پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەج قېلىش ئۈچۈن يولدىشىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەكمۇ؟

سۇئال

يولدىشى رۇخسەت قىلمىسىمۇ، ئايال كىشىنىڭ ھەج قېلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئۇ ئايالدا ھەجنى پەرز قىلىدىغان شەرتلەر تولۇقلانغان بولسا، گەرچە يولدىشى رۇخسەت قىلمىغان تەقدىردىمۇ ھەج قىلسا دۇرۇس بولىدۇ، شۇنىڭدەك يولدىشىنىڭمۇ ئايالىنى پەرز ھەجدىن چەكلىشى توغرا بولمايدۇ. ئەمما نەپلە ھەج بولۇپ قالسا، ئۇ ئايالنىڭ يولدىشىنىڭ رۇخسىتىسىز نەپلە ھەج قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇغنىيدا (535) مۇنداق دەيدۇ: ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى ئىسلام دىنىدا بېكىتىلگەن پەرز ھەجنى ئادا قىلىشىدىن چەكلىشى توغرا ئەمەس.  ئىلگىرىكى ئالىملاردىنمۇ: ئىبراھىم نەخەئىي، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي، ئەبۇ سەۋر، ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرى بۇ قاراشتا بولغان، ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھنىڭ كۆز قارىشىدىمۇ، ھەج قىلىش دېگەن؛ رامىزان روزىسى ۋە كۈندە ئوقۇلىدىغان بەش ۋاقىت نامازغا ئوخشاش پەرزدۇر، ئەرنىڭ ئايالىنى پەرز ھەجدىن چەكلىشى توغرا ئەمەس، ئەمما ئايالنىڭ يولدىشىدىن رۇخسەت سورىشى مۇھىمدۇر، ئىمام ئەھمەدمۇ شۇنداق قاراشتا بولغان. يولدىشى رۇخسەت بەرسە ياخشى، بەرمىسە يولدىشىنىڭ رۇخسىتىسىز ھەجگە كېتىۋېرىدۇ. (يەنى بۇ يەردە مەھرەمسىز كىتىۋەرسە بولىدۇ دېگەنلىك چىقمايدۇ. - م-) ئەمما نەپلە ھەج بولۇپ قالسا يولدىشىنىڭ ئۇ ئايالنى توسۇپ قىلىشى توغرا بولىدۇ. رۇخسەت قىلسا بارىدۇ، رۇخسەت قىلمىسا ئىختىيارى كېتەلمەيدۇ.

ئىمام ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن بىلىم ئالغان ئۇستازلارنىڭ ھەممىسى بىردەك، يولدىشىنىڭ ئايالىنى نەپلە ھەجدىن چەكلىشىنى دۇرۇس دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئەرنىڭ ھەققىنى ئادا قېلىش پەرز بولۇپ، پەرز بولمىغان ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، پەرز بولغان ھەقنى زايە قىلىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن بىر كىشى: يولدىشى ئايالىنى  پەرز ھەجنى ئادا قىلىشتىن چەكلىسە گۇناھكار بولامدۇ؟ دەپ سورىغىنىدا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: شۇنداق ، ئايالىنىڭ ھەج قېلىش شەرتلىرى تولۇق بولۇپ ھەج قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىسا، يولدىشى ئۇنىڭغا رۇخسەت بەرمىسە گۇناھكار بولىدۇ. يەنى مەسىلەن: ئايال كىشى يولدىشىغا: بۇ مېنىڭ مەھرىمىم، ئاكام مەن بىلەن بىرگە ھەجگە بارىدۇ، مەندە ھەجگە يەتكۈدەك ئىقتىساد بار، سىزدىن ھېچ ئىقتىساد تەلەپ قىلمايمەن، مېنىڭ ھەج قىلىشىمغا رۇخسەت قىلىڭ، مەن پەرز ھەجنى ئادا قىلىۋالاي دېگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا يولدىشىنىڭ ئايالىغا رۇخسەت بېرىشى زۆرۈر بولىدۇ.

ئەمما يولدىشى رۇخسەت قىلمىسىمۇ ھەج قىلسا ھەججى دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن يولدىشىنىڭ رۇخسىتىسىز ھەجگە كەتسە، كېيىن يولدىشىنىڭ ئۆزىنى تالاق قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرىسە، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئايال ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىپ، ھەجگە بارمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەن.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالىرى توپلىمى (21115)

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى