭ ئالدىدا ئوڭ قولىنى چەپ قولىنىڭ ئۈستىگە ئىلىپ كۆكسىدە ياكى كىندىكىنىڭ ئۈستىدە قويۇپ نامازدا تۇرغاندەك تۇرۇش بولۇپ، بۇنداق قىلىش چەكلىنىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىن باشقا جايدا، بۇنداق ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، بىچارىلىق بىلەن ئىبادەت قىلغاندەك ھالەتتە تۇرۇش توغرا بولمايدۇ.
3-خاتالىق. قەبرىنىڭ يېنىدا ئېگىلىش، سەجدە قىلىش ۋە ئاللاھ تائالادىن باشقا كىشىگە قىلسا توغرا بولمايدىغان ئىشلارنى قىلىش. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنسانغا سەجدە قىلىشى توغرا بولمايدۇ. [ئىمام ئەھمەد 3-توم 158-بەتتە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ تەرغىب (1936، 1937) ۋە ئىرۋائۇل غەلىيل(1998) دا كەلتۈرگەن.
4-خاتالىق. قەبرىنىڭ يېنىدا ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش ياكى قەبرىنىڭ يېنىدا دۇئا قىلىشنى ياخشى دەپ قاراش، بۇنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەن، بۇ شېرىككە سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن، ئەگەر قەبرىستانلىقتا ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا دۇئا قىلىش ياخشى، توغرا بولغان بولسا، ئەلۋەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى بۇنداق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرەتتى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممەتنى جەننەتكە يېقىنلاشتۇرىدىغان ھەممە ياخشىلىققا رىغبەتلەندۈرگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق قىلىشقا بۇيرىمىغانلىقىدىن بۇ ئىشنىڭ شەرىئەتتە بۇيرۇلمىغان، چەكلەنگەن، ھارام ئىش ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. ئەبۇ يەئلا ۋە ھاپىز زىيائى "ئەل مۇختار" ناملىق ئەسەردە نەقىل قىلىپ: ئەلى ئىبنى ھۈسەين رەھىمەھۇللاھ بىر كىشىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىكى كېرىش ئېغىزىدا دۇئا قىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ كىشىنى بۇنىڭدىن چەكلەپ مۇنداق دەيدۇ: مەن سىزگە دادام چوڭ دادامدىن، چوڭ دادام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان بىر ھەدىسنى سۆزلەپ بىرەي، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ قەبرەمنى زىيارەت قىلىدىغان جاي قىلىۋالماڭلار، ئۆيۇڭلارنى قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىۋالماڭلار، سىلەر قەيەردە تۇرۇپ ماڭا دۇرۇت-سالام يوللىساڭلار، سىلەرنىڭ يوللىغان دۇرۇت-سالامىڭلار ماڭا يېتىدۇ،» دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى2042-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا (1796) كەلتۈرگەن].
5-خاتالىق. مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىگە كېلەلمىگەن كىشىلەرنىڭ بەزى زىيارەتچىلەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام يوللىشى، بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ سالاملارنى ئىلىپ كېلىپ ئاغزاكى يەتكۈزۈشى بولۇپ، دىندا ئەسلى بولمىغان كىيىن پەيدا بولغان بىدئەت تۈرىدىكى ئىشلاردىن، سالام يوللىغۇچىلار ۋە سالامنى ئىلىپ كەلگۈچىلەر بۇنداق ئىشتىن قول ئۈزۈڭلار. سىلەرگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى كۇپايە قىلسا كېرەك: «سىلەر قەيەردە تۇرۇپ ماڭا دۇرۇت-سالام يوللىساڭلار، سىلەرنىڭ يوللىغان دۇرۇت-سالامىڭلار ماڭا يېتىدۇ». ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندا ئايلىنىپ يۈرۈيدىغان پەرىشتىلىرى بار، ئۇلار ئۈممىتىمنىڭ يوللىغان دۇرۇت-سالاملىرىنى ماڭا يەتكۈزىدۇ. [ئىمام ئەھمەد 1-توم 441-بەتتە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى2170- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن.
6-خاتالىق. قەبرىنى تەكرار، كۆپ زىيارەت قىلىش، ھەر پەرز نامازدىن كىيىن ياكى ھەر كۈنى مەلۇم نامازدىن كىيىن زىيارەت قىلىش، بۇنداق قىلىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: مېنىڭ قەبرەمنى زىيارەت قىلىدىغان جاي قىلىۋالماڭلار، دېگەن سۆزىگە قارشى كېلىدۇ.
ئىبنى ھەجەر ھەيتەمى رەھىمەھۇللاھ مىشكاتنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرەمنى زىيارەت قىلىدىغان جاي قىلىۋالماڭلار دېگىنى، تەكرار كىلىدىغان ئورۇن قىلىۋالماڭلار دېگەنلىكىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر ھەدىستە: «سىلەر قەيەردە تۇرۇپ ماڭا دۇرۇت-سالام يوللىساڭلار، سىلەرنىڭ يوللىغان دۇرۇت-سالامىڭلار ماڭا يېتىدۇ،» دېگەن قاتارلىق بۇ ھەدىسلەر ھەممىگە كۇپايە قىلىدۇ". تۈگىدى.
ئىمام ئىبنى رۇشدى رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئەلجامىئ لىلبايان"ناملىق ئەسىرىدە، ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھدىن: سىرىتتىن كەلگەن كىشىنىڭ ھەر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا كېلىشى توغرىمۇ؟ دەپ سورىغان ۋاقىتتا، ئىمام مالىك: بۇنداق قىلىش دىندىن ئەمەس دەپ بۇ ھەدىسنى سۆزلىگەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! مېنىڭ قەبرەمنى چوقۇنىدىغان ھەيكەل قىلىپ قويمىغىن،» دېگەن.
شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ، (تەھزىر ساجىد مىن ئىتتىخازىل قۇبۇرى مەساجىد) ناملىق ئەسەرنىڭ 24-26-بەتتە كەلتۈرگەن.
ئىبنى رۇشدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قەبرىنىڭ يېنىغا كۆپ بېرىپ سالام قىلىش ياخشى ئەمەس، ھەر كۈنى قەبرىنىڭ يېنىغا بېرىۋىلىش خۇددى ھەر كۈنى ناماز ئۈچۈن مەسچىتكە بارغاندەك ئىش بولۇپ، قەبرىستانلىقنى مەسچىتكە ئوخشىتىۋالغانلىق بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ مۇنداق دېگەن: «ئى ئاللاھ! مېنىڭ قەبرەمنى چوقۇنىدىغان ھەيكەل قىلىپ قويمىغىن،» دېگەن. ئىبنى رۇشدى رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئەلبايان ۋەتتەھسىل" ناملىق ئەسىرى 18-توم 444-445-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
قازى ئىياز رەھىمەھۇللاھدىن: مەدىنىگە كەلگەن بەزى كىشىلەر ھەر كۈنى بىرقانچە قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇزۇن تۇرۇپ سالام بېرىپ دۇئا قىلىپ تۇرىدىكەن توغرىمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ كىشى: دىننى چۈشىنىدىغان كىشىلەردىن بۇ توغرىدا ماڭا بىرەر خەۋەر يەتمىدى، ئۈممەتنىڭ ئاخىرى ئۈممەتنىڭ ئەۋۋىلى ئىسلاھ بولغان ئىش بىلەن ئىسلاھ بولىدۇ. ماڭا ئۈممەتنىڭ ئەۋۋىلىدىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ بۇنداق قىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر يەتمىدى دېگەن." [ئەششىپا بىتەرىپىل مۇستەپا ناملىق ئەسەر 2-توم676-بەت].
7-خاتالىق. مەسچىتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدىن قەبرىگە يۈزلىنىش، ھەر قېتىم مەسچىتكە كىرگەندە قەبرىگە يۈزلىنىش، ھەر قېتىم نامازدىن بىكار بولغاندا قەبرىگە يۈزلىنىش، سالام بەرگەندە ئىككى قولىنى قوشتۇرۇپ، بېشىنى تۆۋەن سىلپ تۇرۇش قاتارلىق كەڭ تارقالغان بىدئەتلەر ۋە سەھىھ ھەدىسلەرگە زىت بولغان ئىشلاردىندۇر.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، شەرىئەتكە زىت بولغان بىدئەت ئىشلاردىن ھەزەر قىلىڭلار. قارىغۇلارچە خائىنلارغا ئەگىشىشتىن ساقلىنىڭلار، قىلغان ئىشلىرىڭلاردا دەلىل-پاكىتقا تايىنىڭلار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَفَمَن كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِّن رَّبِّهِ كَمَن زُيِّنَ لَهُ سُوءُ عَمَلِهِ وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُم تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان روشەن دەلىللەرگە ئاساسلانغان ئادەم (يەنى مۆمىن) ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەمگە (يەنى كاپىرغا) ئوخشامدۇ؟. [سۈرە مۇھەممەد 14-ئايەت].
ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يول تۇتقۇچى ۋە توغرا يولغا يىتەكلىگۈچىلەردىن، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ جۈملىسىدىن قىلسۇن.