جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

كاپىرلارغا قۇرئاننىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى بىرىش

10694

تارقاتقان ۋاقىت : 15-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 15831

سۇئال

مەن بىر قىسىم خىرىستىئانلار ۋە ئەركىن پىكىرشۇناسلارنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرىنىۋاتىمەن ھەمدە ئۇلار قۇرئاندىكى نەرسىلەرنى بىلىشكە قىزىقىدىغاندەك تۇرىدۇ . ئۇلار ئىنجىلنى ئوقۇغان ھەمدە ئۇلار ئۇنى مۇقەددەس دەپ ئىتىقاد قىلىدۇ ، لىكىن ئۇنىڭدا ئۆزئارا زىت نەرسىلەر بار . مەن ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ئىنجىلغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئۇنىڭدا ئۆزئارا زىت نەرسىلەرنىڭ يوقلۇقىنى، ھەمدە ئۇنىڭ ئۇلار بۇدۇنيا ۋە ئاخىرەت ھەققىدە بىلىشكە مۇھتاج بولغان بارلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيىتتىم .ئۇلار تېخى ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى . بۇنى ئىسپاتلاش ئۇسۇلى سۈپىتىدە ، مۇھەممەت ئاساد تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان مۇقەددەس قۇرئاننىڭ نۇسخىسىنى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە سېتىۋالماقچىمەن . ئۇلار ئۇنى ئوقۇشقا ھەمدە نىمىنى ئويلىغانلىقىنى ماڭا دىيىشكە ۋەدە بەردى . سىز بۇنى ياخشى پىكىر دەپ قارامسىز ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
قۇرئان مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى قۇرئان دەپ قارالمايدۇ ، ھەمدە ھەممە جەھەتتىن ئوخشاش ئورۇندا تۇرمايدۇ . بەلكى ئۇ قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى يېشىپ بىرىدىغان ۋە چۈشىنىشكە ياردەم قىلىدىغان ئەرەپچە يەشمە(تەپسىر)گە ئوخشايدۇ . بۇنىڭغا ئاساسەن ، كاپىرلارغا ئەرەپچە تېكىستى يوق قۇرئان مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى بىرىشكە بولىدۇ ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەرەپچە يەشمىسىنى تۇتۇشىغا بولىدۇ .
[ فەتىۋا دائىمىي كومىتېتى ، 4133 ]
بۇنىڭغا ئاساسەن سىز ئۇلارغا بۇ تەرجىمىنى بەرسىڭىز بولىدۇ . ئاللاھ بىزگە ، سىزگە كىشىلەرنى ئۇنىڭ يولىغا توغرا ئۇسۇلدا چاقىرىشقا ياردەم قىلسۇن . ئاللاھ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدنى تەرىپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن .
پېشىۋا مۇھەممەت سالىھ مۇنەججىد .
 

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد