جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋەدىسى ئاخىرلاشقان ئىجارە توختامى توغرىسىدا

سۇئال

  شىركەت ماشىنىنى ئىجارىگە بېرىدۇ، توختام ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، شىركەت ماڭا: سىزگە ماشىنا ئالدىدىن ئون مىڭ رىيال ئەتراپىدا پۇل تۆلەش بىلەن بېرىلىدۇ، سىز ھەر ئايدا شىركەتكە مىڭ ئىككى يۈز رىيالدىن پۇل تۆلەيسىز دەيدۇ، مەن ئۇنى تۆلەش بىلەن بىرگە ئىككى مىڭ سەككىز يۈز رىيال رۇسۇم ھەققى تۆلەيمەن. ماشىنىنىڭ ئەسلى باھاسى ئەللىك ئالتە مىڭ بەش يۈز رىيال. ماڭا ھېسابلىنىدىغان باھاسى بولسا يەتمىش سەككىز مىڭ رىيال بولىدۇ، بىلىشىمچە ئەڭ ئاخىرىدا پۇل تۆلەش بولمايدۇ، ماڭا پۇلنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن ئىگىدارچىلىق قىلىدىغانلىقىمنى ۋەدە قىلدى، مېنىڭ قىلغان بۇ ئىشىمنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ئىشقا قەدەم بېسىپ ماشىنىنى ئالىمەنمۇ ياكى ئالمايمەنمۇ؟ ، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئەگەر سىزنىڭ مەقسىدىڭىز دەسلەپتە ئون مىڭ رىيال ئالدىدىن تۆلەپ ئاندىن قالغانلىرىنى ھەر ئايدا مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش ئارقىلىق شىركەتتىن ماشىنىنى مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىۋېلىش بولسا بۇنىڭدا ھېچ مەسىلە يوق، چۈنكى سودا توغرا بولغان، ئۇنىڭدا توختام قىلغاندىن باشلاپ ماشىنا سىزنىڭ ئىگىدارچىلىقىڭىزغا كېرىدۇ، لېكىن شىركەت سىزنى ماشىنىنى سېتىشتىن چەكلەيدۇ، ئۇنداق بولىشى سىز بارلىق پۇلنى تۆلەپ بولغۇچە ئۇ شېركەتتە گۆرەگە قويۇلغانغا ئوخشاش بولىدۇ.

   بۇ توختامنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋەدىسى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىجارە توختامى بىلەن ئالاقىسى بولمايدۇ، لېكىن بۇ يەردە ئېنىق بولمىغان بىر ئىش: سىز ئىككى مىڭ سەككەز يۈز رىيال ئەتراپىدا رۇسۇم ھەققى تۆلەيدىغانلىقىڭىزنى زىكىر قىلدىڭىز.

   ئەگەر توختام ماشىنىنىڭ  ھەر ئايدا مۇنچىلىكتىن تۆلەيدۇ  دەپ مۇددەت ئاخىرلاشقاندا ماشىنىغا سىزنى ئىگە قىلىشنى ۋەدىسى بىلەن قىلىنغان ئىجارە توختامى بولسا، بۇ دۇرۇس بولىدۇ، بۇنىڭ شەرتى: بۇ ئىجارە توختامى سودىنى يوشۇرىدىغان ئەمەس بەلكى ھەقىقى توختام بولىشى كېرەك، ئىجارىگە بېرىلگەن نەرسىنىڭ كاپالىتى ئىجارە مۇددىتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر، ماشىنىنىڭ كاپالىتى ئىجارە بەرگۈچىگە يەنى شىركەتكە بولىدۇ، ئىجارىگە ئالغۇچىغا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك ماشىنىنى رىمىنۇت قىلدۇرۇش چېقىملىرىمۇ ئىجارە بەرگۈچىگە بولىدۇ، ئىجارىگە ئالغۇچىغا بولمايدۇ، بۇ سودىنىڭ خىلاپى بىلەن بولىدۇ، چۈنكى سودىدا ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە رىمىنۇت قىلدۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۈستىگە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى توختام قىلىش بىلەن ماشىنىغا ئىگە بولىدۇ.  

   ئەگەر ئىجارە توختامىغا ئىجارىنى تولۇق ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن كەلگۈسىدە ھەدىيە قىلىۋېتىش توختامى جۇپلانسا توغرا بولىدۇ، تاۋارنىڭ ئىجارىسىگە ئىجارە مەلۇم پۇل بىلەن مەلۇم مۇددەتكىچە دەپ يېزىلىدۇ، ئاندىن  ھەدىيە توختامى يېزىلىدۇ. خۇددى: ئىككى تەرەپ شۇنىڭغا ئىتتىپاق كەلدىكى: بىرىنچى تەرەپ(شىركەت) ئىككىنچى تەرەپكە(خىرىدارغا) ئىجارىنىڭ تۆلەيدىغان ھەققىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تولۇق ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ماشىنىنى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىپ بېرىدۇ دېگەندەك بولىدۇ.

    "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىدىن" ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋەدىسى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىجارە توختامى توغرىسىدا قارار چېقىرىلدى، ئۇنىڭ دۇرۇس بولىدىغان ۋە بولمايدىغان تەرەپلىرى بايان قىلىندى، ئۇنىڭ دۇرۇس بولىدىغىنى: ئىجارە توختامى بىلەن بىرگە ئىجارىنى تولۇق ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىجارىگە بېرىلگەن نەرسىنى ھەدىيە قىلىپ بېرىش توختامى، بۇ كەلگۈسىدىكى توختام، ياكى ئىجارىنى تولۇق ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەدىيە قىلىدىغان ۋەدە". بۇ قارارنىڭ ھەممىسىگە قاراپ چىقىش ئۈچۈن د. مۇھەممەد ھەسەن جىيزانىينىڭ" پىقھىل نەۋازىل" ناملىق ئەسىرى 3-توم 301-بەتكە قارالسۇن.

    ئەگەر شىركەت ماشىنىنىڭ موتوردىن باشقا جايلىرىنى رىمىنۇت قىلىش كاپالىتىنى ئىجارە ئالغۇچىغا بولۇشنى شەرت قىلغان بولسا، بۇ توختام بۇزۇلىدۇ، بۇ ھەقىقىي ئىجارە بولمايدۇ، بۇ شەكىلدىكى مۇئامىلىگە كېرىش توغرا بولمايدۇ.

    بۇنىڭ ھەممىسى بىلەن دەسلەپتە پۇل تۆلەش مەسىلىسى بار، يەنە ئىككى مىڭ سەككىز يۈز رىيال رۇسۇم ھەققى تۆلەش مەسىلىسىمۇ بار، ئەگەر دەسلەپتە ئۆتىگەن پۇل ئىجارىدىن تۇتۇپ قېلىنىدىغان بولسا توغرا بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا بۇ پۇلنى نېمە ئۈچۈن ئالغانلىق يولىنى ئوچۇق بايان قىلىش كېرەك.

    ئەمما رۇسۇم ھەققىنى قايسى يول بىلەن شەرت قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز.

بىزنىڭ سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: ماشىنىنى ساتقۇچىدىن بىۋاستە مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىش ياكى پايدا بېرىش يولى بىلەن سېتىۋېلىڭ. جازانە قىلمايدىغان بانكىلار ئارقىلىق بانكىدىن بىۋاستە سېتىۋېلىڭ، ئۇنى ساتقۇچىدىن سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۇ سىزگە پايدىلىق ۋە ساغلام بولىدۇ. توختام قىلىش بىلەن ماشىنىنىڭ ئىگىسى بولىسىز. سىز مۇددەت  ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئىجارىگە ئالغۇچى بولىسىز، مۇددەت ئاخىرلاشقاندا شىركەت ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ ياكى قىلمايدۇ، مۇشۇ مۇئامىلىدىكى شەرتلەرنى تولۇق ئادا قىلالماي قالسىڭىز ھارامغا چۈشۈپ قىلىشىڭىز مۇمكىن.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى