110112: ئوقۇغۇچىلارنىڭ بانكىدىن پۇل قەرز ئېلىشى توغرىسىدا


بانكا ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى سىياسەتتە، بانكا يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپنىڭ كىپىللىكى ياكى خىزمەت ئورنىنىڭ كىپىللىكى بىلەن قەرز بېرىدۇ، 60% نەخ پۇل، 40% سېتىلىدىغان نەرسىلەر بولۇپ، پايدا نەخ پۇلنى بانكىدىن ئالغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، سېتىلىدىغان نەرسىلەرگە بولسا تاپشۇرۇپ ئىلىپ 45كۈن بولغاندىن كېيىن ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئىش جازانە بولامدۇ؟ ئەگەر جازانە بولسا، بۇ شەكىلدىكى مۇئامىلە تاماملانغان بولسا بۇنىڭ كاپارىتى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Published Date: 2016-12-15

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: يۇقىرىدىكى سوئالدا بايان قىلىنغان ئىش بولسا، جازانە شەكىلدىكى قەرىزنىڭ بىر كۆرۈنىشى بولۇپ، بۇ جازانە بانكىلىرىنىڭ مېتۇدى، توغرا بولمىغان ئىشنى داۋاملاشتۇرۇشى، گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلىشى، زېمىندا پاساتچىلىقنى تارقىتىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا جازانە شەكىلدە مۇئامىلە قىلغۇچىلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىش بىلەن ئازابىنى ۋەدە قىلدى. جازانىنىڭ ئاقىۋىتىنى ھالاك قىلدى، جازانە بىلەن جىنايەت كۆپەيدى، تۈرلۈك بالا-قازا، كېسەللىك ھادىسىلەر كەڭ تارقالدى. شۇنداقلا بەزى ھەقتىن چەتنىگەن غاپىل كىشىلەر، ئىشسىز قالغان ياشلارغا بانكا خىزمەت بەردى دەپ ئويلايدۇ، ئەمما جازانىنىڭ تۈرلۈك بالا-مۇسىبەت، نامراتلىق ۋە جەمئىيەتنىڭ ۋەيران بولىشىنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى تۇيمايدۇ. 

    ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسى مەنپەئەت ئاساسىغا مۇئامىلە قىلىنغان قەرىزنىڭ جازانە بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم نىسبەتتە پايدا بېرىش بەدىلىگە بېرىلگەن قەرز شەكسىز ھارامدۇر.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زىيادە بېرىش شەرتى بىلەن بېرىلگەن ھەرقانداق قەرز شەكسىز ھارام بولىدۇ".

     ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىغا ئارتۇق بېرىش ياكى سوغات بېرىش شەرتى بىلەن قەرز بەرگەن بولسا، بۇنىڭ جازانە بولىدىغانلىقىغا ئالىملار بىرلىككە كەلگەن. ئۇبەي ئىبنى كەئەب، ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن بايان قىلىنغان ئەسەردە: ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەنپەئەتنى كۆزلەپ قەرز بېرىشتىن چەكلىگەن." ["ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسەر 6-توم 436-بەت].

    ئالغان قەرز مال بولسۇن ياكى ئالتۇن-كۈمۈش بولسۇن ياكى مالغا سېتىۋالىدىغان نەرسە بولسۇن پايدىنى شەرت قىلسا بۇنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ھارام بولىدۇ.

    ئەزھەر ئىسلام تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھىجىريە 1385-يىلى، مىلادىيە 1960-يىلى  35 ئىسلام دۆلىتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان يىغىندا ئىلىنغان قاراردا: پايدا ئاساسىغا بېرىلگەن قەرز تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى جازانە بولىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر. مەيلى سەرپ قىلىش ئۈچۈن بەرگەن قەرز بولسۇن ياكى ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن بەرگەن قەرز بولسۇن بۇنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، چۈنكى قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغان كەسكىن ھۆكۈملەر بۇ ھەر ئىككى تۈرنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. پايدا ئۈچۈن ھېساب ئېچىش، پايدىغا تايىنىپ ھېساب ئېچىش ۋە پايدا ئاساسىغا مۇئامىلە قىلىنغان بارلىق قەرز تۈرلىرى ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن جازانە شەكىلدىكى مۇئامىلە ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر دېيىلگەن".

    ئىسلام كونپىرانسغا قاراشلىق ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ 1985-يىلى بېكىتكەن قارارىدا: "قەرز مۇددىتى توشقاندا مەلۇم نىسبەتتە پايدا بېرىش ياكى ئارتۇق بېرىش، قەرزدار قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلگەندە مۇددەتنى كېچىكتۈرگەنلىك بەدىلىگە ئېلىنىدىغان پايدا، شۇنداقلا قەرز توختامى تۈزۈلگەندىن باشلاپلا پايدا ياكى ئارتۇق بېرىش شەرت قىلىنغان بولسا، بۇ ھەر ئىككى تۈر ئىسلام دىنىدا ھارام قىلىنغان جازانە ھېسابلىنىدۇ".

    ئىككىنچى: يۇقىرىقىدەك قەرز مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى قىلغان قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، بۇ ئىشقا ئىككىنچى قەدەم باسماسلىق ئىرادىسىگە كېلىپ، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشى كېرەك. مۇمكىن بولسا قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئادا قىلىۋېتىش ئارقىلىق جازانىنىڭ قالدۇقلىرىدىن قۇتۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى بۇنىڭدىن ساقلىسۇن.

    قەرز ئالغان كىشىنىڭمۇ ئالغان قەرزدىن ئارتۇق قايتۇرۇشى لازىم ئەمەس. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇ كىشى بۇنداق قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ، چۈنكى ئۇ قەرزنى جازانە شەكىلدىكى پايدا نىسبىتى بويىچە قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان، ئۇ كىشى جازانىدىن تەۋبە قىلسا، قەرزنى مەجبۇر بولۇپ قالغاندا جازانە شەكىلدە قايتۇرسا، ئىككىنچى قېتىم جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىق ئىرادىسىگە كەلگەن بولسا، ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلغۇچىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ.

    ئاللاھ تائالا سىزنى ۋە بىزنى جازانىدىن، ئۇنىڭ خەتىرى ۋە يامانلىقىدىن ساقلىسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
Create Comments