سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

روزا تۇتقۇچى ئازراق بولسىمۇ سوھۇرلۇق يېيىشى كېرەك

سۇئال

رامىزان ئېيىدا سوھۇرلۇق يېيىشنىڭ پەزىلىتى ۋە بەرىكىتى توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەرنى ئاڭلىدۇق، لېكىن بىز بەزى ۋاقىتلاردا كەچلىك تاماقنى كېيىنرەك يىگەنلىكىمىز ئۈچۈن سوھۇرلۇق يېيىشنى كۆڭلىمىز تارتمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بەرىكەتنى تەرك قىلىمىز، بىزگە بۇنىڭ گۇناھى بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

ھەقىقەتەن سوھۇرلۇق يېيىش سۈننەت ۋە ئاللاھغا يېقىنلىشىدىغان ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى سوھۇرلۇق يېيىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: سوھۇرلۇق يەڭلەر، شۈبھىسىزكى سوھۇرلۇقتا بەرىكەت باردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: بىزنىڭ تۇتقان روزىمىز بىلەن ئەھلى كىتابلار يەنى يەھۇدىي-ناسارالارنىڭ تۇتقان روزىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق سوھۇرلۇق يېيىش بىلەن ئايرىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ سوھۇرلۇق يەيتتى، سوھۇرلۇق يېيىش پەرز ئەمەس بەلكى سۈننەت بولۇپ، سوھۇرلۇق يېمىسە گۇناھ بولمىسىمۇ لېكىن سۈننەتنى تەرك قىلغان بولىدۇ. ئازراق بولسىمۇ سوھۇرلۇق يېيىش كېرەك. ئاسان ھەزىم بولىدىغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش كېرەك. بىر قانچە تال خورما ياكى بەزى يېمەكلىك بىلەنمۇ بولىدۇ ياكى تاماقنى كۆڭلى تارتمىسا ئازراق سۈت ياكى مېۋە-چېۋە ياكى سۇ ئېچىۋەتسىمۇ بولىدۇ. لېكىن سوھۇرلۇقنى تەرك قىلماسلىق كېرەك. سوھۇرلۇق يېيىشتە بەرىكەت بولۇپ، روزا تۇتقۇچىنىڭ كۈندۈزلۈك ئىشلىرىنىڭ نورمال داۋاملىشىشىغا ياردەمچى بولىدۇ. روزا تۇتقۇچى ئازراق بولسىمۇ سوھۇرلۇق يېيىشى كېرەك. مۇسۇلمانلار ئازراق بولسىمۇ سوھۇرلۇق يەپ بۇ بەرىكەتنى زايا قىلىۋەتمەسلىكى لازىم.

ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

مەنبە: (پەتىۋا نۇرۇن ئەلەددەرب )