107241: چوڭ گۇناھلار ياخشى ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋىتەمدۇ؟


سوئال: زىنا ئىنساننىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋىتەمدۇ؟ زىنادىن باش تارتالمىغان ئادەمنىڭ ئاللاھ دەرگاھىدا ياخشى ئەمەللىرى قالامدۇ؟ ياكى ئۇ تەۋبە قىلمىغىچە ياخشى ئەمەللىرى قوبۇل بولمامدۇ؟ بىر ھەدىستە« ھەر كېچىنىڭ يېرىمىدا ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ. بىر چاقىرغۇچى: دۇئا قىلغۇچىلار بولسا دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ. سورىغۇچىلار بولسا ئېرىشىدۇ. قىيىنچىلىقتا قالغانلار بولسا ئۇڭايلىق بېرىلىدۇ، دەپ چاقىرىدۇ. مۇسۇلمان كىشىنىڭ قىلغان دۇئالىرى ئىجابەت بولىدۇ. پەقەت زىناخور ئايال بۇنىڭدىن مۇستەسنا»دەپ كەلگەن. بۇ ھەدىس زىناخورنىڭ ئەمەللىرىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسەڭلا.

Published Date: 2010-08-24

جاۋاب:
قۇرئان كەرىم قارار قىلغان ۋە ئەھلى سۈننە جامائىتى ئىتتىپاققا كەلگەن ھەقىقەتلەردىن بىرى شۇكى، چوڭ گۇناھلار ۋە مەسىيەتلەر مۇسۇلماننىڭ بارلىق ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. كۇپرى بىلەن شېرىكتىن باشقا گۇناھلار مۇسۇلماننىڭ پۈتۈن ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. « سىلەردىن كىمكى دىندىن يېنىۋېلىپ مۇرتەد بولۇپ شۇ كاپىرلىق ھالىتىدە ئۆلىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار دۇزاخ ئەھلىدۇر ۋە دۇزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر»(بەقەرە 217- ئايەت).
ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: ساھابىلار ۋە ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە چوڭ گۇناھ ئىشلىگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىغا لايىق كۆيۈپ بولغاندىن كېيىن، دۇزاختىن چىقىرىلىدىغانلىقىغا، ئۇلارغا شاپائەت قىلىنىدىغانلىقىغا ۋە بىر چوڭ گۇناھنىڭ پۈتۈن ياخشى ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقىغا ئىتتىپاقتۇر. لېكىن گۇناھىغا باراۋەر كېلىدىغان ياخشىلىقى كۆيۈپ كەتسىمۇ، پۈتۈن ياخشىلىقلىرى كۆيۈپ كەتمەيدۇ. شۇنىڭدەك پۈتۈن گۇناھلارنى پەقەت تەۋبىلا يوق قىلالايدۇ. چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلغان ئادەم گەرچە ئۇ قاتتىق ئازابقا لايىق بولسىمۇ ئاللاھ رازىلىقنى ئىزدەپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ساۋاب بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ كىتابى ئوغرىلىقنىڭ، زىناخورلۇقنىڭ، مۆمىنلەرنىڭ بىر - بىرى ئۇرۇشقانلىقىنىڭ ھۆكمى بىلەن كۇففارلارنىڭ ھۆكمىنى ئىسىم ۋە ئەھكامدا پەرقلەندۈرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن سەھىھ ھەدىسلار بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ نەزەرىدە بەندە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تەقۋالىق بىلەن ياخشى ئىش ئىشلىسە، گەرچە ئۇ باشقا تەرەپتىن گۇناھكار بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەمەلى قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە ساۋاب بېرىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ قىلغان شۇ ياخشى ئەمەلىدە تەقۋالىق بولمىسا، باشقا ئىشلاردا ئىتائەتچان بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ شۇئەمەلى قوبۇل قىلىنمايدۇ.
سوئال سورىغۇچىنىڭ سوئالى سەۋباننىڭ مۇنۇ ھەدىسىنى كۆزدە تۇتسا كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« مېنىڭ ئۇممىتىمدىن بولغان بىر قەۋملەر قىيامەت كۈنى تاغدەك كۆپ ساۋابلىق ئىشلىرى بىلەن كەلسىمۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئۇبدان بىلىمەن». سەۋبان بۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللادىن شۇ قەۋمنى سۈپەتلەپ بېرىشىنى سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام « ئۇلار سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولۇپ، ئۇلار كېچىسى سىلەرگە ئوخشاش ئىبادەت قىلىدۇ. لېكىن يالغۇز قالغانلىرىدا ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلارنى قىلىدۇ» (ئىبنى ماجە، رەۋابى، تەبەرانى ۋە دىلمىيلار رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئالبانى سەھىھ ھەدىسلەر قاتارىدا سانىغان ھەدىس). مەلۇمكى، بەزى گۇناھلار بەندىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن بەزىسىنى ( شۇ مىقداردىكىنى)بىكار قىلىۋېتىدۇ. ئەمما سورىغۇچى بايان قىلغان« ھەر كېچىنىڭ يېرىمىدا ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ. بىر چاقىرغۇچى: دۇئا قىلغۇچىلار بولسا دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ. سورىغۇچىلار بولسا ئېرىشىدۇ. قىيىنچىلىقتا قالغانلار بولسا ئۇڭايلىق بېرىلىدۇ، دەپ چاقىرىدۇ. مۇسۇلمان كىشىنىڭ قىلغان دۇئالىرى ئىجابەت بولىدۇ. پەقەت زىناخور ئايال بۇنىڭدىن مۇستەسنا»دېگەن ھەدىسقا كەلسەك، بۇ ھەدىسنى تەبەرانىي رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي سەھىھ ھەدىسلار قاتارىدىن سانىغان. بۇ ھەدىس زىنادىن باش ئالالمايدىغان كىشىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ بېكار بولۇپ كېتىشىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى گۇناھلار دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشى ئۈچۈن توسقۇندۇر. گۇناھقا داۋام قىلىۋەرگەن ۋە تەۋبە قىلىشنى خالىمىغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئاللاھ قانداق قوبۇل قىلسۇن !
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچى زاتتۇر.

www.islamqa.com
Create Comments