سۇئال
سوئال: زىنا ئىنساننىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋىتەمدۇ؟ زىنادىن باش تارتالمىغان ئادەمنىڭ ئاللاھ دەرگاھىدا ياخشى ئەمەللىرى قالامدۇ؟ ياكى ئۇ تەۋبە قىلمىغىچە ياخشى ئەمەللىرى قوبۇل بولمامدۇ؟ بىر ھەدىستە ھەر كېچىنىڭ يېرىمىدا ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ. بىر چاقىرغۇچى: دۇئا قىلغۇچىلار بولسا دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ. سورىغۇچىلار بولسا ئېرىشىدۇ. قىيىنچىلىقتا قالغانلار بولسا ئۇڭايلىق بېرىلىدۇ، دەپ چاقىرىدۇ. مۇسۇلمان كىشىنىڭ قىلغان دۇئالىرى ئىجابەت بولىدۇ. پەقەت زىناخور ئايال بۇنىڭدىن مۇستەسنادەپ كەلگەن. بۇ ھەدىس زىناخورنىڭ ئەمەللىرىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسەڭلا.