پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئايروپىلاندىكى كىشى قاچان ئېھرام كىيىدۇ؟

سۇئال

مەن ئاللاھ تائالا خالىسا بۇ يىل ھەج قىلىشنى نىيەت قىلىۋاتىمەن، ئايروپىلان بىلەن رىيادتىن جىددىغا كېلىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قەيەردە ئېھرامغا كېرىىشىم كېرەك؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلارغا ئاللاھ تائالاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

سىز بۇنداق سەپەر قىلغاندا ھازىر"سەيلىل كەبىر" دەپ ئاتىلىدىغان" قەرنى مەنازىل دېگەن جايدا ئېھرامغا كېرىشىڭىز كېرەك.

مىيقاتتىن ئۆتكەن كىشى مىيقاتنىڭ ئۆزىدە ئېھرام كىيىدۇ، مىيقاتتىن ئۆتمىگەن كىشى قۇرۇقلۇقتا، ھاۋادا ياكى دېڭىزدا بولسۇن مىيقاتنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ئېھرام كىيىدۇ. سىز ئايروپىلان مىيقاتنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ئېھرام كىيىشىڭىز كېرەك. ئايروپىلان مىيقاتتىن تىز ئۆتۈپ كېتىدىغان بولغاچقا ئېھتىياتەن مىيقاتقا كېلىشتىن بۇرۇنراق ئېھرام كىيسىڭىز بولىدۇ".

شەيخ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مىيقاتنىڭ ئۆزىدىن ئۆتمەيدىغان كىشىلەرقۇرۇقلۇقتىن، ھاۋادىن ياكى دېڭىزدىن بولسۇن مىيقاتنىڭ باراۋىرىگە كەلگەندە ياكى يېقىنلاشقاندا ئېھرام كىيىدۇ، ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارمىيقاتقا يېقىنلاشقاندا ياكى ئېھتىياتەن مىيقاتقا كېلىشتىن بۇرۇن ئېھرام كىيىش كېرەك، مىيقاتتىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن ئېھرام كىيگەن كىشىگە قان(يەنى جازا) كېلىدۇ". ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. ئىسلام پەتىۋالىرى 2-توم 198-بەت.

دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسىدا: جىددە، ھەج-ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن سىرىتتىن كەلگەنلەرنىڭ مىيقاتى (ئېھرامغا كىرىدىغان ئورنى) ئەمەس، پەقەت جىددىدە ياشايدىغان ياكى مۇقىم تۇرىدىغان ياكى جىددىغا باشقا بىر ئىش بىلەن كېلىپ كىيىن ھەج-ئۆمرىنى مەقسەت قىلغان كىشىلەر جىددىدىن ئېھرامغا كىرسە بولىدۇ. ئەمما مەدىنە ياكى مەدىنە تەرەپتىن كىلىدىغان كىشىلەر ھەج-ئۆمرىنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئۇلار زۇلھۇلەيپىنىڭ ئۆزىدىن ياكى قۇرۇقلۇق، ھاۋادا ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىن ئېھرام كىيىدۇ، شۇنىڭدەك جۆھپە، يەلەملەم تەرەپلەردىن كەلگەن كىشىلەر شۇ جاينىڭ ئۆزىدىن ياكى ئۇنىڭ باراۋىرىدىن ئېھرام كىيىپ كېلىشى كېرەك بولىدۇ. دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 11-توم130-بەت.

مىيقاتتىن ياكى مىيقاتنىڭ باراۋىرىدىن ئېھرام كىيىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن نەقل قىلىنغان ھەدىستە: كۇپە بىلەن بەسرە شەھرى پەتىھ قىلىنغاندا ئۇلار ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەجدى ئەھلى ئۈچۈن قەرنى مەنازىلنى ئېھرام كىيىدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتىپ بەرگەن، ئۇ تەرەپنىڭ يولى بىزگە يىراق، بىز ئۇ يەرگە بېرىپ ئېھرام كىيىپ ماڭىمىز دىسەك بەك جاپا بولىدۇ دېگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا: سىلەر قەرنى مەنازىلنىڭ ئۇدۇلىغا كىلىدىغان يولغا قاراڭلار دەپ، ئۇلارغا زاتە ئىرق دېگەن جاينى ئېھرام كىيىدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتىپ بەرگەن. [ئىمام بۇخارى1458].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ "پەتھۇلبارى 3-توم 389-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۇلارغا: سىلەر قەرنى مەنازىلنىڭ ئۇدۇلىغا كىلىدىغان يولغا قاراڭلار دېيىشى، سىلەر ئۆتىدىغان يولنىڭ مىيقاتقا باراۋەر كىلىدىغان جايىنى توغىرلاپ ئېھرامغا كىرىدىغان جاي قىلىڭلار دېمەكتۇر".

ئىنسان شۇنى بىلىشى كېرەككى، بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يىتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئېھرام كىيىش سۈننەتنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنداق قىلمىغان، ئەڭ ياخشى يول پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇتقان يولىدۇر، ئەمما ئايروپىلاندىكى كىشى بولۇپ قالسا مىيقاتقا كېلىشتىن بۇرۇن ئېھرام كىيسە بولىدۇ، چۈنكى ئايروپىلان تىز ئۇچىدىغان بولغاچقا مىيقاتنىڭ ئۆزىگە كەلگەندە ئېھرام كىيىمەن دىسە، بەلكىم ئايروپىلان مىيقاتتىن ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئايروپىلاندىكى كىشىلەر مىيقاتقا كېلىشتىن بۇرۇن ئېھرام كىيىۋالسا بولىدۇ.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە ھەج قىلغان كىشىلەرنىڭ ھېچ بىرىدىن، ئۇلارنىڭ زۇلھۇلەيپىگە كېلىشتىن بۇرۇن ئېھرام كىيگەنلىك توغرىسىدا ئەسەر بايان قىلىنمىدى، ئەگەر مىيقات بېكىتىلمىگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار بۇرۇنراق ئېھرام كىيىشكە ئالدىرىغان بولاتتى. چۈنكى بۇرۇن ئېھرام كىيىش جاپالىق ۋە ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى كۆپ بولىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى بەلكى مىيقاتتىن ئېھرام كىيدى". [پەتھۇلبارى 3-توم 387-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى