جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

مەن بەزى دىنى پەنلەرنى دەرسلىك قىلدىم، بۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىشىم كېرەكمۇ؟

103895

تارقاتقان ۋاقىت : 14-09-2020

كۆرگۈچىلەر : 4402

سۇئال

مەن شەرئى بىلىملاردىن تولۇق تەلىم ئالماستىن بەلكى تەۋھىد ئىلمىگە ئالاقىدارلىق بولغان؛ ئاللاھنىڭ ئىبادەتتە ھېچ شېرىكى يوقلىقى، پەرۋەردىگارلىقتا يەككە-يېگانىلىكى، گۈزەل ئىسىم ۋە ئېسىل سۈپەتلىرىدە تەڭداشسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەقىدە مەسىلىلىرىنى ياخشى ئۆگەندىم. ئۇنىڭدىن سىرت شەيخ ھاپىز ئەلھەكەمىينىڭ: مەئارىجىل قەبۇل ناملىق ئەسىرىدىكى تەۋھىدكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئۆگەندىم. ئاندىن كىيىن ئۇستازىمىز بىزگە ھەدىس ئاتالغۇلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى بىلىملەر ۋە ھەدىسلەرنى دەرسلىك قىلىپ بەردى. ئىمام نەۋەۋىينىڭ پىقھى كىتابلىرىدىن بەزى بابلارنى ۋە پەزىلەتلىك ئەمەللەرگە مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەرنى دەرسلىك قىلدىم. كېيىن ئۇستازىمدىن ئايرىلىپ، مەسچىتتە ئاياللارغا دىنى تەلىم بېرىشتىن ئىبارەت بولغان مۇھىم خىزمەتكە دۇچ كەلدىم، مەن مۇشۇ تۆۋەن سەۋىيەم بىلەن ئۇلارغا دەرس بەرسەم گۇناھ بولامدۇ؟، شۇنداقلا شەرئى دەرس بېرىشكە لايىق بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

سىزنىڭ دىننى ئۈگىنىپ ئۇنى باشقىلارغا ئۈگىتىشكە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىز ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا سىزگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن. سىزنىڭ خالىس نىيەت بىلەن قىلغان بۇ خىزمىتىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئەجىر-ساۋاپ بېرىدىغانلىقى بىلەن خوش خەۋەر بېرىمىز. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى، ئاسمان-زېمىن ئەھلى ھەتتا ئۇۋىسىدىكى چۈمۈلىلەردىن تارتىپ سۇدىكى بىلىقلارغىچە قەدەر، ئىنسانلارغا ياخشىلىقنى تەلىم بەرگەن كىشى ئۈچۈن ئاللاھدىن رەھمەت تەلەپ قىلىدۇ. [تىرمىزىي رىۋايىتى 2609-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرى 1838-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن، ئىنسانلارغا دىنى تەلىم بەرگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دۇئاغا ھەقلىق بولىدۇ. چۈنكى كىشىلەرگە ئۆگەتكەن نەرسە ئۇلارنى ياخشىلىققا ئىلىپ بارىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنىڭدىن باشقىلارغا بىرەر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار. [بۇخارى رىۋايىتى 3461-ھەدىس].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر "پەتھۇل بارى" ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەدىسنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "بىرەر ئايەت دېگەن سۆز بىرەر ئايەتنى ئاڭلىغان ھەرقانداق كىشى، بۇ ئايەتنى دەرھال باشقىلارغا يەتكۈزۈشكە ئالدىرايدۇ، گەرچە ئاز بولسىمۇ شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەليھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزۈشكە ئۇلىشىدۇ". تۈگىدى.

ئىنسانلارنى دىنى ئىشلارنىڭ بىرەرسىگە دەۋەت قىلىدىغان كىشى، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپنى نېمىگە چاقىرىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىشى كېرەك. يەنى شەرىئەت بىلىملىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىشى شەرت قىلىنمايدۇ. بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان ئۆزى دەۋەت قىلىۋاتقان نەرسىنى بىلىدىكەن، ئۇنىڭ چوڭ ئالىم بولىشى ياكى ئىلىم تەلەپ قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچى بولىشى ياكى ئادەتتىكى بىر ئىنسان بولىشىنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، لېكىن ئۇ كىشى ئۆزى دەۋەت قىلىۋاتقان مەسىلىنى تولۇق بىلىشى ۋە ماھىيىتىنى ياخشى چۈشەنگەن بولىشى لازىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭمېنىڭدىن باشقىلارغا بىرەر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار دېگەن مۇبارەك سۆزىدە، دەۋەت قىلغۇچىنىڭ ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن چوڭ ئالىم بولىشى كېرەكلىكى شەرت قىلىنماستىن بەلكىئۇ ئۆزىنىڭ نېمىگە دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشى شەرت قىلىنىدۇ.ئەمما ئۆزىنىڭ ھېس- تۇيغۇ ۋە قىزغىنلىقىغا تايىنىپ، ماھىيىتىنى بىلمىگەن ئىشقا كىشىلەرنى دەۋەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈندىنغا دەۋەت قىلىۋاتقان بەزى قېرىنداشلىرىمىزغا قارايدىغان بولساق ئۇلاردا يېتەرلىك دىنى بىلىم بولمىسىمۇ ئەمما ئۆزلىرىنىڭ تۇيغۇ ۋە قىزغىنلىقى بىلەن دەۋەت قىلىپ، ئۆزلىرى باشقىلارنى بۇيرۇۋاتقان ياكى توساۋاتقان ئىشلارنىڭ ماھىيىتىنى بىلمەستىن، ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە ھارام قىلمىغان، چەكلىمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنىچەكلەپ قويىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە ۋاجىپ قىلمىغان بەزى ئەمەللەرنى ۋاجىپ قىلىپ قويىدۇ. مانا بۇنداق قىلىش ناھايىتى خەتەرلىكدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَقُولُوا لِمَا تَصِفُ أَلْسِنَتُكُمُ الْكَذِبَ هَـٰذَا حَلَالٌ وَهَـٰذَا حَرَامٌ لِّتَفْتَرُوا عَلَى اللَّـهِ الْكَذِبَ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّـهِ الْكَذِبَ لَا يُفْلِحُونَ ، مَتَاعٌ قَلِيلٌ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ 

تەرجىمىسى: «ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (ھېچقانداق دەلىلسىز) بۇ ھالال، بۇ ھارام دېمەڭلار، چۈنكى (مۇنداقتا) ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدورغۇچىلار ھەقىقەتەن (دۇنيا ئاخىرەتتە) مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. (ئۇلار دۇنيادىن پەقەت) ئازغىنا بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.» [سۈرە نەھل 116-117-ئايەت]. "ھەرەم دىيارى ئۆلىمالار پەتىۋاسى" ناملىق ئەسەر 329-بەت.

يۇقىرىقى دەلىل ۋە ئەھلى-ئىلىملارنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسەن: بىز سىزنى شەرئى بىلىملەرنى تەلىم ئىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىز ۋە ئۇنى باشقىلارغا ئۈگىتىشىڭىزگە رىغبەتلەندۇرىمىز. ئاللاھ تائالا سىزگە ئەقىدە مەسىلىلىرىدىن ۋە ئىبادەتلەردىن بىلىشنى مۇيەسسەر قىلغانلىرىنى بىلگىنىڭىزچە كىشىلەرگە يەتكۈزۈڭ. ئىلىم ئۆگىنىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشەنچىلىك ئالىملارنىڭ ئاۋازغا ئىلىنغان دەرسلىرىنى ئاڭلاپ بېرىڭ. ئاللاھنىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن شەرئى دەرسلەر بەزى تور بەتلىرىدە ناھايىتى كۆپ تېپىلىدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ ئاۋازغا ئىلىنغان دەرسلىرىنى ئاڭلاڭ، شەيخنىڭ دەرسلىرىدە كۆپ ياخشىلىق ۋە نۇرغۇن ئىلىم باردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئىمكانىيەت بولسا ساغلام ئەقىدىلىك، ئىلىم-مەرىپەتتە تونۇلغان ئالىملارنىڭ دەرسلىرىگە قاتنىشىڭ، ئەسەرلىرىنى ئوقۇڭ ۋە ئىزدىنىڭ. مانا بۇ ئارقىلىق دىنى چۈشەنچىڭىز چوڭقۇرلايدۇ ۋە بىلىم سەۋىيەرىڭىز يۇقىرىلايدۇ.

ئاللاھ تائالا بىز ۋە سىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا يېتەكلىسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى