جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

مېيىت ئۈچۈن كېپەنلىكنىڭ قانداق بولىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا

سۇئال

    ئەر كىشى ياكى ئايالنى كېپەنلەش دۇرۇس بولىدىغان كېپەننىڭ ئەڭ ئاز ئۆلچىمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: بۇ ھەقتە 98308-98189- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا، مېيىتنى كېپەنلەش ئۈچۈن ئەر بولسا ئۈچ پارچە رەخت، ئايال بولسا بەش پارچە رەخت بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

   ئىككىنچى: مېيىتنى كېپەنلەش دۇرۇس بولىدىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ۋاجىپ ئادا بولىدىغان كېپەننىڭ ئەڭ ئاز ئۆلچىمى: پۈتۈن بەدەننى ئورايدىغان بىر پارچە رەخت بولىدۇ. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبى ۋە ئىمام مالىكتىنمۇ بىر قاراش بار. ["ھاشىيەتى ئىبنى ئابىدىين" 3-توم 98-بەت. "ئەلمۇغنى" 3-توم 386-بەت. "مەۋاھىبۇل جەلىيل" 2-توم 266-بەت].

   ئۇلارنىڭ دەلىلى: خەبباب ئىبنى ئەرەتتى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئوھۇد كۈنى مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير ئۆلتۈرۈلگەندە، ئۇنى ئورايدىغانغا بىر پارچە رەختتىن باشقا نەرسە يوق ئېدى، ئۇنىڭ بىلەن بېشىنى ئورىساق پۇتى ئېچىلىپ قالاتتى، پۇتىنى يۆگىسەك بېشى ئېچىلىپ قالاتتى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە: «ئۇنىڭ بىلەن بېشىنى ئوراپ، پۇتىنى چىغ بىلەن ئوراڭلار دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى4047-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى940-ھەدىس].

    زەيلەئىي مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس يالغۇز ئەۋرەتنى ئوراشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. "ھاشىيەتى ئىبنى ئابىدىين" 3-توم 98-بەت.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن مېيىت پۈتۈن بەدىنىنى ئورايدىغان بىر پارچە رەخت بىلەن ئورالسا دۇرۇس بولىدۇ. بۇ مەسىلىدە كەڭرىچىلىك بار. ["ئىبنى باز پەتىۋالىرى" 13-توم 127-بەت].

   بەسسام "تەۋزىھىل ئەھكام" 2-توم 39-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "مېيىت چوڭ بولسۇن ياكى كېچىك بولسۇن. ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، مېيىتنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى بىر پارچە رەخت بىلەن ئوراش ۋاجىپ بولىدۇ".

    شاپىئى مەزھىبىگە كۆرە، كېپەننىڭ ئەڭ ئاز ئۆلچىمى: ئەۋرەتنى ياپسا بولىدۇ. ئايال ئۈچۈن پۈتۈن بەدىنىنى ياپىدىغان بىر پارچە رەخت بولسا بولىدۇ، لېكىن يۇزى بىلەن ئىككى ئالقىنى ئورالمايدۇ. بۇ مالىكى مەزھەپتىكى ئىككىنچى قاراشتۇر. ["ئەلمەجمۇ" 5-توم 162-بەت. "مەۋاھىبۇل جەلىيل" 2-توم 266-بەت].

    ئۇلار بۇنىڭغا مۇسئەپ ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى دەلىل قىلدى.

     ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: " ئەگەر پۈتۈن بەدىنىنى ئوراش ۋاجىپ بولغان بولسا ئېدى، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن قورال-ياراقلىرىنى سېتىپ كېپەنلىك سېتىۋالاتتى. ئەگەر مال بولمىسا ۋە مۇسۇلمانلار ئۇنداق قىلالمىسا بەيتۇل مالدىن ئېلىپ تولۇقلاش ۋاجىپ بولاتتى. ["ئەلمەجمۇ" 5-توم 150-151-بەت].

    بۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋاپ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلار ئوھۇد كۈنىدە شېھىتلەرنى كىپەنلەيدىغان رەخت تاپالمىدى، ھەتتا ئىككى كىشىنى بىر كېپەن بىلەن كېپەنلىدى. بۇ توغرىدا جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوھۇد ئۇرۇشىدا شېھىت بولغان ئىككى كىشىنى بىر كېپەن بىلەن كىپەنلەپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ قايسىسى قۇرئاننى كۆپ بىلىدۇ؟ دەپ سورايتتى، ئىككىسىنىڭ قايسىسىغا ئىشارەت قىلىنسا ئۇنى دەسلەپتە لەھەدكە قوياتتى». ئۇلار ئوھۇدتا شېھىت بولغانلارنى كىپەنلەيدىغان نەرسە تاپالمايۋاتسا، كىپەنلىكنى قەيەردىن سېتىۋالىدۇ؟!. ئەگەر كىپەنلىك قىسقا ياكى تار بولۇپ، مېيىتنى پۈتۈن ئورىغىلى يەتمىسە، بەدىنىنى بېشى تەرىپىدىن كىپەن بىلەن ئوراپ، تۆۋەندىن ئېچىلىپ قالغان يەرلىرىنى چىغ ياكى باشقا ئوت-چۆپلەر بىلەن ئورايتتى. ئۇنداق بولىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسئەپ ئىبنى ئۆمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋەقەلىكىدە قىلغان مۇنۇ سۆزىدۇر: «رەخت بىلەن بېشىنى ئوراڭلار، پۇتىنى چىغ بىلەن ئوراڭلار». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ: "شەرھىل مۇمتى" 5-توم 225-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس مېيىتنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئوراشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ساھابىلارنى كېپەنلەشتە ئۇلارنىڭ كىيىمى قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ باش تەرىپىنى رەخت بىلەن، ئاياغ تەرىپىنى چىغقا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن ئوراشقا بۇيرىغان.

    ئەگەر كىيىمى كۆيۈپ كېتىپ ياكى كېپەنلىك قىلىدىغانغا كىيىم بولمىسا، ئۈستىنى ئوت-چۆپلەر بىلەن ئوراپ دەپنە قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇمۇ بولمىسا، قانداق ۋاپات بولغان بولسا شۇ ھالەتتە دەپنە قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ‏فاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ تەرجىمىسى: «تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى