سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

كوممونىستىك تۈزۈم ئاستىدا ياشاپ ناماز-روزىنىڭ ھۆكمىنى بىلمىگەن كىشى ئۆتۈپ كەتكەن ناماز-روزىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟.

سۇئال

مەن بۇلغارىيەدە ياشايدىغان مۇسۇلمان قىز، بىز كوممونىستىك تۈزۈم ئاستىدا ياشايمىز، ئىسلامدىن ھىچ نەرسىنى بىلمەيمىز، نۇرغۇن ئىبادەتلەر ھۆكۈمەت تەرەپتىن چەكلەنگەن، مەنمۇ 20 ياشقا كىرگەنگە قەدەر ئىسلامدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيتتىم، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن شەرىئەتكە يېتەكلەندىم، مەن ئىلگىرى ئوقۇيالمىغان ناماز، تۇتالمىغان روزىلىرىمنىڭ قازاسىنى قىلىمەنمۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

بىرىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى قىرىق يىلدىن بىرى مۇسۇلمانلارنى تۈپ-يىلتىزىدىن يوقۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلىپ بەزىسىنى موزىيخانىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويغان، دىنى مەكتەپلەرنى چىقىپ تاشلىغان، مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى ئۆزگەرتىشكە، ئىسلامىي كىملىكنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن، زالىم، پاجىر كوممونىستىك تۈزۈمدىن قۇتۇلدۇرغانلىقىغا چەكسىز تەشەككۈر ئېيتىمىز. بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى،  كاپىرلار ئىسلام ۋە ئەھلىنى يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۆز نۇرىنى ئۈستۈن قىلماي قالمايدۇ.

1989-يىلى بۇلغارىيەدە ياۋۇز زالىم كوممونىستىك تۈزۈم ئاغدۇرۇلدى، مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن چەكسىز خۇرسەن بولدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىمى مەسچىتلىرىنى قايتىدىن تۈزەشتۈرۈپ رىمونت قىلدى. پەرزەنتلىرىگە قۇرئان ئۆگىتىش  ۋە دىنى تەلىم-تەربىيە بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. كوچا-كويلاردا ھىجاب بىلەن ئىسلامىي كىيىم كىيگەن ئاياللار كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى.

ئاللاھ تائالادىن دۇنيادا ئېزىلىۋاتقان زۇلۇم چېكىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى دىنىغا گۈزەل شەكىلدە قايتۇرۇپ، ئۇلارغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى ئىززەتلىك قىلىپ،  دۈشمەنلىرىنى خار قىلىشىنى سورايمىز.

ئىككىنچى: مۇسۇلمانلاردىن بىر ئەۋلاد كىشىلەر بۇلغارىيەدە كوممونىستىك تۈزۈم ئاستىدا ئىسلامدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەستىن ئۆسۈپ يېتىلدى، گەرچە ئۇلار مۇسۇلمان بولسىمۇ، كوممونىستىك تۈزۈم ئۇلارنىڭ ئىسلام تەلىماتلىرىنى ئۆگىنىشىنى توستى، ھەتتا ئۇلار بۇلغارىيەگە قۇرئان-كەرىم ۋە ئىسلامىي كىتابلارنىڭ كېرىشىنىمۇ چەكلىدى.

ئۇلار ئىسلام ھۆكۈملىرىدىن، ئىبادەتنىڭ پەرز-ۋاجىبلىرىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەستىن ياشىدى. ئۇلار بىلمەي ئۆتۈپ كەتكەن ئىبادەتلەرنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ، مۇسۇلمان شەرىئەت بىلىملىرىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىسە، دىنى ھۆكۈملەر ئۇلارغا يەتمىسە ئۇلارغا ھېچ نەرسە ۋاجىپ بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كاپىرلار دىيارلىرىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىشتىن ئاجىز كەلگەن ئەھۋالدا، مۇسۇلمانلارغا قىلىش قېيىن بولغان شەرىئەت پرىنسىپلىرى ئۇلارغا ۋاجىپ بولمايدۇ. بۇ مەسىلىدە مۇسۇلمان ئالىملىرى ئارىسىدا ھېچ قانداق ئىختىلاپ يوق. بەلكى ئىبادەت ئۇلارغا ئۆز تاقىتى بويىچە ۋاجىپ بولىدۇ. نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن بىر دەۋر ياشىغان بولسا، نامازنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىنغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆتۈپ كەتكەن نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىيپە رەھىمەھۇللاھنىڭ، زاھىرى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ ۋە ئىمام ئەھمەدنىڭ كۈچلۈك قاراشلىرىنىڭ بىرىدۇر. رامىزان روزىسى، زاكات ۋە باشقا ئىبادەتلەرمۇ يۇقىرىقى ھۆكۈمگە قىياس قىلىنىدۇ. ئەگەر ھاراقنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن ئىچكەن بولسا بارلىق مۇسۇلمان ئالىملىرى بۇنىڭغا ھەد يەنى جازا ئىجرا قىلىنمايدۇ دېگەنگە بىرلىككە كەلگەن. ئەمما نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىسىدە ئازراق ئىختىلاپ بار.

بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى:  شەرىئەت ھۆكۈملىرى، ھۆكۈمنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگەن كىشىلەرگىمۇ يۈرگۈزۈلەمدۇ ياكى بىلگەندىن كىيىن يۈرگۈزۈلەمدۇ؟ دېگەن ئاساستىن كېلىپ چىققان پەرقلىق چۈشەنچىلەردىن ئىبارەتتۇر.

توغرىسى: ھۆكۈمنى ئىسپاتلاش، ھۆكۈمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن بولىدۇ. پەرز ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىبادەتلەرنىڭ قازاسى قىلىنمايدۇ. سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنىشچە: ساھابىلەردىن بەزىسى ئاق يىپنى قارا يىپتىن ئايرىغۇدەك يورۇق چۈشكىچە سەھەرلىك يېسە بولىدۇ دەپ چۈشۈنۈپ، رامزاندا تاڭ يورۇغاندىن كېيىنمۇ يېمەك  يېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇمىغان. ئەبى زەر، ئۆمەر ۋە ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارغا ئوخشاش جۇنۇپ بولغاندا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشنىڭ دۇرۇسلۇقىنى بىلمەستىن ناماز ئوقۇمىغان ساھابىلارغىمۇ ئۆتۈپ كەتكەن نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇمىغان.

مەككىدە ۋە باياۋانلاردا قىبلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى بىلمەستىن، رەسۇلۇللاھتىن خەۋەر يەتكۇزۇلگۈچە بەيتۇل مۇقەددەسكە قاراپ ناماز ئوقۇغانلارغىمۇ نامازنى كەبىگە قاراپ قايتىدىن ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان. بۇنداق مىساللار كۆپ بولۇپ، بۇ ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ تۇتۇپ ماڭغان ساغلام پرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ، ھەرقانداق بىر ئىبادەت، قىلغۇچىنىڭ قادىر بولۇش شەرتى بىلەن پەرز قىلىنىدۇ. جازامۇ بۇيرىغان ئىشنى قىلمىغانلىق ۋە چەكلەنگەن ئىشنى قىلغانلىقىغا ئىسپات تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدۇ. تۈگىدى "پەتىۋالار توپلىمى" 19-توم 225-بەتكە قارالسۇن. يۇقىرىقى ھۆكۈمگە ئاساسەن پەرزلىكىنى بىلمەستىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىبادەتلەرنىڭ قازاسى قىلىنمايدۇ.

بىزنىڭ سىلەرگە نەسىھىتىمىز: سىلەر شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىشكە، دىننى چۈشىنىشكە يۈزلىنىڭلار، ئىسلامنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەل قىلىشقا، ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشكە، ئۇلارنى ئومۇمەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى، خۇسۇسەن سىلەر دۇچ كەلگەندەك قارشىلىققا تاقابىل تۇرغىدەك ئىقتىدارغا ئىگە قىلىشقا تىرىشىڭلار. ئاللاھ تائالادىن ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئىززەت ئاتا قىلىشىنى سورايمىز.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى