جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

تەراۋىھ نامىزىنىڭ رەكەت سانى توغرىسىدا

سۇئال

مەن بۇ سوئالنى ئىلگىرى سورىغان، ماڭا قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن، چۈنكى مەن بۇ سوئالغا قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ تاپالمىدىم، مېنىڭ سوئالىم تەراۋىھ نامىزى توغرىسىدا، تەراۋىھ نامىزى 11 رەكەتمۇ ياكى 20 رەكەتمۇ؟ ھەدىستە 11رەكەت دىيىلىپتۇ، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "كېچىلىك ناماز ۋە تەراۋىھ" ناملىق ئەسىرىدە 11 رەكەت دېگەن. بەزى كىشىلەر تەراۋىھنى 11 رەكەت ئوقۇيدىغان مەسچىتلەرگە بارىدۇ، يەنە بەزىلەر 20 رەكەت ئوقۇيدىغان مەسچىتلەرگە بارىدۇ، بۇ مەسىلە ئامېرىكىدا سەزگۈر مەسىلىگە ئۆرۈلدى. 11 رەكەت تەراۋىھ نامىزى ئوقۇيدىغان كىشىلەر 20رەكەت ئوقۇيدىغان كىشىلەرنى ئەيىبلەيدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە 20رەكەت ئوقۇيدىغانلار بولسا 11 رەكەت ئوقۇيدىغانلارنى ئەيىبلەيدۇ، ھەتتا تالاش-تارتىش ھەرەم مەسچىتىدىمۇ 20رەكەت ئوقۇيدۇ دېگەن يەرگە كەلدى، ئۇلار نېمە ئۈچۈن ھەرەمدە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدە سۈننەتنىڭ قارشىسىدا 20 رەكەتتىن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇيدۇ؟، دەيدۇ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولغان مۇشۇنداق سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا پىتنە ۋە بۆلگۈنچىلىككە سەۋەپ بولىدىغان دەرىجىگە كۆتۈرۈشىنى توغرا دەپ قارىمايمىز.

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ ئىمام بىلەن ئون رەكەت ناماز ئوقۇپ ئاندىن تەراۋىھ نامىزىنى ئىمام بىلەن بىرگە تامام قىلماي، ئىمامنىڭ ۋىتىر نامىزى ئوقۇشىنى ساقلاپ ئولتۇرغان كىشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "ئىسلام ئۈممىتى ئارىسىدا ئىختىلاپ قىلسا يوللۇق بولغان مەسىلىلەر توغرىسىدا كۆپتۈرۈپ ئىختىلاپ قىلىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ تېپىلىشى بىزنى كۆپ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپنى قەلبلەرنىڭ بۆلۈنۈشىگە سەۋەپ قىلىدۇ، ئىسلام ئۈممىتى ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ساھابىلارنىڭ دەۋرىدىمۇ بار بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبى بىرلىك ھالىتىدە قىلىپ قالغان.

    بولۇپمۇ ياشلارغا مۇھىم بولغىنى، ئۇلار بىرلىك، ئىتتىپاق بولۇشنى لازىم تۇتۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن كۈزۈتۈپ تۇرىدىغان دۈشمەنلەر مەۋجۇت. ["شەرھىل مۇمتىئ" ناملىق ئەسەر 4-توم 225-بەت].

    بۇ مەسىلە توغرىسىدا ھەر ئىككى پىرقە ھەددىدىن ئاشتى، بىرىنچى پىرقە 11 رەكەتتىن ئارتۇق  ئوقۇغانلارنى ئەيىبلەپ ئۇلارنىڭ ئىبادىتىنى بىدئەتكە چىقارغان بولسا، ئىككىنچى پىرقە، 11 رەكەت ئوقۇغانلارنى ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.

     بىز ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە قۇلاق سالايلى، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىمىز ياكى سەل قارىشىمىز توغرا بولمايدۇ، بەزى كىشىلەر سان جەھەتتە سۈننەتنى لازىم تۇتۇشتا ھەددىدىن ئىشىپ، سۈننەتتە بايان قىلىنغان ساندىن ئارتۇق ئوقۇش توغرا بولمايدۇ دەپ، بۇنىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغانلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئۇلارنى گۇناھكار ۋە ئاسى دەيدۇ، ھەقىقەتتە بۇ زور خاتالىقتۇر،  بۇ كىشى قانداقمۇ ئاسى-گۇناھكار بولسۇن؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېچىلىك ناماز توغرىسىدا سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: كېچىلىك ناماز ئىككى رەكەت، ئىككى رەكەتتىن بولىدۇ دېگەن، ئەمما رەكەت سانىنى بېكىتمىگەن، چۈنكى كېچىلىك نامىزى توغرىسىدا سوئال سورىغان كىشى قانچە رەكەت ئوقۇشنى بىلمەيتتى، چۈنكى قانداق ئوقۇشنى بىلمىگەن كىشى ئەلۋەتتە نەچچە رەكەت ئوقۇشنى بىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىلىسىدە بولغان ئىشلاردىن خەۋەردار بولىدىغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمەتچىسى ئەمەس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنىڭ رەكەت سانىنى بېكىتىپ بەرمەستىن پەقەت نامازنى قانداق ئوقۇشنى بايان قىلىپ بەردى، بۇنىڭدىن بۇ ئىشتا يولنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشى يۈز رەكەت ئوقۇپ ئاندىن بىر رەكەت ۋىتىر ئوقۇسا بۇمۇ بولىدۇ.

    ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: مېنىڭ ناماز ئوقۇغۇنىمنى كۆرگەندەك ناماز ئوقۇڭلار دېگەن سۆزىنى بولسا، ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئومۇمى ئەمەس دەپ قارىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىنسانغا بىر قېتىم بەش رەكەت، بىر قېتىم يەتتە رەكەت ۋە يەنە بىر قېتىم توققۇز رەكەت ۋىتىر ئوقۇش كېرەك بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، ئەگەر بىز بۇ ھەدىسنى ئومۇمى دەپ قارىساق، ئىنسانغا بىر قېتىم بەش رەكەت، بىر قېتىم يەتتە رەكەت ۋە يەنە بىر قېتىم توققۇز رەكەت  ئۇلاپ ئوقۇش كېرەك بولىدۇ دەيمىز، ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: مېنىڭ ناماز ئوقۇغۇنىمنى كۆرگەندەك ناماز ئوقۇڭلار دېگەن سۆزى بولسا ساندا ئەمەس بەلكى كەيپىيەت يەنى قانداق ئوقۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ساندا دەلىلدە بايان قىلىنغان بويۇنچە ئوقۇشتۇر.

    ھەر قانداق ھالەتتە ئىنساننىڭ دىندا كەڭچىلىك بولغان ئىشتا كىشىلەرگە قاتتىق قوللۇق قىلىشى توغرا بولمايدۇ، ھەتتا بەزى قېرىنداشلىرىمىزنى كۆرىمىزكى، ئۇلار قاتتىق قوللۇق قىلىپ تەراۋىھ نامىزىنى 11 رەكەتتىن ئارتۇق ئوقۇغان ئىماملارنىمۇ بىدئەتچى دەپ قاراپ مەسچىتتىن چىقىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئەجىر-ساۋابتىن مەھرۇم قالىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: تەراۋىھ نامىزىنى ئىمام بىلەن بىرگە ئوقۇپ ھەتتا ئىمام بىلەن بىرگە نامازدىن قايتقان كىشى ئۈچۈن كېچە قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 806-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 646-كەلتۈرگەن. ئۇلار ئون رەكەت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئولتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۇرغان سەپ ئۈزۈلىدۇ، بەزى ۋاقىتتا بىھۇدە سۆز قىلىشىپ ناماز ئوقۇغۇچىلارنى تەشۋىش قىلىدۇ.

    بىز ئۇلارنىڭ ياخشىلىقنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىدىن شەك قىلمايمىز، ئۇلار بۇ يولدا تىرىشچانلىق قىلغۇچى بولسىمۇ ئەمما ھەر قانداق مۇجتەھىد-تىرىشچانلىق قىلغۇچى ئىش قىلغۇچى بولمايدۇ.

    ئىككىنچى تەرەپ بولسا: يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ئەكسىدە بولۇپ، ئۇلار ئون بىر رەكەت تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغانلارنى بەك ئەيىبلەپ، ئۇلارنى مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ بىرلىكىدىن چىقىپ كەتتى دەپ قارايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَن يُشَاقِقِ الرَّسُولَ مِن بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُ الْهُدَىٰ وَيَتَّبِعْ غَيْرَ سَبِيلِ الْمُؤْمِنِينَ نُوَلِّهِ مَا تَوَلَّىٰ وَنُصْلِهِ جَهَنَّمَ  وَسَاءَتْ مَصِيرًا تەرجىمىسى: كىمكى ئۆزىگە (مۆجىزىلەر ئارقىلىق) توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!نىسا سۈرىسى 115-ئايەت. سىزدىن ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تەراۋىھ نامىزىنى 23 رەكەت دەپ بىلەتتى، ئاندىن ئۇلار بۇنى بەك ئەيىبلىدى، بۇمۇ بىر خاتالىقتۇر. ["شەرھىل مۇمتىئ"4-توم 73-75-بەت].

    تەراۋىھ نامىزىنى سەككىز رەكەتتىن ئارتۇق ئوقۇش دۇرۇس بولمايدۇ دېگەن قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ دەلىلى: ئەبۇ سەلە ئىبنى ئابدۇرەھماننىڭ ھەدىسى بولۇپ، ئۇ كىشى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامزاندا تەراۋىھ نامىزىنى قانچە رەكەت ئوقۇيتتى؟ دەپ سورىغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامزاندا ياكى رامزاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئون بىر رەكەتتىن ئارتۇق ناماز ئوقۇمايتتى، قىيامدا ئۇزۇن تۇرۇپ تۆت رەكەت ئوقۇيتتى، ئاندىن يەنە قىيامدا ئۇزۇن تۇرۇپ تۆت رەكەت ئوقۇيتتى، ئاندىن ئۈچ رەكەت ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ۋىتىر نامىزى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئۇخلاملا؟ دەپ سورىسام، ماڭا: ئى ئائىشە! مېنىڭ كۆزۈم ئۇخلىغان بىلەن قەلبىم ئويغاق دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى1909- ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى738-ھەدىس].

     ئۇلار بۇ ھەدىس پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ رامزاندا ۋە رامزاندىن باشقا ۋاقىتلار كېچىدە مۇشۇنداق ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ دەيدۇ.

      ئۆلىمالار بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلغانلارغا رەددىيە بېرىپ بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىنى ئىپادىلەيدىغان ھەدىس بولۇپ، بۇ ۋاجىپلىقنى ئىپادىلىمەيدۇ، دەيدۇ.

    كېچىلىك نامازنىڭ -تەراۋىھ نامىزىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن- مەلۇم سان بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئوچۇق دەلىللەردىن: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېچىلىك نامىزى توغرىسىدا سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: كېچىلىك ناماز ئىككى رەكەت، ئىككى رەكەتتىن بولىدۇ، تاڭ يورۇشتىن ئەنسىرىسەڭلار بىر رەكەت تاق ناماز ئوقۇسۇن، بۇ ئوقۇپ بولغان نامازلىرى ئۈچۈن ۋىتىر بولىدۇ دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 946- ۋە مۇسلىم رىۋايىتى749-ھەدىس].

    مەزھەپلەر ئارىسىدا سۆزلىرى ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئالىملارنىڭ قاراشلىرىغا نەزەر سالغان ۋاقتىڭىزدا بۇ مەسىلىدە كەڭچىلىك بولغانلىقى ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ، تەراۋىھ نامىزىنى ئون بىر رەكەتتىن ئارتۇق ئوقۇسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ.

    ھەنەپى مەزھەپ ئالىملىرىدىن ئىمام سەرخەسى رەھىمەھۇللاھ  مۇنداق دەيدۇ: "تەراۋىھ نامىزى بىزنىڭ قارىشىمىزدا ۋېتىردىن باشقا يىگىرمە رەكەت". ["ئەلمەبسۇت "2-توم 145-بەت].

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاللانغان قاراشتا تەراۋىھ نامىزى ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللارنىڭ مەزھىبىدە يىگىرمە رەكەت بولۇپ، ئىمام سۇپيان ئىبنى سۆۋرى، ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئىمام شافىئى قاتارلىق ئالىملارمۇ شۇنداق دېگەن، ئىمام مالىك: ئوتتۇز ئالتە رەكەت دېگەن". ["ئەلمۇغنى"1-توم 457-بەت].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەراۋىھ نامىزى بارلىق ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن سۈننەت بولۇپ، بىزنىڭ مەزھبىمىزدە ھەر ئىككى رەكەتتە بىر سالام بىرىش بىلەن يىگىرمە رەكەت ئوقۇلىدۇ، يالغۇز ئوقۇسىمۇ ياكى جامائەت بىلەن ئوقۇسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ. ["ئەلمەجمۇئ"4-توم 31-بەت].

     مانا بۇ تۆت مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ قارىشىدىكى تەراۋىھ نامىزىنىڭ سانى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئون بىر رەكەتتىن زىيادە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئون بىر رەكەتتىن ئارتۇق ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىشىدىكى سەۋەپلەردىن:

1-ئۇلار ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا بايان قىلغان ھەدىس بۇ ساننى بېكىتىشنى تەقەززا قىلمايدۇ دەپ قارايدۇ.

2-ئون بىر رەكەتتىن ئارتۇق ئوقۇش توغرىسىدا سەلەپ ئالىملىرىدىن كۆپ ئەسەرلەر بايان قىلىنغان. ["ئەلمۇغنى"2-توم 604-بەت، ۋە ئەلمەجمۇئ 4-توم 32-بەتكە قارالسۇن].

3-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئون بىر رەكەت ئوقۇيتتى، بەزى ۋاقىتتا قىيامدا ئۇزۇن تۇرۇش بىلەن تاڭ يورۇپ كېتەتتى، بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلار بىلەن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغان بىر كېچىسى تاڭ يورۇشقا ئازقالغاندا نامازدىن ياندى ھەتتا ساھابىلار سوھۇرلۇق ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قالدى، ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى ئۇزۇن تۇيۇلمايتتى، ئۆلىمالار ئىمام نامازنى بۇ دەرىجىدە ئۇزۇن قىلىۋەتسە، بۇ جامائەتكە ئېغىر كېلىدۇ، بەزى ۋاقىتتا بۇ ئىش ئۇلارنىڭ جامائەت نامازغا چىقماسلىقىغا سەۋەپ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام قىرائەتنى يەڭگىل ئوقۇپ نامازنىڭ سانىنى زىيادە قىلسا ياخشى بولىدۇ دەيدۇ.

    سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سۈپەت بويىچە ئون بىر رەكەت ناماز ئوقۇغان بولسا سۈننەت بوپيىچە ياخشى ئىش قىلغان بولدى، يەنە بىر كىشى قىرائەتنى يەڭگىل ئوقۇپ نامازنىڭ سانىنى زىيادە قىلغان بولسا ئۇ كىشىمۇ ياخشى ئىش قىلغان بولدى، بۇ ئىككى تۈرلۈك ئىشنىڭ قايسىسىنى قىلسا ئەيىپلەنمەيدۇ.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەراۋىھ نامىزىنى ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام شافىئى ۋە ئىمام ئەھمەد(ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) قاتارلىق ئىماملارنىڭ مەزھىبى بويىچە يىگىرمە رەكەت ئوقۇسۇن ياكى ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھنىڭ مەزھىبى بويىچە: ئوتتۇز ئالتە رەكەت ياكى ئون ئۈچ رەكەت ياكى ئون بىر رەكەت ئوقۇسۇن ياخشى شەكىلدە ئادا قىلغان بولىدۇ، ئىمام ئەھمەدنىڭ بايان قىلغان تېكىستىدا: مەلۇم ساندا تۇرىۋالماستىن قىيامدا ئۇزۇن تۇرۇش ياكى قىسقا تۇرۇشقا ئاساسەن نامازنىڭ رەكەت سانىنى ئاشۇرسا ياكى كېمەيتسە بولىدۇ دېيىلگەن". ["ئەل ئىختىيارات"64-بەت].

    ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نامازنىڭ سانىنى بىكىتمەستىن رامزاندا كېچىلىك ناماز ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن نۇرغۇن سەھىھ ۋە ھەسەن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىگىرمە رەكەت تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغانلىقى ئىسپاتلانمىغان، ھەقىقەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە ناماز ئوقۇغان ئەمما سانى زىكىر قىلىنمىغان. تۆتىنچى كېچىدە تەراۋىھ نامىزىنىڭ ئۈممەتكە پەرىز بولۇپ قىلىشىدىن ۋە ئۇلارنىڭ تولۇق ئادا قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، ساھابىلار بىلەن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشنى تەرك قىلغان (يەنى جامائەت بولۇپ ئوقۇمىغان).

    ئىبنى ھەجەر ھەيسەمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىگىرمە رەكەت تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغانلىقى ئىسپاتلانمىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يىگىرمە رەكەت تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغان دەپ بايان قىلىغان ھەدىس بەك ئاجىز بولۇپ ھۆججەتلىككە يارىمايدۇ". ["پىقھى توپلاملىرى"27-توم 142-145-بەت].

   سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىم! تەراۋىھ نامىزىنىڭ يىگىرمە رەكەت بولىشىدىن ھەيران قالماڭ، ئىلگىرى ئىماملاردىن ئەۋلادمۇ ئەۋلاد يىگىرمە رەكەت تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغانلىقى توغرىسىدا ئەسەرلەر بايان قىلىنغان، ھەممىسىدە ياخشىلىق بار.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى